Zhongyuan

97100fe403b9
ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدا (1)

كەمىنىمۇ يىللاردىن بېرى كومپيۇتېرنىڭ، ئىنتېرنېتنىڭ نېنىنى يەپ، جېنىمنى جان ئېتىپ يۈرۈپتىمەن. بۇرادەرلەرنىڭ ئېغىزىدا «قىسمەت ئەپەندى» تەرىپلىنىشكىمۇ مۇشۇ كەسىپ سەۋەب بوپتۇ. ئاتىلار سۆزى بويىچە «ئاش بەرگەن قازاننى چاقما»سلىق كېرەك ئىدى. لېكىن، بۇ «قازان»دىن ھەر دائىم «پولۇ، لەڭمەن »لا چىقمىدى. بەزى ئېتىقادسىز «ئاشپەزلەر» سەۋەبىدىن ئەخلەتمۇ، گەندىمۇ چىقىپ قالدى. شۇ مەنقۇلاتلارنى بەزىدە مەجبۇرىي، بەزىدە پەرقلەندۈرمەي يەپ سالغاندىمەن. لېكىن، خۇداغا شۈكرى، تولۇق بۇلغىنىپ كەتمەپتىمەن، ھەرھالدا روھىم سۈزۈك، ئەقلىم ئويغاق ئىكەن. چۆچۈپ ئويغاندىم. يەنە نەچچە كىشى مۇشۇ «داشقازان»دىن چىقىۋاتقان ھەممە نەرسىنى (مەيلى ئۇ پوق-سۈيدۈك بولسىمۇ) يەپ كېلىۋاتقاندۇ؟!

بەس، ئەمدى يېتەر! بەزى «ئاشپەزلەر»نى سۈر-توقاي قىلماي، بەزى «داشقازان»لارنى چاقماي بولمىدى؛ تەم سەزگۈسى يوقالغان بەزى «خېرىدارلار»نى ئويغاتماي بولمىدى! ئەخلاققا ھۇجۇم قىلىۋاتقان بەزى ئاتالمىش «ئىنتېرنېت»قا ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس، پەرزەنتلىرىم ئۈچۈن قايتۇرما ھۇجۇم قىلماي بولمىدى!!!


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 21-09-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,490 قېتىم

ھاياتى ھايىنىغا قالغان ئىنسانلار
ھاياتى ھايىنىغا قالغان ئىنسانلار
ھاياتى ھايىنىغا قالغان ئىنسانلار

نوچى شۇ يوسۇندا ئالدىغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرى بىلەن سالاملىشىپ تۈمەن بويىغا كەلدى. ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان تۈمەن سۈيى نوچىنىڭ شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىپلا ئۇچرىغان كۆڭۈلسىز كۆرۈنۈشلەرنى تازىلاپ كەتكەندەك بولدى.

نوچى بادام دوپپىسىنى كەينىگە سۈرۈپ، يەڭلىرىنى شىمايلىدى، ئۆزىنى دەريا بويىغا تاشلاپ، ئانا دەريانىڭ سۈيىنى قېنىپ-قېنىپ ئىچتى. ئانا تۇپراقنىڭ پۇراقلىرىدىن، ئانا دەريانىڭ ئەۋجىدىن سۆيۈنگەن نوچى ئېيىق تاپىنىدەك ئالىقانلىرىنى كۆتۈرۈپ ۋارقىرىدى:

-ئەزىزانە قەشقەر، مەن كەلدىم!!!


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 08-09-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 1,790 قېتىم


Powered by WordPress | Theme by Await | Copyright Qismet © 2009-2013 | Entries | Comments | TOP |