ئورنىڭىز: باش بەت > ماقالە-يازمىلار > ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 11 (خاتىمە)

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 11 (خاتىمە)

ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 17-03-2011 | خەتكۈشلەر:

  • ئەي پىر بۇزرۇك، مەن موللام بىلەن ئىشاننىڭ بۇنداق چوڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن. ئەيىبكە بۇيرىمىغايلا، بەلكىم ئەينى ۋاقىتتا بەزى موللىلار يەرلىكتە سىزنىڭ نامىڭىزنى سۈيئىستىمال قىلىپ قىلغان ئەسكىلىكى بولۇشى مۇمكىن، سۈلكى تەپرىقىدىكىلەرنىڭ دەرىجە پەرقىنىڭ بۇنداق چوڭلىقىنى مۇرىتلىرى بولمىش كۆلتېگىن ئەسلا بىلمەپتىمەن، ئەپۇ قىلارلا.

    12-سوئال: ئەي پىر بۇزرۇك، سىز ئەينى ۋاقىتتا ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىپ پەرىزنى ئادا قىلىش نىيىتىدە بولۇپ باققانمۇ؟ شۇنداقلا مۇرىتلىرىنى ھەجگە بېرىپ پەرىزنى ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلىپ باققانمۇ؟ ھەج تاماملاپ كەلگەن ھاجىلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بۇلۇپ باققانمۇ؟

    13-سوئال: ئەي پىر بۇزرۇك، ئۆزلىرى ئۇلۇغۋار ئىشلارنى روياپقا چىقىرىش مەقسىدىدە تىبەتكە(شىزاڭغا) ياردەمگە سوراپ بېرىپتىكەنلا، مۇشۇنداق ئىش بارمۇ؟ بۇددا دىنىنىڭ كاتتىسى بولمىش دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندە دالاي لاماغا مۇرىت بولۇشقا قەسەم ئىچىپتىلا، مۇشۇنداق ئىش بارمۇ؟ مېنىڭ چۈشۈنەلمىگىنىم بىر ئىشنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەش كېرەكمۇ؟ غۇرۇر، ۋىجدان، ئېتىقادنى قايرىپ قويۇش كېرەكمۇ؟

    ئەي پىر بۇزرۇك، مەن سىلىنىڭ سادىق مۇرىتلىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەلگۈسىدە سىلىنىڭ يوللىرىنى داۋام ئەتمەك، شۇنداقلا مەن يېتىشتۈرگەن مۇرىتلارغا تەلىم بېرىشتە تەلىملىرى تولىمۇ زۆرۈر بولغاچ جاۋابلىرىغا موھتاجمەن.

    جاۋابلىرىنى كۈتۈپ

    چوڭ ئېھتىرام بىلەن: كۆلتېگىن

    مەن سۈلۈكىي ئىشقىيەنىڭ پىرىدۇرمەن، شۇ سەۋەبلىك مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىش «ماڭا زۆرۈر ئەمەس»، ھەم مەن مۇرىتلىرىمنى ئۇ خىل «قاملاشمىغان» ئىشقا دەۋەت قىلغانمۇ ئەمەس. ھەجگە بېرىش بەزى «دوزىخىي بەندە»لەرنىڭ تاللىۋالغان «خاتا يولى» خالاس. ئەمەلىيەتتە مېنى زىيارەت قىلسا، مەندىن تەلىم-تەرغىب ئالسا ئۇنىڭدىن كاتتا ئەجىر بېرىلۇر ئىدى.

    مەن ھەج تاۋابىنى ئورۇنلاپ كەلگەن بەزى «ناشۈكۈر» بەندىلەر بىلەنمۇ ھەمسۆھبەت قۇرۇپ باققانمەن. ئۇلارنىڭ مېنى «ئاساسسىز پاكىتلار» بىلەن قارىلاپ قىلغان رەددىيەسىدىن كېيىن، ئۇلارنى ھەم «دوزىخىي ۋەيلۇن»غا ئۇزاتقانمەن. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. سىز پەقەت شۇنداق ئىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى بىلىپ قالسىڭىزلا بولدى.

    سەئىدىيە خانى مېنى «ئاتا مىراس زېمىنىم»دىن ياۋۇزلارچە قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، دەسلەپ كەشمىر…قاتارلىق جايلارغا باردىم. ئەپسۇس، بۇ «كور» بەندىلەر مېنىڭ «كارامىتم»نى ھېس قىلمىدى بولغاي، «خانلىقىمىزنىڭ بۇزرۇك خانى بابۇر ھەزرەتلىرى بىلەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ بۇزرۇك خانى سۇلتان سەئىدخان ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ھەققىدە ئەھدۇ-پەيمان بار. يەنە كېلىپ بۇ ئىككى بۇزرۇكۋار نەۋرە كېلىدىغان قېرىنداشلاردىن. بۇنداق ئىشلاردىن ئۆزلىرىنىڭ خەۋەرسىز قالغانلىقلىرىدىن ھەيرانمىز!!» دېيىشىپ مېنى مەسخىرە تاشلىرى بىلەن ئۇرۇشتى، خەپ دېدىم!!!

    ئۇزۇن ئۆتمەي مېنىڭ پىر بۇزرۇكلىقىمدىن «ھېيىققان» بىر «ئاقكۆڭۈل بەندە» مېنى تىبەتكە – لامانىڭ يېنىغا بېرىشقا دەۋەت قىلىپ قالدى. ئۈمىد چىرىقىم شۇ ياقتا يانىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئۇ تەرەپكە يول ئالدىم.

    تىبەتكە بېرىپ لامانىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشكىچە بولغان ئۈچ ئايدا تارتقان جاپالىرىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. شۇنداق قىلىپ، لامانىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ تۇرۇپ ، ئۆزۈمنى ئۇنىڭ مۇرىتلىقىغا تەلەپ قىلدىم. «ئاتا مىراس زېمىن»ىمنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ياردەم سورىدىم. ئۇ ماڭا «خوجا ئاباق» دىگەن نامنى ھەدىيە قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ سادىق مۇرىتى غالدان بوشۇكتۇ قالماقخانغا مېنىڭ تەرىپىمنى قىلىپ مەكتۇب يېزىپ بەردى.

    شۇنىڭدىن كېيىن قالماقخاننىڭ ياردىمى بىلەن سەئىدىيە تەختىنى سويۇپ ئالدىم. كىم بىلسۇن، تەخىت پەقەت سەئىدىيە جەمەتىگىلا تەئەللۇقتەك، مېنىڭ بۇ «خان خوجىلىقىم» ئۇزاققا بارمىدى، ئاقىۋەت ئالدىنقى مەكتۇبتا دېگەندەك، مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى نىكاھىمغا ئېلىپ «سەئىدىيە جەمەتىنى خان جەمەتىگە قوشتۇم»

    مېنىڭ ئەڭ ئالىي ئېتىقادىم ئۆزۈمنىڭ «سۇلتانۇل مۇھەققىقىن» لىكىمنى مۇرىتلىرىمغا ھېس قىلدۇرۇش، بۇنىڭدىن باشقىسى «ئېتىقاد» بولۇشقا يارىمايدۇ.
    خەير، سۇلتانۇل مۇھەققىقىندىن دەپ بىلەرسىز.

    无觅相关文章插件


    تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    4 نەپەر قېرىندىشىمنىڭ باھالىشىغا ئەرزىگەن يازما بۇ ! سىزمۇ يېزىپ باقامسىز ؟

    • 1#
      سەھرالىق نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 21-مارت 06:58

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىسمەتكا! نورۇز بايراملىرى مۇبارەك بولسۇن!

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
      • 2#
        قىسمەت نىڭ بايانى:
        ۋاقتى: 2011-يىلى 21-مارت 17:03

        ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئىنىم!
        بىللە بولسۇن !

        بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 3#
      1024- سەلتەنەت نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 25-مارت 01:38

      :roll: نىمانچە چۈشنىكسىز، ئاپپاق خوجىنى مەدھىيەپ يىزىلغان تېمىمۇ بۇ .. خاتا چۈشىنىپ قالمىغاندىمەن :roll:

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
      • 4#
        قىسمەت نىڭ بايانى:
        ۋاقتى: 2011-يىلى 25-مارت 09:19

        بۇ يازما 11 بۆلەككە بۆلۈنگەن. يازمىنى بۆلەكلەر بويىچە باشتىن-ئاخىر، چىكىت، پەش، قوش تىرناقلارغا دىققەت قىلغان ھالدا ئوقۇپ چىقسىڭىز، بلوگگېر قىسمەت ۋە كۆلتېگېننىڭ بۇ سۆھبەتتە شەخسىي ھېسسىياتىنى قانچىلىك كونترول قىلغانلىقىنى، ئاپاق خوجا ئوبرازىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن قانچىلىك روھىي بەدەل تۆلىگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىسىز.

        يازمىنىڭ بۆلەكلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ .

        بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    *نــامىڭىز:
    *ئـېلخـەت:
    تور بېكەت:
    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif