Zhongyuan

97100fe403b9
ئۇچتۇرپان تەزكىرىسى (پارچە)
ئۇچتۇرپان تەزكىرىسى (پارچە)
ئۇچتۇرپان تەزكىرىسى (پارچە)

ئۇچتۇرپان ناھىيە تەۋەسىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئەڭ ئۇزۇن يېرى 139.5 كىلومېتىر، جەنۇپتىن شىمالغا ئەڭ كەڭ يېرى 124.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيە بازىرى ناھىيە تەۋەسى مەركىزىنىڭ قىيپاش غەربىگە جايلاشقان. شەرقىي مېرىدىئان «41′23°78 دىن 09′01°80»، شىمالىي پاراللېل «41′23°40 دىن ″32′51°41» ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ناھىيە تەۋەسى شەرقتە ئاقسۇ شەھىرى بىلەن ئونسۇ ناھىيىسىگە قوشنا، جەنۇپتا قارا تېكە تېغى ئارقىلىق كەلپىن ناھىيىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. غەربتە ئاقچى ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ، شىمالدا تەڭرىتاغ تىزمىسى ئارقىلىق قىرغىزىستان بىلەن چېگىرلىنىدۇ، ناھىيىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 8841.99 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ (بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك 1- شىسى 4- تۈەننىڭ كۆلىمى 155.096 كۋادرات كىلومېتىر). تاغلىق رايون %59.1 نى، چۆل – قۇملۇق ساھىل %29.4 نى، تۈزلەڭلىك %11.5 نى ئىگىلەيدۇ.


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 31-01-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 1,419 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 5
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 5
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 5

بىر مىللەتتىكى ئىلغار دۇنيا قاراش، پەلسەپە دېگەنلەر ئىنتايىن «چاكىنا قاراشلارنىڭ يىغىندىسى» دۇر. بۇ خىل قاراش كىشىلەرنى يولدىن چىقىرىدۇ. كىشىنى «شۈكرى قانائەتچانلىقتىن» تازدۇرىدۇ. «پىر» غا گۇمان بىلەن قارايدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئىدىيىلەر يامراپ كەتسە، ئەلنى بالا-قازا باسىدۇ. ئىگىسىز ئۆلۈملەر كۆپىيىدۇ. سۇلتانۇل مۇھەققىقىن بولمىش مەن ئۇنداق «ئىپلاسلىق» لارغا قانداقمۇ چىداپ تۇراي؟!

مېنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىم مۇرىتلىرىمنى «جەننەت» كە باشلاپ مېڭىش تۇرسا! ئۇنداقلار ئىلغار دېيىلسە مەن ئەڭ «بۈيۈك» دەپ تەرغىب قىلىۋاتقان سۈلۈكىي ئىشقىيەنى نېمە دەيسىز؟!


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 29-01-2011 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 1,573 قېتىم

ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي نەسەبنامىسى
ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي نەسەبنامىسى
ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي نەسەبنامىسى

مىلادىيە 11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى، دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى مەھمۇد كاشغەرىي مىلادىيە 1008-يىلى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئاستانىسى قەشقەرگە قاراشلىق ئوپال ئازىغدا دۇنياغا كەلگەن.

مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئۆمرىدە قەشقەر، ئوتتۇار ئاسىيا، ھىندىستان، باغداد….. قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا پەننىڭ ئەينى يىللاردا مەلۇم بولغان ھەممە تۈرلىرىدە دېگۈدەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 26-01-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 1,640 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 4
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 4
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 4

مېنى «سىياسىئون، دىپلومات، ھەربىي مۇتەخەسىس» دەپ تەرىپلىگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر. مەن تېخى كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىم مېنى پەقەت ۋە پەقەت «مىللىي مۇناپىق» دەپ ئويلامدىكىن دەيىتتىم. ھەر نېمە بولسا مېنى چۈشىنىدىغانلار بار ئىكەن.

مېنىڭچە يات ئەلدىكىلەرگە خۇشامەت قىلدىغانلار مەنلا ئەمەسقۇ دەيمەن. بىلسەم-بىلمىسەم زامانىڭلاردىمۇ شۇنداق ئىشلار تولۇپ يېتىپتۇ. مەن پەقەت چوڭراقىنى قىلغان خالاس.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 22-01-2011 | باھا: 0 پارچە | زىيارەت: 1,123 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 3
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 3
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 3

سىزنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ يەتمەكچى بولغان مەقسەد-مۇددىئايىڭىز نېمە ئىدى؟ ئەڭ ئاخىرىدا نېمە نىشانغا يەتمەكچى ئىدىڭىز؟

مېنىڭ مەقسىتىم بەلكىم «پىرئەۋىن» بولۇش ئىدى. ھەممە ياق ماڭا قاراپ تەزىم قىلسا، ھەممە ياق مېنىڭ شەخسىي زىمىنىم بولسا دەر ئىدىم. ئەينى يىللىرى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن شەرققە يۈرۈش قىلغىنىدەك، مەنمۇ ھەم غەربكە يۈرۈش قىلسام دەر ئىدىم. ئاھ، نېمىدىگەن شېرىن ئارزۇلار ھە!؟ ئاھ، ئاھ، ئاھ …. ئارمانلىرىم!!!


