ئوقۇرمەن، تور، رادىيو -تېلېۋىزور، گېزىت-ژۇرناللارنى ئاۋات قىلىپ تۇرىدىغان ھەر ساھە ئەربابلىرىنى، چولپانلارنى (بۇ يەردە نوقۇل سەنئەت ساھەسىدىكى چولپانلار كۆزدە تۇتۇلمىدى) كۆرگەن چېغىڭىزدا، شۇلارنىڭ قانداق قۇربانلىقلارنى بېرىپ، بۈگۈنگە كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلغانسىزمۇ؟
ئەگەر سىز چولپان بولسىڭىز، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ، ئەتراپىڭىزدىكى سىزگە مۇھتاج قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ سىزگە قانداق يۈرەك سۆزى بارلىقىنى، ھەپتە-ھەپتىلەپ ئۆيگە كېلەلمەي، بىر كۈنلەردە كۆزلىرىڭىزدىن ئۇيقۇ تۆكۈلۈپ ئۆيگە كىرگىنىڭىزدە، چىرايىڭىزغا قاراپ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىچىگە يۈتۈۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققانسىزمۇ؟
مەن چولپان ئەمەس، لېكىن، ئۆز كەسپىمدە ئاز-تولا بىر ئىش قىلىپ، رادىيو -تېلېۋىزور، گېزىت-ژۇرناللاردا ئايدا بىرەر قېتىم چىقىپ قويىدىغان كىشىمەن.
شىركەتتە، مەكتەپتە ئىشلىرىم بىر قەدەر كۆپ، شىركىتىمىز قىلىۋاتقان تور، يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشلىرى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈرلەر خېلى بار. ئوقۇغۇچىلىرىم «مۇئەللىم، مۇئەللىم» دەپ ئانىسىنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرگەن قۇش بالىسىدەك ماڭا تەشنا. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، پات-پات ئۆيگە كەچ قايتىمەن، ئۆيدىكىلەر مېنى ساقلاپ، تاماقمۇ يېمەي ئولتۇرغان بولىدۇ. قىزلىرىمنىڭ چاڭقىغان يۈرىكىگە بىر-ئىككى ئېغىز تاتلىق گەپ قىلسام قىلدىم، قىلمىسام يوق تاماقنى ئالدىراپ يەپ، چالا-پۇچۇق دۇئا قىلىپلا خاس خانەمگە كىرىپ كېتىمەن. كىتاب كۆرىمەن، يازىمەن، كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئاللىقانداق ئىجىر-مىجىر كود دۆۋىسىگە چۆكىمەن.
بەزىدە قىزلىرىمنى مۇزېيغا، كىتابخانىغا، باغچىلارغا ئېلىپ بارىمەن. ئۇلار بىلەن نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە قايتىپ مۇڭلىنىمەن، چۆچەكلەرنىڭ ساماۋى تۇيغۇلىرىدا ئەللەيلىنىمەن، لەگلەك ئۇچۇرىمەن، بىللە يۈگۈرەيمەن، ئىشقىلىپ بىردەم بولسىمۇ، قىزلىرىمنىڭ دۇنياسىغا سىڭىپ كېتىمەن.
چارچاپ ھالىمىز قالمىغاندا مىنېرال سۇ بىلەن يۈز-كۆزىمىزنى يۇيۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئاشخانىغا ماڭىمىز. قاش قارايغاندا ئۆيگە قايتقاچ قىزلىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ قالىمەن. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مەندىن ئەيمىنىپ، جىددىيلىكىمگە دەخلى قىلماي دەپ ئويلىغان قىزلىرىم مۇشۇ ۋاقىتلاردا يۈرەك سۆزىنى ئويلىمايلا تۆكۈپ تاشلايدۇ.
-قىزلىرىم، خۇش بولدۇڭلارمۇ؟
ئۇلار چۇرقىرىشىدۇ:
-خۇش بولدۇق!!!
گەپنى سەرلەپ، مىسقاللاپ، لېكىن يۈرەككە تەگكۈدەك قىلىدىغان كىچىك قىزىم پوسۇققىدە دەپ سالىدۇ:
-پات-پات ئوينىغىلى كەلگەن بولساق ياخشى بولاتتى
-ماقۇل، قىزىم.
-كەچتە بىز بىلەن بىللە تاماق يېگەن بولسىڭىز، تاماقتىن كېيىن بىردەم بىزگە ئۆگىنىش قىلىشىپ بەرسىڭىز، بىللە ئوينىسىڭىز…
مەن تۇرۇپ قالىمەن، نېمانچە ئاددىي تەلەپلەر بۇ؟!
-بولىدۇ قىزىم، شۇنداق قىلىمەن.
كۈنلەر ئۆتىدۇ، قىزىمنىڭ «بىزگە ئۆگىنىش قىلىشىپ بەرسىڭىز، بىللە ئوينىسىڭىز» دېگەن تەلىپىنى ئورۇنلاشنىڭ ئاددىي ئىش ئەمەسلىكىنى، ھەدېگەندە ئۇنداق قىلالمايۋاتقانلىقىم ئارقىلىق ئىسپاتلاپ قويىمەن.
