بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ماقالە/يازمىلار > ئۆتكۈردىن زادى قانداق پەخىرلىنىمىز ؟

    ئۆتكۈردىن زادى قانداق پەخىرلىنىمىز ؟

    otkur

    iz

    zemin

    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئۆتكۈر بوۋىمىز ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ناھايىتى ئاز ساندىكى ئابىدە خاراكتېرلىق كىشىلىرىمىزدىن بىرى. ئۇيغۇر قاتلاملىرىنىڭ ھەر قايسى يىغىن توپلاملاردا ئۆتكۈر توغرىلىق پاراڭلار، پەخىرلىنىشلەر ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. دېھقانمۇ ئۆزىگە يارىشا پەخىرلەنسە، زىيالىيمۇ، باشلىقمۇ ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇب بىلەن پەخىرلىنىدۇ. كەمىنە توخوتۇر تازا ئويلىنىپ قالدىم، ئۆتكۈر بوۋىمىزدىن زادى قانداق پەخىرلەنسەك بولىدىغاندۇ، دېگەن خىيال كاللامنى چۇلغاپ ئالدى.

    قارايدىغان بولساق، داڭلىق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنى تەتقىق قىلىش ئاللاقاچان باشلانغان بولۇپ، غۇلجىدا زوردۇن سابىر تەتقىقات ئۆيى، كۆرگەزمىخانىسى قۇرۇلدى. بۇ ئەلۋەتتە تارىخ يېزىپ، تارىخقا ئايلىنىپ كەتكەن ئاشۇ بۇزرۇكلىرىمىزنى خاتىرىلەشتە كام بولسا بولمايدۇ. نەچچە توم كىتاب يېزىش بىلەنلا، ئۆز قەلبىدىكى ھاياجانلىق چېقىنلىرىنى خەلق بىلەن مۇكەممەل ئورتاقلاشتى دىگىلى بولمايدۇ. ئەمما قاراپ باقسام، ئۆتكۈرنى خاتىرىلەش ئۆيى تېخى قومۇلدا قۇرۇلماپتۇ. قۇرۇلغىنىنى سىلەر ئاڭلىدىڭلارمۇ يا؟ (چوقۇم قومۇلدا قۇرۇلۇشى شەرت ئەمەس، ئەلۋەتتە.)

    يېقىندا ئەخمەت ھەمدۇللا ئاكىمىز تۈزگەن «قومۇل تارىخىدىكى شەخىسلەر» دېگەن كىتاپتا گەرچە ئۆتكۈر توغرىلىق سەھىپە بار بولسىمۇ، بەك بەك قىسقا، ئۇسسىغان جايغا بارغۇدەك ئەمەس. مەن يەنە بارلىق نەشىر ئەپكارلارغا نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ، مەخسۇس ئۆتكۈرنىڭ مەخسۇسلاشقان تەرجىمىھالى بارمىكىن دەپ ئاز-تولا ئىزدەنگەن بولساممۇ، ئۆتكۈر ھەققىدە مۇكەممەل، ئابىدە خاراكتىرلىق بىر تەرجىمىھال مەيدانغا كەلمەپتۇ. ئەجەب بوپتۇ، تامچى ئۆيسىز قالغاندەك، سەيپۇڭ كىيىمسىز قالغاندەك. خەلقىمىز ئۈچۈن توم-توم كىتاپلارنى يېزىپ، پۈتۈن ئۆمرى ئاقارتىش بىلەن ئۆتكەن ئۆتكۈر بوۋىمىزنىڭ ئۆزى ھەققىدە مۇكەممەل، مۇپەسسەل بىر تەرجىمىھال بولمىسا ھە!؟
    شۇنداق، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»غا سىڭگەن مۇھەببەت، «ئۆمۇر مەنزىللىرى»دىن تاپقان ھەقىقەت، شېئىر، نەسىر، داستانلىرىدا جۇلالانغان پەزىلەت بىزگە چىن، ھەقىقىي ئىنسان ھاياتىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىگە بىر نەمۇنە بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆتكۈر بوۋىمىزنىڭ بىزگە تەقدىم ئەتكەن كىتابلىرىدىن كۆرە، چىن ئىنسانىي پەزىلىتى، دەۋر-دەۋرلەردىن سۈزۈلگەن، پاك-پاكىز، نۇرانە ئىنسانىي ھاياتى بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە يېتىپ ئاشىدۇ.

    مەن ئىلگىرى دالى كارنىگ يازغان «لىنكولىننىڭ تەرجىمىھالى»نى ئوقۇغان. ئەمما مېنىڭ ئويۇم شۇكى، بالام كىتاب ئوقۇيالىغۇدەك بولغاندا ئۆتكۈر بوۋىمىزنىڭ مۇكەممەل تەرجىمىھالىنى سوۋغا قىلىشنى خالايمەن. بالام نەدىكى ناتونۇش ئىنسانلارنىڭ تەرجىمىھالىنى ئەمەس، بەلكى دادىسى سۆيگەن، بوۋىسى سۆيگەن، ئەل سۆيگەن ئوغلانلىرىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇسۇن دەيمەن.

    بەلكىم ئۆتكۈرنىڭ رەسمى تەرجىمىھالىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ياش ئەۋلاتلارغا ئۆتكۈرنىڭ ئەگرى-توقاي، شانلىق، جاپا-مۇشەققەت بىلەن تولغان ئەر ئۆمرىنى نۇرلاندۇرۇپ بېرىش ۋە ئۆتكۈرنىڭ ھاياتىدىن ئۆرنەك ئېلىش تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولسا كېرەك.

    مېنىڭچە ئۆتكۈر ھاياتىنى تەتقىق قىلىش ناھايىتى كاتتا بىر تېما . تۆۋەندە كەمىنە توخوتۇر ئۆزۈمنىڭ ئارزۇلىرىمنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.

    1. بىزدىمۇ ئۆتكۈر ھايات مەنزىللىرى ئۆيى قۇرۇلغان بولسا.

    2. بايلىرىمىز قوللاپ بەرسە ئۆتكۈر ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان بولسا.

    3. ئۆتكەندە «ئىگىلىك سەھنىسى» پىروگراممىسىدا ئالتە ئادەمنىڭ ئىككى تۈمەننى تالاشقانلىقىنى كۆرۈپ شۇنداق ئويلاپ قالدىم، ناۋادا ئالتە ئادەم ئىككى يۈز بەتتىن يۇقىرى ھەجىمدە ئۆتكۈرنىڭ تەرجىمىھالىنى ماقالە ئېلان قىلسا، ئاشۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشى چىققان تەرجىمىھالنى تاللاپ چىقىپ، مۇكاپاتلىغان بولساق قانداق ياخشى بولاتتى ھە!؟

    «ئۆچكە جاڭگال چۈشەيدۇ، توخۇ داڭگال» دېگەندەك، مەنمۇ ئانچە-مۇنچە ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ قويدۇم. ئەگەر مېنىڭ يازغان ھەربىر قۇر سۆزۈمدىن گۇمانلانساڭلار تەنقىد قىلساڭلار بولىدۇ، ئەمما ئۆتكۈر بوۋىمىزغا بولغان ھۆرمىتىمدىن گۇمانلانساڭلار بولمايدۇ.



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    无觅相关文章插件,快速提升流量