پىر بۇزرۇكۋارىم، مېنىڭ بىلمەيدىغىنىم بەك كۆپ بولغاچ، ئۇستازدىن يەنە سوئال سوراشقا مەجبۇرمەن.
8-سوئال: سۈلۈك دىگەن ئۇقۇم بىلەن مەزھەپ ئۇقۇمىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
سۈلۈكىي ئىشقىيە بىلەن سۈلۈكىي ئىسھاقىيە بىر مەزھەپ ئىچىدىكى ئىككى گورۇھمۇ؟ سۈلۈكىي ئىشقىيە بىلەن سۈلۈكىي ئىسھاقىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار؟ نېمە ۋەجىدىن ئۇلار شۇنچە چىقىشالمايدۇ؟ (مېنىڭ بىلىشىمچە، كىشىلەر بىر-بىرىگە ئەشەددىي دۈشمەن بولغان كىشىلەرنى ئاقتاغلىق قاراتاغلىق بولۇپ كېتىپتۇ دېيىشىدۇ. دېمەك بۇلار ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمەيدىكەن) سۈلۈكىي ئىشقىيە ئاقتاغلىقلار قەشقەرنىڭ ئىمامى باشلىق بىر توپ كىشىلەر بىلەن سۈلۈكىي ئىسھاقىيە قاراتاغلىقلار يەركەننىڭ ئىمامى باشلىق بىر توپ كىشىلەرنىڭ مەنپەئەت كۆرىشىمۇ ياكى مەلۇم بىر تارىخىي سەۋەب بارمۇ؟ ھازىر بىز ئېيتىۋاتقان سۈننىي مەزھەپ، شىئە مەزھەپ دىگەنلەر بىلەن باغلىنىشى بارمۇ؟
9-سوئال: تەپرىقىچىلىك زىددىيىتى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇللاخاننىڭ زامانىسىغا كەلگەندە توسۇۋالغۇسىز دەرىجىدە راۋاجلىنىپ كەتكەن. تارىخنى سەل ئالدىغا سۈرۈپ، تەۋەيىمىزدىكى سۈلۈكىي ئىشقىيە بىلەن سۈلۈكىي ئىسھاقىيەنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى، راۋاجى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ ….
ھۆرمەت بىلەن : كۆلتېگىن
ئەزىز زاتىل ئەقتاب مۇرىتىم:
ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز بىر دەرخنىڭ شاخلىرىدۇرمىز. پەدەرى بۇزرۇك مەخدۇم ئەزەم ئىشان كالان ھەزرەتلىرى سۈلۈكىي ئىشقىيە ۋە سۈلۈكىي ئىسھاقىيەنىڭ يىلتىزلىرىدۇر. شۇ دەۋرلەردە ئىشانلىق زور ئىمتىياز بولغاچ، بۇزرۇك بوۋىمىزدىن كېيىن ئاتام بىلەن تاغام ئەنە شۇ ئىشانلىقنى تالىشىپ، تارىخىي ئۆچمەنلىك دەۋرىگە قەدەم قويدى.
مېنىڭ دەۋرىمگە كەلگەندە زىددىيەت تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغان بولدۇق. «قارا مۇسۇلمان» خوجا ئابدۇللا ئىشان ئاستانە يەركەندە، سۇلتانۇل مۇھەققىقىن بولمىش مەن قەشقەردە تۇرۇپ، سەئىدىيە خانى بىلەن ۋەلىئەھدى ئوتتۇرىسىدا نىزا تېرىپ، ئاتا-بالىنى تۈگىمەس تەپرىقىچىلىككە سۆرەپ كىردۇق. شۇنداق قىلىپ مەن يېڭىپ چىققان بولدۇم، ئاقىۋەت مېنىڭ مۇرىتلىرىم خوجا ئابدۇللا ئىشاننى ئاخىرەتكە يولغا سالدى. كىم بىلسۇن، مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ئۆزىنىڭ كۆيۈمچان ئېرى بولمىش ماڭا-سۇلتانۇل مۇھەققىقىنگە ئول مۇرتەد ئىسھاقىيەچى «قارا مۇسۇلمانلار» ئارقىلىق زەھەرلىك قول سالدى.
سىز دەۋاتقان سۈننىي مەزھەپ بىلەن شىئە مەزھەپ خەلىپىلىك دەۋرىدىن كېلىپ چىققان. مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا كىمنىڭ ۋارىس بولۇش مەسىلىسىدە زىددىيەت كېلىپ چىقتى. زور بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، ئۇنى خەلىپىلىككە سايلىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىن دوستى، قېيىنئاتىسى، شۇ دەۋردىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ناھايىتى زور ئىناۋەتكە ئىگە تەقۋادار زات ئىدى. بۇ ۋارىسلىق تاكى ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلىلەرگىچە داۋاملاشتى.
يەنە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئەلىنىلا قانۇنلۇق ۋارىس (چۈنكى ئۇ ھاشىم ئۇرۇقىدىن ئىدى، يەنە كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈيئوغلى ئىدى)، قالغان ئۈچ خەلىپىنى ئۇنداق ئەمەس دەپ قارىدى. مۇسۇلمانلاردىكى دەسلەپكى بۆلۈنۈش شۇنداق كېلىپ چىقتى.
سۈننىيلەر يۇقىرىقى تۆت خەلىپىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شىئەلەر ئەلىنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ.
بۇ يەردە قىستۇرۇپ قويۇشقا تېگىشلىككى، مەن بۇ خىل زىددىيەتلەردىن پايدىلىنىشقا ناھايىتى ماھىرمەن.
خەير، سۇلتانۇل مۇھەققىقىندىن دەپ بىلەرسىز !
ھازىرمۇ بۇ لەنىتىگە ئىتىقاد قىلىدىغانلار يەنە بار، ئادەمنى تېگىدىن تۈزىمەي تۇرۇپ، بەزى ئىشلارنى ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن.
2011/06/09
بارغانسىرى قاملاشمىغىنى تۇرۇپتۇ بۇ تىما؟
2013/06/24
زىيادە نەپرەت قەلىپ كۆزىڭىزنى توسۇپ قويمىسۇن دىققەت قىلىڭ
2013/06/24