لېكىن، ئاخىر ئۆزۈمدىن خۇش بولدۇم، قىزلىرىمنى خۇش قىلدىم. چۈنكى، ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتكەندىكى بۈگۈنكى كۈندە مەن خىزمەت ۋە ئائىلىنى توقۇنۇشتۇرماي ياشاشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم، خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى قىلىۋاتقان، قىزلىرىمنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەۋاتقان ئىدىم.
ئۇچتۇرپاندىكى ئوقۇشىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكىگەندە، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ «مەكتىپىمىز نۇقتىلىق مەكتەپ، قىزىڭىزدىن بىر ئايدىن كېيىن سىناق ئالىمىز، ئۆتەلمىسە بىزدىمۇ ئامال يوق» دېگەن قارشى ئېلىش سۆزىنى ئاڭلىغان قىزىم، مەكتەپتە كېلىپ ئۈچ ئاي بولغاندىلا ئەخلاق، ئۆگىنىش جەھەتتە ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ سىنىپ باشلىقى بولۇپ سايلانغان، ساۋاقداشلىرىغا ھەر جەھەتتە ياردەم بېرىپ، ئۈلگە بولۇپ مەكتەپ مۇدىرىنى ھېلىقى سۆزى ئۈچۈن خىجىل قىلىپ قويغان ئىدى.
شۇنداق، مەن ياخشى ياشاشنى، ياخشى خىزمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم، ئابدۇكېرىمكا، سىزمۇ مەندەك قىلالامسىز؟
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، يازمىنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇپ، گاڭگىراپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن، «ئابدۇكېرىم ئابلىز بىلەن سۆھبەت»نىڭ 59:25 لۇق يېرىدىن باشلاپ كۆرۈپ چىقىڭ، ئاندىن تەسىراتىڭىزنى بۇ يەردە ئورتاقلىشىشنى ئۇنتۇماڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشىم! ئۇلۇغ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، كۈنلىرىڭىزنىڭ خۇشال-خورام ئۆتىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن. كەمىنە لوپنۇرىنىڭ ئايەملىك سالىمنى قۇبۇل قىلغايسىز! لوپنۇرى بلوگىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىڭىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. قالغان سالامنى تۆۋەندىكى ئايەملىك يازمىدىن كۆرگەيسىز!
http://www.lopnuri.com/?p=2324
2012/08/19
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ھەممىمىز تاتلىق ياشىغايمىز، ئىنشائاللاھ !
2012/08/20
ئۇچتۇرپاندىكى ئوقۇشىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكىگەندە، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ «مەكتىپىمىز نۇقتىلىق مەكتەپ، قىزىڭىزدىن بىر ئايدىن كېيىن سىناق ئالىمىز، ئۆتەلمىسە بىزدىمۇ ئامال يوق» دىگەن سۆزىڭىزگە قارىتا دەيدىغىنىم:بىزنىڭ مەركىزى شەھرىمىز گەرچە ئىقتىسات،سىياسەت،مەدەنيەتنىڭ ھەم… لەرنىڭ بۆشۈكى بولسىمۇ،نۇرغۇن جەھەتلەردە «كۆز يومۇش»لار بار.ۋاقتىڭىز بولسا خېشۈن گۈللۇكى تەرەپلەردىكى يېڭىدىن بۇ شەھەر مائارىپىغا بېسىم بۇلىۋاتقان ھەر قايسى ئولتۇراق رايۇنلارغا كىلىپ كىتىڭ!308كە ئولتۇرۇپ
جىنكۈن ئا مەھەللىسىدىن ساناپ ماڭسىڭىز،تالاي مەھەللىلەرنى ،بۇ جايلاردا ئويناپ يۇرگەن قىزىڭىزدەك سەبىيلەرنى كۆرىسىز. دىمەكچى بولغىنىمىز:سىزنىڭ تەلىيىڭىز بار ئىكەن،ھەرنىمە بولسا «مەكتىپىمىز نۇقتىلىق مەكتەپ، قىزىڭىزدىن بىر ئايدىن كېيىن سىناق ئالىمىز، ئۆتەلمىسە بىزدىمۇ ئامال يوق» دىگەن تاتلىق گەپنى ئاڭلىيالاپسىز!بىزنىڭ بۇ ياقا يۇرتتا مەكتەپ يوق ئەمەس،بار .لىكىن ئاڭلىغىنىمىز بۇ «..نوقتىلىق مەكتەپ،… لەرنى بۇ مەكتەپ قۇبۇل قىلمايدۇ…»دىگەندىن ئىبارەت بولدى.بەخىت – تەلىيىڭىزگە رەھمەت! بۇ مۇشۇنداق ئىش ئوخشايدۇ.مەكتەپ بىلەن قورايىمىزنى پەقەت بىر يوللا ئايرىپ تۇرىدۇ،بولمىسا!
2012/09/10