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 18-01-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,804 قېتىم

غۇلجا شىۋىلىرى
غۇلجا شىۋىلىرى
غۇلجا شىۋىلىرى

ئۇيغۇر تىلى شىۋە (يەرلىك تىل، دېئالېكت دەپمۇ ئېلىنىدۇ) ئالاھىدىلىكى بىلەن تىل باغچىلىرىدا ئۆزگىچە پۇراقلارنى چېچىپ تۇرىدۇ.

كەمىنەنىڭ زەئىپەسى غۇلجىدىن بولغاچ، چوڭلار، ئاغا-ئىنى، ھەدە-سىڭىللار بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا، بىزدەك جەنۇپتا چوڭ بولغانلار چۈشەنمەيدىغان بەزى سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشتىپ تۇرىمەن.

تۆۋەندە مەن دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان بەزى غۇلجا سۆزلىرى بېرىلدى. قېنى نەزەر سېلىپ بېقىڭ، قايسىلىرىنى چۈشىنىسىزكىن؟


ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 16-01-2011 | باھا: 13 پارچە | زىيارەت: 2,025 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 2
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 2
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 2

تەلقىننىڭ يەنە بىر رولى شۇكى، ئاددىي خەلىق مېنىڭ سۈلۈكۈم «ئىشقىيە» نىڭ سۈر-ھەيۋىتىنى ھېس قىلاتتى. مېنىڭ «جامائەت» ىمگە قېتىلاتتى. تەبىئىي ھالدا مېنىڭ كۈچۈم زورىياتتى. ئەينى ۋاقىتتا سەئىدىيە زىمىنىدا ئىشقىيە سۈلۈك مۇرىتلىرىنىڭ ئاستانە يەكەننى، قەشقەرنى قانداق مالىمان قىلغانلىقىنى ئەسلەپ باقسىڭىز بولىدۇ. شۇ مۇرىتلىرىم بولغاچقا، خەلىقنىڭ بىھۇدە قىرىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن «نادان» خان مەن بىلەن سۈلھىي تۈزگەن ئىدى. مەنچە بولسا، نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلگەندە سەئىدىيە تەسەررۇپىدا پۇقرا ئازلاپ كېتەمتى؟ مۇشۇ ئويلىرىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئاشكارىلىنىپ قالمىغانلىقىغا خۇرسەنمەن.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 16-01-2011 | باھا: 0 پارچە | زىيارەت: 1,244 قېتىم

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى

1000 يىللاردىن بېرى بىر ئوبدان، ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن كېلىۋاتقان تىل-يېزىقىمىز بىزنىڭ قولىمىزدا ۋەيران بولغىلىۋاتسا ئۇنىڭغا ھېچكىم «ھاي» دېمىسە، ئۇ دۇنياغا بارغاندا مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ بىر-بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ فرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدېدنىڭ «ئاخىرقى دەرس» ھېكايىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن ھېچكىم بىزنى «ئاخىرقى دەرس» نى ئۆتۈشكە مەجبۇرلىمىدى. مېنىڭ بۇ ھېكايىنى ئەسلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، تەبىئىي پەنلەر «ئاخىرقى دەرس» نى ئۆتۈپ بولدى. ئەمدى نۆۋەت ئىجتىمائىي پەنلەرگە، ئاندىن جانلىق تىلغا كېلىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى! ھەر بىرىمىز يۈكسەك مەسئۇلىيەتچىلىق بىلەن ئۆزىمىزگە سەپسالايلى، باشقىلارنى نازارەت قىلايلى، تىل دېگەن غۇرۇرىمىز، ۋىجدانىمىز، ئانىمىزغۇ ئاخىر!


ئاپتورى: | سەھىپە: ئۆزگىلەردىن باشاقلار | ۋاقتى: 15-01-2011 | باھا: 10 پارچە | زىيارەت: 2,129 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 1
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 1
ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 1

شۇ يىللاردا ماڭا ھىرقەتىي (گۇمنام) ، شاھ مەشرەپ دېگەندەك سىلەر چوڭ بىلىدىغان كىشىلەرمۇ ئەگىشىپ كەلگەن ئىدى. ئاخىرىدا شاھ مەشرەپ مېنىڭ بىر كېنىزىكىمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، مېنىڭ رىسقىمغا چاڭ سېلىش خىيالىدا بولغاچقا، ئۇنى ئاختا قىلدۇرۇپ ھوزۇرۇمدىن قوغلاپ چىقاردىم. ئۇ «تۇزكور» شۇنداق تۇرۇپمۇ، يەنە مېنىڭ «شەنىمگە» قاملاشمىغان مىسرالارنى توقۇپ يۈرۈپتۇ. ھەتتا بەزىلەر ئۇنى «ئەۋلىيا» دېگۈدەك، ئۇ «ئەۋلىيا» بولسا ئۇنداقتا مەن نېمە؟ ئاقىۋەت ئۇنى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن نەمەنگاندا دارغا ئاستۇردۇم. شۇنداق قىلىپ ھاردۇقۇم چىققان بولدى. ئۇھ ھ ھ……..


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 14-01-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 2,426 قېتىم

ئانىلار ئۇلۇغمۇ؟
ئانىلار ئۇلۇغمۇ؟
ئانىلار ئۇلۇغمۇ؟

بالىلارنى ئېلىپ – سېتىۋاتقان، ئوغرىلىققا، پاھىشىگە، زەھەرگە كۆندۈرۈۋاتقان، ئۆزىنىڭ شەخسىي ھۇزۇر ھالاۋىتى ئۈچۈن بالا تەربىيىسىنى تەرك ئەتكەن بىر قىسىم ئىپلاسلارنى (ئۇلارنى «ئانا» دەپ ئاتاپ ئانىلارغا، «ئىنسان» دەپ ئاتاپ ئىنسانلارغا، «ھايۋان» دەپ ئاتاپ ھايۋانلارغا ھاقارەت كەلتۈرۈشنى خالىمىدىم) كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلىك قىلمىشلارنىڭ زىيىنىغا ھەربىرىمىز قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇلارنى بىز تەرىپلەۋاتقان ئۇلۇغ ئانىلار ياكى ئانىلار قاتارىغا ئەمەس، ئىنسانلار قاتارىغا، ھەتتا ھايۋانلار قاتارىغىمۇ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت «ئۇلار» دۇر، ئۇلار پەقەت ئىپلاسلاردۇر.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 11-01-2011 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 1,556 قېتىم

يەتتە قىز ۋە «يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى»
يەتتە قىز ۋە «يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى»
يەتتە قىز ۋە «يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى»

«يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى» ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان ئاقتوقاي تاغ تىزمىلىرىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى رىشاتكا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ چىڭ ئىمپېراتورى چيەنلوڭنىڭ 30- يىللىرى (مىلادى 1765 – يىلى) زۇلۇمغا قارشى ئۇچتۇرپاندا يۈز بەرگەن ئاتا – بالا (بەزى مەنبەلەردە ئاكا – ئۇكا دېيىلىدۇ) رەھمىتۇللا بەگ ۋە ئەسمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ (جىگدە يېغىلىقى) قاتناشچىلىرىدىن ئايال پالۋان مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ مەقبەرىسىدۇر .


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 10-01-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 2,279 قېتىم

تەكلىماكان تور بېكىتىنى سېغىنىمەن
تەكلىماكان تور بېكىتىنى سېغىنىمەن
تەكلىماكان تور بېكىتىنى سېغىنىمەن

ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ: ئاغزىمغا چىشىم چىقىپ، تۇنجى قېتىم زىيارىتىمدە بولغان ئۇيغۇر تور بېكىتى تەكلىماكان تور بېكىتى (http: //www.makanim.com) ئىدى. ئۇ بېكەتنىڭ خەنزۇ يېزىقىدا ئىكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىقتىدار، يېڭىلىنىش سۈرئىتى… ۋاھاكازالار جەھەتتە ھەقىقەتەن شۇ چاغلاردىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى سېپىدە يىگانە ئىدى. بۇ بېكەت ھازىر «ھايات» بولغان بولسا، كېسىپ ئېيتىمەنكى يەنىلا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ سەردارلىق ئورنىدا تۇرغان بولاتتى… ھازىر قارىسام، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى شۇنداق كۆپىيىپتۇ- يۇ، ئەمما ماۋۇ «بىز ئۇيغۇرنىڭ» دېگىدەك بىرەر يادرو بېكەت يوق…


ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 10-01-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 1,416 قېتىم

  • سىز ھازىر1-بەتتە | جەمئىي بەت سانى: 2
  • 1
  • 2
  • >

Powered by WordPress | Theme by Await | Copyright Qismet © 2009-2013 | Entries | Comments | TOP |