ئاپتورى: tohotur (قىسمەت بىلوگىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى)
مۇشۇ شەھىرى قۇمۇلىمىزغا يېڭىدىن بىر بانكا قوشۇلۇپتۇ دەڭلار، شەھەرنى ئايلىنىپ شەھەردىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر بىلدۈرگۈ تاختىلىرىدىكى خەنچە خەتلەرنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كېتىپ بارسام، ماۋۇ يېڭىدىن ئېچىلغان بانكا ئۇچراپ قالدى، تېخى لېنتا كەسكىلى بىر كۈنلا بولغان چېغى، ئىچى قالايمىقانراق تۇرىدۇ ، قاراپ باقسام ئىشىك بېشىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر بىلدۈرگۈ تاختىسىدا ساپ خەنچە خەت دەيمەن.
شۇنداق قاراپ تۇرسام، كالدىرلىشىپ كاتتىباشلىرى ئوخشايدۇ ئىككى ئاق ياقىلىق ئاق پىشماق چىقىپ كەلدى، «ھە بۇ بانكىنى يېڭى ئاچتىڭلارمۇ» دېسەم، «شۇنداق» دېدى ئۇلار كۈلۈمسىرەپ، «مۇنۇ ئېلېكتىرونلۇق بىلدۈرگۈ تاختىسىدا ئۇيغۇرچە يوق ئىكەن » دېدىم ئۇلارغا، ئۇلار «ئۇغۇ شۇ، ئەمما بىزدە ئۇيغۇرچە بۇ ئىشنى قىلالايدىغان ئادەم يوق» دەيدۇ. مەن دېدىم «مەن قىلالايمەن، بىكارلىق قىلىپ بېرەي» دېدىم. ئۇلار «ئۇنداقتا ياخشى، ھازىر ئىشىمىز بار، كىينىچە شۇنداق قىلايلى» دەپ كېتىپ قالدى .
توۋا، شەھىرى قۇمۇلدا تەرجىمان دېگەن ئىتنىڭ بېشىغا ئۇرسا ساماندەك تۇرسا. قىسمەت ئەپەندىمدەك كومپيۇتېرچىلارمۇ ساماندەك تۇرسا، ماۋۇ گۇيلار ئادەم تاپالمىدۇق دەيدا! مەيلى ماۋۇ پۇلنى مەن چىقارساممۇ چىقىراي، بىر ياراملىق تەرجىمان بىلەن، بىر ياراملىق كومپيۇتېرچى ئۈچۈن يېرىم سائەتلىك ئىشكەن بۇ، قانداق دېدىم قىسمەت ئەپەندىم؟!
قاراپ باقسام قىسمىتىمىزدىن ۋايسىماي ئەمەلى ئىشلەيدىغان ۋاقىتلارمۇ كەپ قاپتۇ، «ئۇيغۇر تىلىنى خەقنىڭ ئاغزىدىن زەر بېرىپ ئالغۇم كېلۇر» دەيدىغانراق بىر ناخشا بارغۇ ئۆزى.
شۇنداق، بىكارلىق تەرجىمە قىلىپ بىكارلىق كىرگۈزۈپ بەرسەكمۇ مەيلى، ئۇيغۇر تىلى ئاشۇ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تاختىسىغا چىقسىلا ھېساب.
مەن قىسمەت ئەپەندىمنىڭ بۇ يازمامدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ئۇچۇن تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،
مېنىڭچە بۇ بىر تەپەككۇردىكى قاتماللىقنى بۆسۈپ ئۆتۈش، مەن بۇ تېمىنى داۋاملىق يازىمەن، بۈگۈن بىر تەرجىمان بىلەن كۆرۈشۈپ قويدۇم، ئەتە ئاشۇ قاراقۇرۇم (كوئىنلۇن) بانكىسىدىكىلەر گېپىدىن يېنىۋالمىسىلا قېنى، بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ باقايلى.
مەن ئاللاھ خالىسا ئەتە ھەر بىر ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر بىلدۈرگۈ تاختىسى ئورناتقان ئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرىنى ئىزدەپ، بىكارلىق ئۇيغۇرچە تەرجىمە ۋە كىرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىمىزنى دەيمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن.
«يالغۇز مەن كۈچىگەنگىلا ئىشلا ھەل بولامتى، ئۆزەمنىڭ ئىشىنى قىلاي» دېگەندىن كۆرە، ئاقسا ئاقمىسا ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكىنى بىلدۈرگىنىمىز ياخشى. ئاچ قۇرساق ئەرۋاھ بولغاندىن، توق قۇرساق ئەرۋاھ بولغان ياخشى.
2012/08/09
شۇنداق قىلىپ يېڭى قىسمەتكاردىن بىرسى قوشۇلدى بولغاي
… دېمىسىمۇ ئىلېكتىرونلۇق ئېلان تاختىلىرىدا چىققان خەتلەر بىر بولسا ئۆلچەمسىز، بىر بولسا ئوقۇغۇسىز …مۇشۇنداق خەتلەرنى كۆرسەم «چىقارغۇچە چىقارمىسىلا بولمىدىمۇ؟»دەپ ئويلاپ قالىمەن… ئەمما بەزىدە چىقارمىسا ئادەمنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولىدىكەن…
2012/08/11