ئورنىڭىز: باش بەت > ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت > ﭘﯘﻝ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟

ﭘﯘﻝ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟

ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 26-08-2011 | خەتكۈشلەر:

  • ﮬﻪممىمىزﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ئىقتىسادى ﺟﯘﺵ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﯞىرﺩﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺰ تەرەققىي ﻗﯩﻠﺪﻯ. تەرەققىي ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺩېگەﻧﻠﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺘﻰ ﺩېگەﻧﻠﯩﻚ. ﺷﻪﮬﻪﺭ-ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ئۆزگىرىش ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻪ تەرەققىي ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ نېمە ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﻝ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎنى ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟ نېمە ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍقىتتىكىدﯨﻦ ﺗﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺭﺍيوﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ئىقتىسادى تەرەققىي ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺑﻪلگىلىك ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻳﺎﺭﺍتتى. ئۇنداق بولسا پۇل ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟ نېمە ئۈچۈن ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﻪﺱ؟

    ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺯﻩﻛﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ، ﺩﻭستلاﺭﻧﯩﯔ تولۇقلىما بېرىشىنى ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.

    1. ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، رايونىمىزنىڭ سانائىتىنى ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ بولۇپ، رايونىمىزدىكى ﺳﺎناﺋﻪﺕ كارخانىلىرى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ رايونىمىزدىكى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ئۆﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﻩ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ رايونىمىزدىكى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ قوﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻝ تەبىئىي ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن رايونىمىزغا ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﭘﺎﺧﺘﺎ، ﻣﯩﯟﻩ-ﭼﯩﯟﻩ، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭘﯘللاﺭ. ﺩﯦﻤﻪﻙ رايونىمىزدىن ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﭘﯘﻝ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩققىياﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. رايون ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ رايونلاردىكى ﭘﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ رايونلارنىڭ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ئوﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﻝ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺋﯚﺯ رايونلىرىدا ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ رايونلاردا ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

    2. ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻕ ﺋﯚﻱ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ: ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻕ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺋﺎﺩﻩتتىكى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ 10يىللىق ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ 20 يىللىق ﻣﺎﺋﺎﺵ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ بوﻟﯘﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ئوﻟﺘﯘﺭﺍﻕ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ئۆﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭ ﭘﯘللاﺭﻧﻰ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯘﻝ-ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ئوﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ قەرز ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﻳﻤﯘ-ﺋﺎﻱ ﺑﺎﻧﻜﯩﻐﺎ قەرز ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ئېھتىياجى ھەسسىلەپ چەكلىنىدۇ.

    3. ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ مەسىلىسى: ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﺴﻼﮬﯩﺘﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ ئۆسۈش ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﮬﻪﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ يۇقىرى ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﺵ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ئۆﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﯘللاﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻟﻨﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ئۆﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﯘللاﺭ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ سەرپ قىلدى.

    4. ئوﻗﯘﺵ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ئۆﺳﯜﭖ كېتىش ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ: ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﺘﯩﻦ كېيىن، ئالىي ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﮬﻪﻕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯚلچىمى يۇقىرىلاپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭنىڭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئوﻗﯘﺗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﻨﻰ كۈچىيىپ، ئۆﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﯘللاﺭﻧﻰ ﺑﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ قويۇش ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻨﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ.

    5. ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﻝ ﺑﺎﮬﺎ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئوتتۇﺭىچە ﻛﯩﺮﯨﻢ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ يۇقىرى بوﻟﯘﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺗﯚﯞﻩنلەﺗﺘﻰ.

    6. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ …

    يۇقىرىقى مەسىلىلەردىن ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯘﻻﺳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻛﻰ، رايونىمىزدىكى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ رايونلارغا ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻘﯩﺸﻰ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻕ-ﺋﯚﻱ، ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ، ئوﻗﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎمىللاﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ئورۇن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺧﻪﺟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻘﯩﭗ، ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

    ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻕ ﺋﯚﻱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ قولىغا ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ كېيىن، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﻗﯘﺭۇﻟﯘﺵ ئورۇنلىرىدا بېسىلىپ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺭﻩككەﭖ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺷﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ…

    ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﺪﯨﻤﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﯘﻝ ﺩوﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ئوﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ كېيىن، ﺩوﺭﺍ ماتېرىياللىرىنىڭ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﭼﻜﻪ، پۇل ﺷﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺩوﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ سوممىسى، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺳﻮممىلىرﻯ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﻭﺭﺍ ماتېرىياللىرىنى ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺭﻩككەﭖ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ بوﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﮬﺎﻟﻘﺎ. ﺷﯘﯕﺎ ھۆكۈمىتىمىز نۇقتىلىق ﺗﯜﺯەﯞﺍﺗﯩﺪﯗ.

    ئوقۇش ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ئوﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ كېيىن ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺮ.

    ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎمىللاﺭ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ئوﺭﯗﻧﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯜﻥ-ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﺎﭘﻤﺎﻗﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.

    无觅相关文章插件


    تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    4 نەپەر قېرىندىشىمنىڭ باھالىشىغا ئەرزىگەن يازما بۇ ! سىزمۇ يېزىپ باقامسىز ؟

    • 1#
      تۇران تېكىن نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 29-ئاۋغۇست 16:05

      مىنىڭچە، يۇقىرىدا سىز ئېلىپ بارغان تەھلىلگە ۋە دۆلەت ئىچى ھەم خەلقئارادىكى ۋەزىيەت بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بىرىشى – ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشتەك قىسمەتنىڭ كۆرۈلىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى.

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 2#
      ھونزادە نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 31-ئاۋغۇست 08:13

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىسمەت ئاكا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،تىنىڭىزگە سالامەتچىلىك يار بولسۇن.

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
      • 3#
        قىسمەت نىڭ بايانى:
        ۋاقتى: 2011-يىلى 31-ئاۋغۇست 09:16

        ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! بىللە بولسۇن!
        «دېھقان بولماق تەس»نى يوللاپ قويدۇم، چۈشۈرۈۋالغايسىز.

        بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 4#
      ياۋا غاز نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 17-سېنتەبىر 16:30

      توغرا دەيسىز! ھازىر بىزدىكى ئاشۇ نۇرغۇنلىغان پۇللار ئۆزىمىزنىڭ ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ كېتىېاتىدۇ. شۇڭا بىزدىكى پۇل يوق ديدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ.

      بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    *نــامىڭىز:
    *ئـېلخـەت:
    تور بېكەت:
    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif