ئەلھەمدۇلىللاھ، مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ئىشەنمىسەڭلار پادىچى دېگەن ھەدىسنى ئەسلەڭلار. يەنە «قىسسەسۇل ئەنبىيا»دىكى داۋۇت ئەلەيھىسسالام ئۈستىدىن قىلىنىغان تۇل خوتۇننىڭ شىكايىتىنى ئاڭلاڭلار. ئۇ تۇل خوتۇن شۇنداق دېگەنىكەن: «پادىشاھىمىز ئادىل كىشى، ئەمما كىشىنىڭ ھەققىنى يەيدۇ». داۋۇت ئەلەيھىسسالام شۇنىڭدىن باشلاپ كۈندۈزى پادىشاھلىق قىلسا، ئاخشىمى تۆمۈرچىلىك قىلىپ جېنىنى قامدىغان، ئاتالمىش كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەيدىغان بولغان ئىكەن.
ئەمدى تىللاشقا كەلسەك، «زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ شىكايەت قىلىشقا ھەققى بار» دېگەن ھەدىس بويىچە، بىز تىللاشنى ھەممىلا سورۇندا خاتا دەۋەرمەيمىز، ئەلۋەتتە. داڭلىق ئېتوتچىمىز دېگەندەك ھېچ ئىلاجىمىز قالمىغاندا توردا تىللاپ سالىدىكەنمىز. «تىللاشقا بەزىدە رۇخسەت بار» دېگەنلىك «ئۇچرىغان ئادەمنىڭ ھەممىسىنى قارا قويۇق تىللاۋەر» دېگەنلىك ئەمەس. تىللسىاڭ پەقەت ئاشۇ زۇلۇمنىڭ ئىگىسىنى، ئىشنىڭ مەسئۇلىنى تېپىپ تىللا.
«ئەي سېيت نوچى! بۇ ھارامزادە بىلەن چېلىشما، چېلىشىپ قالساڭ يانپاشقا ئالما، باشتىن ئېگىز كۆتۇرۇپ ئۇر» دېگەندەك مەسئۇللارنى تىللىماڭلار. ناۋادا مەسئۇللار سىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىڭلارغا زىيان سېلىشتىن ئايانمسىا، يەۋاتقان نېنىڭلاردىن خوتۇنىنىڭ ئوسمىسىنى ئەلا بىلسە، ئەلۋەتتە تىللاڭلار. خۇددى «ئۈچ پادىشاھ ھەققىدە قىسسە»دىكى جۇگېلياڭدەك تىللاپ قان قۇستۇرۇپ ئۆلتۈرۈڭلار. ھەرگىز رەھىم قىلماي تىللاڭلار. گەرچە تىللىغانغا ئۆلۈپ قالىدىغان ئەمەلدارنى ھازىر كۈندۈزى چىراغ ياقساقمۇ تاپقىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ھەر ھالدا جايىنى تېپىپ تىللىيالسىاق، ئەلھەمدۇلىللاھ زاماننى تۈزەشكە ھەسسە قوشقان بولىمىز. زاماننى تىللمايمىز، زاماننىڭ مەسئۇلىنى تىللايمىز. ئۆز ئىشىنىڭ ئەھلى بولمىغان، مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇغان مەسئۇللارنى تىللايمىز.
ئۆتكەندە تىل-يېزىق ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئانا تىل-يېزىقىمىزنىڭ نەقەدەر بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلسام، تىل-يېزىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بىزنى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى باشقۇرىدۇ، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىنى شەھەر باشلىقى باشقۇرىدۇ، بۇ مۇشۇنداق بىر قەدەم بىر قەدەم مەسئۇلىيەت دەيدۇ، قانداق گەپ بۇ؟ مەسئۇلىيەت دېگەن مەۋھۇم بولمايدۇ، چوقۇم بىر ئادەم مەسئۇل بولىدۇ. ناۋادا مەسئۇلىيىتىڭنى ئادا قىلالمىساڭ، تىلنى ئاڭلا ئەمىسە. ئەلۋەتتە، مەسئۇلىيەت دېگەن چىڭىغا چىقسا، تىل ئاڭلاپلا قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ئاخىرى قانۇنىي مەسئۇلىيەت دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ بۇ ئىشنىڭ.
ئۆتكەن يىلى يازدا بىر باققالدىن ئۈزۈم ئېلىۋاتاتتىم، قارىسام بىر ماشىنا توختاپ جاڭگۈيدىسى ماشىنىدىن چۈشمىدى، ئۈچ-تۆت خاشو باجگىرمۇ ياكى جىڭمۇ بىلىمىدىم، كەلگەن پېتى باققالنىڭ تارازىسىنى تارتىۋالدى. باققال ئۇلارنىڭ كەينىدىن شۇنداق بىر قارغىدى، باققالنىڭ شۇ قارغىشىنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن. ئۇلار سەل يىراقلاشقاندا «خۇدايىم ئىچىڭگە كېسەل سالغاي» دېدى باققال پەس ئاۋازدا. بۇنداق گەپنى ئاڭلىۋېلىش شەرەپمۇ ئەمدى. مۇئاشىنى دەپ مۇشۇنداق قارغىشنى ئېلىۋېلىش ئوبدان ئىش ئەمەستە.
تىللمايلى ئەمەس تىللايلى، جايىنى تېپىپ ئاشۇ ئىشنىڭ مەسئۇلىنى تېپىپ تىللايلى. بىلسەك، بارلىق ئۇۋالچىلىقلار يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تۇتاشقان ھوقۇق زەنجىرىدىكى مەلۇم ناكەس ئەمەلدارنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىگە بولغان خىيانىتى سەۋەپلىك ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن.