بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > تارىخ/مەدەنىيەت > تارىخىي ھېكايە فىلىم-جىگدە يېغىلىقى

    تارىخىي ھېكايە فىلىم-جىگدە يېغىلىقى

    yeghiliq2

    مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن.

    سېنارىست: قىسمەت

    رېژىسسور: جاڭ يىمۇ، تۇيغۇن ئەھمىدى

    ئوپېراتور: شىرزات ياقۇپ قاتارلىقلار

    ئاساسىي روللاردا:

    ئامانبەگ رولىدا: ۋارىس ئىسلام

    خې فېي رولىدا: چېڭ لوڭ

    ئابدۇللا بەگ رولىدا: مەھەممەت شېرىپ

    سۇچىڭ رولىدا: ۋېي زوڭۋەن («ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» فىلىمىدە سىمايىنىڭ رولىدا چىققان ئارتىس)

    فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

    چيەنلۇڭ زامانىسىدا چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن خوجىلار ئارىسىدىكى بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا، خوجىلار تەرەپتىن ئىپارخان چيەنلۇڭ خانغا ئەسىر چۈشىدۇ. ئىپارخان چيەنلۇڭ خاننىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئانا يۇرتى ئىشقىدا كېچە – كۈندۈز يىغلاپ ئۆتىدۇ. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن، چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەخسۇس ئۇيغۇر پاسونىدىكى بىر يۈرۈش ھويلا-ئارام تەييارلايدۇ، بۇنىڭغا دىيارىمىزغا خاس بولغان ھەرخىل دەل- دەرەخ تىكىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.

    يۇقىرىقى سەۋەبلەرگە كۆرە، مىلادىيە 1765-يىلى ئۇچتۇرپان شەھىرىگە جىگدە ئالۋىنى چۈشىدۇ. ئۇچتۇرپاننىڭ شۇ چاغدىكى ئامبالبېگى ئابدۇللا بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرگۈچىسى سۇچىڭ ئۆزىنىڭ بىر قاتار سىياسىي قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇچتۇرپان دىيارىدا نامى چىققان رەھمىتۇللا بەگنى كۆزدىن يوقىتىشنى نىيەت قىلىپ، ئۇنى بۇ ئىشقا باش قىلىش باھانىسى بىلەن، نەچچە مالتاققا جىگدە كۆچىتىنى تىكتۈرۈپ، بېيجىڭغا يولغا سالىدۇ. رەھمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدىكى بۇ كارۋان ياڭخې (ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزا، «ئاچاتاغ» دەپ ئاتىلىدۇ) غا كەلگەندە، كارۋان ئىچىدىكى چىڭ چېرىكلىرىنىڭ كاتتىسى (سۇچىڭنىڭ ئوغلى) ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى ئۇرۇپ-سوقۇپ، بىر نەپىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئىشلەمچىلەر سۇچىڭنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاھان تارىخىدا مەشھۇر بولغان «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىدۇ.

    بۇ ئىنقىلاب داۋاملىشىپ ئالتىنچى ئېيىغا قەدەم قويغاندا، ئىنقىلاب بېشى رەھمىتۇللا بەگ، ئىزباسارى (ئوغلى، بەزى ماتېرىياللاردا ئىنىسى دەپمۇ قارىلىدۇ) ئەسمىتۇللا بەگلەر خائىنلارنىڭ كاساپىتى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. ئىگىسىز قالغان خەلقنىڭ تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كېتىشى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان پەيتتە، رەھمىتۇللا بەگنىڭ قىزى مايسىخان ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن بېسىپ (ئۆزى بىلەن قۇرداش ئالتە قىزنىڭ ھەمكارلىقىدا) خەلقنى تەشكىللەپ تاغ، جىلغا، ئورمانلىقلاردا يوشۇرۇنۇپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بىرىدۇ.

    مۇشۇ تارىخىي ۋەقەلەر يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى كەينىدە، ئەل ئىچىدە نامى چىقىشقا باشلىغان ئامانبەگ ياشىنىپ قالغان ئاتىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان توسقىنىغا قارىماي، سەپكە قوشۇلۇپ كېتىدۇ.

    ئامانبەگ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پەخرى ھېسابلىنىدىغان يەتتە قىزنىڭ ئاقتوقاي تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئۆزلىرىنى تاشلىۋالغىنىغىمۇ شاھىت بولىدۇ.

    ئاقىۋەت، ئامانبەگ قالغان قوزغىلاڭ قاتناشچىلىرىنى باشلاپ، چىڭ چېرىكلىرى بىلەن يەنە پىداكارلىق بىلەن ئېلىشىدۇ، ئەپسۇس، غايەت زور ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن چىڭ چېرىكلىرى ئۇلارنى تىرىك تۇتۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ.

    قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چىڭ چېرىكلىرى ئۇچتۇرپاندا قەتلىئام يۈرگۈزىدۇ، بۇ ۋەقەلەرنى قەلەمگە ئالغان موللا شاكىر ئېيتقاندەك: «ئۇچتۇرپان شەھىرىدە ئاتا ئۈچۈن يىغلايدىغان بالا، ئەر ئۈچۈن يىغلايدىغان ئايال قالمايدۇ، (قان ئېقىپ تۇرغانلىقتىن) توشقان دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۈچ يىلغىچە ئىچكىلى بولمايدۇ».

    چىڭ ئىمپېراتورى چيەنلۇڭ ئەسىرگە چۈشكەن ئۇچتۇرپان باھادىرلىرىنى ئاستانە بېيجىڭغا يوللاپ بېرىش خۇسۇسىدا پەرمان چۈشۈرىدۇ. يېرىم يولغا كەلگەندە، ئامانبەگ چىڭ چېرىكلىرى ئارىسىدىكى ۋىجدانلىق ئەرلەردىن ھېسابلىنىدىغان خې فېينىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن قېچىپ كېتىدۇ، ئامانبەگ شۇ قاچقانچە قۇمۇل دىيارىغا بېرىپ يوشۇرۇپ، ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

    ئۇچتۇرپان دىيارىدا ئادەم زاتى قالمىغانلىقى سەۋەبىدىن چىڭ دائىرىلىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن ئۇچتۇرپان شەھىرىگە ئادەم كۆچۈرىدۇ.

    ئارىدىن 15 يىلچە ۋاقىت ئۆتىدۇ، ئۆز يۇرتى ئوتىدا يۈرىكى كۆيۈپ كېلىۋاتقان ئامانبەگ جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، ئۇچتۇرپان شەھىرىگە بارىدۇ.

    بىرەر ئايلارچە ۋاقىت ئۆتكەندە، ئامانبەگ بازار ئارىلاپ يۈرۈپ، كەينىگە بىرەر يۈزچە چېرىكنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن بىر مانجۇ كاتتىباشنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالىدۇ… ئۇ دەل ئامانبەگنى قاچۇرۇۋەتكەن خې فېي ئىدى.

    ئامانبەگ ئۆزىنىڭ ساددا ھېسسىياتى بويىچە، خې فېيغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن تونۇشلۇق بېرىدۇ. ئەپسۇس، نەچچە قېتىملىق قانلىق جەڭلەردىن ئامان قالغان بۇ باھادىر بۇ قېتىم ئۆز ئايىغى بىلەن ئۆلۈم ئالدىغا بارىدۇ…

    ئەسلىدە ئەينى يىللاردا خې فېينىڭ ئامانبەگنى قويۇۋېتىشى بىر قېتىملىق ۋىجدان غەلىبىسى ئىدى، خالاس.

    شۇنداق قىلىپ، ئامانبەگ قولغا چۈشكەندىن كېيىن، خې فېي بىلەن بىرلىكتە باغلىنىپ، مۆلجەر تاغ راۋىقىدىن ساڭگىلىتىلغان ئارقانغا ئېسىلدۇرۇلۇپ تاغدىن تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ جەسىتى تاغدىن قاپ بېلىدە بىر مەزگىل ئېسىقلىق تۇرغاندىن كېيىن، چىرىپ بىر نەچچە پارچە ئۇستىخانغا ئايلىنىپ قالىدۇ…

    ئىزاھات:

    1. بۇ بلوگگىر قىسمەتنىڭ تۇنجى سېنارىيىسى ، كىنو قىلىپ ئىشلەش ھەققىدە بىرەر ئورۇنغا سۇنۇلغىنى يوق.

    2. بۇ كىنو پەقەت بىر ئارزۇ، خالاس. بۇ خىل كىنو روياپقا چىقامدۇ-چىقمامدۇ، بىر نېمە دېمەك تەس.



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      يەتتە قىزلىرىمغا ھەر ئۆتكىنىمدە بىر ئۇھ تارتىپ قۇيىمەن. تولىمۇ ياخشى ئارزۇ ئىكەنتۇق، ئەمما……… تەس جۇمۇ

    • 2#

      ئېسىل ئەمگەكتىن مېۋىسىدىن بىرى تەييار بوپتۇ، كىنو ئىشلەيدىغانلارمۇ سېنارىيەنىڭلا گېپىنى قىلىدىكەن، ئەسلى مۇشۇنداق تارىخىي تېمىدىكى سېنارىيىلەر كىنو قىلىپ ئىشلەنسە، زور تەسىر قوزغاش بىلەن بىرگە يەنە ئىقتىسادىي قىممەتمۇ ياراتقان بولاتتى. :|

    • 3#
      ئالىپتېكىن

      تاس قاپتىمەن چۈشۈرۈپ كۆرەي دېگىلى :sad:

    • 4#

      يائاللا…. تاس قاپتىمەن قىسمەتنىڭ دامىغا چۈشۈپ پۈتۈن فىلىم ئامبىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بۇ فىلىمنى ئىزدىگىلى… :sad:
      ئەمما بۇ سىنارىستنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن، ئەگەر مۇشۇنداق سىنارىيەلەرنى فىلىم قىلىپ ئىشلەش پۇرسىتىمىز بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى

    • 5#
      يالقۇن تۇرغۇن

      بۇ ئارزۇيىڭىز ناھايىتى ئۇلۇغكەن ،ھەرگىز بىر خىيال دەپ ئويلىماي ،تولۇق كىنو سىنارىيىسىنى يېزىپ چىكىڭ، ئاندىن كېيىن كىنو ياكى كۆپ قىسىملىق تارىخىي تېلىۋىزىيە فىلىمى ئىشلەش توغرىسىدا ئىزدەنسەك بولىدۇ… پىكىر ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە مەن بىلەن ئېلخەتتە ئالاقە قىلىڭ ، تېزرەك تۇتۇش قىلارسىز، ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت ،بۇ ئۇلۇغۋار غايە جايىدىلا كۆمۈلۈپ قالمىسۇن ، ئۇتۇغ تىلەيمەن.

    • 6#
      يالقۇن تۇرغۇن

      ئالاقە قىلىش ئىلخەت yalqun@sohu.com، ئالاقە قىلىشىپ تۇرلى. ئۇخلاپ قالماڭ!!!

    • 7#

      بۇ فىلىم ئىشلەنسە ئۇيغۇر كىنوچىلىقى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بۇلاتتى،ئاللاھ بۇ كاتتا ئىشنىڭ تىزراق روياپقا چىقىشىغا نىسىب قىلغاي.

    • 8#
      كۆكتاش

      ياخشى پىكىر ئىكەن،
      مەن تارىخىي ھەمىدىدىن دەل شۇ مەزمۇنلارنى ئوقۇۋاتقان ئىدىم.

    • 9#
      كۆكتاش

      بۇ ھەقتە يەنە قاينام ئۆركىشى ناملىق روماندىمۇ تەپسىلىي بايانلار بار.
      ئىسىمدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا، مۇشۇ ھەققىدە دراممامۇ ئىشلەنگەنغۇ دەيمەن. سەھنىدە ئەمەس، بەلكى ئۆي ئىچى ۋە سىرتتىكى ئازراق كۆرۈنۈشلەر بىلەن، ئاساسەن دىئالوگ ئارقىلىق تەسۋىرلىنىدۇ.

    • 10#

      قىسمەت ھەي قىسمەت :mrgreen: :| :|
      ئاۋۇ كىنو رەسىمدىكى فىلىم ئىشلىگەن ئورۇن ۋە ئاستىدىكى رېژىسسور،ئوپىراتور،ئارتىسلار…ئىسىملىرىنى كۆرۈپ نەدە يۈرۈپ كۆرمەي قالغان بولغىيتىم دەپ ئاھ ئۇرۇپ كىتىپتىمەن دىسە :!:
      ئىشقىلىپ تارىخ ئۇ ھامان تارىخ،تارىخ ئۇ ئۆتمۈشتىكى رىئاللىقتىن پۈتۈلگەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە موشۇ سىنارىيەرىڭىز فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ قالسا نىمىدىگەن ياخشى ئىش بولاتتى-ھە.

    • 12#
      ALM

      غەيرىتىڭىزگە باركاللا!…دىن كىيىن دىمەكچى بولغىنىم:تاپالىسىڭىز «جىگدە يېغىلىقى»غا ئائىت ھېلىقى دىراممىلارنى،يەنىمۇ توغرىسى بولغاندا،ئەشۇ دىراممىلارنىڭ سىنئالغۇ لىنتىلىرىنى تېپىشقا ھەركەت،خانىڭىزدە قۇيۇشقا جۇرئەت،قىلىپ باقسىڭىزكەن!!!!!!

    • 13#
      azzman

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !قىسمەت ،مەن خۇددى كىنو كۆرگەندەك بولدۇم .بىزنىڭ تارىخىمىزمۇ يېقىن كەلگۈسدە ئىكرانغا يۇزلىندۇ ،ھەرگىز مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتمەيدۇ.

    • 14#
      azzman

      :cry:

    无觅相关文章插件,快速提升流量