Zhongyuan

97100fe403b9
قاراقۇرۇم (كوئىنلۇن) بانكىسى بىلەن سۆزلىشىشتىن تۇغۇلغان ئويلار
قاراقۇرۇم (كوئىنلۇن) بانكىسى بىلەن سۆزلىشىشتىن تۇغۇلغان ئويلار
قاراقۇرۇم (كوئىنلۇن) بانكىسى بىلەن سۆزلىشىشتىن تۇغۇلغان ئويلار

توۋا، شەھىرى قۇمۇلدا تەرجىمان دېگەن ئىتنىڭ بېشىغا ئۇرسا ساماندەك تۇرسا. قىسمەت ئەپەندىمدەك كومپيۇتېرچىلارمۇ ساماندەك تۇرسا، ماۋۇ گۇيلار ئادەم تاپالمىدۇق دەيدا! مەيلى ماۋۇ پۇلنى مەن چىقارساممۇ چىقىراي، بىر ياراملىق تەرجىمان بىلەن، بىر ياراملىق كومپيۇتېرچى ئۈچۈن يېرىم سائەتلىك ئىشكەن بۇ، قانداق دېدىم قىسمەت ئەپەندىم؟!

قاراپ باقسام قىسمىتىمىزدىن ۋايسىماي ئەمەلى ئىشلەيدىغان ۋاقىتلارمۇ كەپ قاپتۇ، «ئۇيغۇر تىلىنى خەقنىڭ ئاغزىدىن زەر بېرىپ ئالغۇم كېلۇر» دەيدىغانراق بىر ناخشا بارغۇ ئۆزى.

شۇنداق، بىكارلىق تەرجىمە قىلىپ بىكارلىق كىرگۈزۈپ بەرسەكمۇ مەيلى، ئۇيغۇر تىلى ئاشۇ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تاختىسىغا چىقسىلا ھېساب.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 28-07-2012 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 860 قېتىم

نەس باسقان قۇمۇل ھېيىتگاھ جامەسى
نەس باسقان قۇمۇل ھېيىتگاھ جامەسى
نەس باسقان قۇمۇل ھېيىتگاھ جامەسى

قۇمۇل ھېيىتگاھ جامەسى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ قان-تەرى بەدىلگە پۈتكەن، مۆجىزە خاراكتېرلىك چوڭ قۇرۇلۇش.

مەسچىت مۇسۇلمانلارنىڭ بىر كۈندە بەش قېىتم ناماز ئوقۇيدىغان، «ئاللاھنىڭ ئۆيى» دەپ تەرىپلىنىدىغان جايى. ئەپسۇسكى، قۇمۇل ھيىتگاھ مەسچىتىدە بىر يىلدا قۇربان ھېيىت ۋە روزا ھېيىتتا پەقەت ئىككى قېتىملا ناماز ئوقۇلماقتا، پەقەت ئىككى قېتىملا ئەزان ئېيتىلماقتا. بۇ پۈتۈن شىنجاڭغا مەشھۇر بولغان قۇمۇل ھېيىتگاھ مەسچىتىنى نەس باسقىنى بولماي نېمە؟ نامازسىز قېلىش، ئەزانسىز قېلىش، تەكبىرسىز قېلىش قومۇل ھېيىتگاھ مەسچىتىنىڭ قىسمىتى بولۇپ قالماقتا.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 21-07-2012 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 1,078 قېتىم

ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر بىلدۈرگۈ تاختىسىدا ئۇيغۇرچە يوق
ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر بىلدۈرگۈ تاختىسىدا ئۇيغۇرچە يوق
ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر بىلدۈرگۈ تاختىسىدا ئۇيغۇرچە يوق

ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر بىلدۈرگۈ تاختىسى دېگىنىمىز ھە بۇ دېگىنىمىز بارغۇ قاراڭ ، مەسچىتلەر ناماز ۋاقتىنى، بانكىلار پۇل-پۈچەك ئىشلىرىنى، پوچتىخانا پوچتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى، تۆمۈر يول پويىزنىڭ مېڭىش ۋاقتىنى ئەل-ئاۋام، پۇقراغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىشىكىنىڭ بېشىغا تاقاپ قويغان ئېلېكتىرونلۇق چىكىم-چىكىم توچكا بەلگىلەنگەن قىزىل ياكى يېشىل رەڭلىك بىلدۈرگۈ تاختىسى بولۇپ، كەڭ ئامما پۇقراغا بىلدۈرۈلگەن ئۇچۇرلار توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدىكەن قاراڭ…

ئاساسىي قانۇننىڭ بىر يەرلىرىدە «پۇقرالارنىڭ بىلىش ھوقۇقى بار» دېگەن گەپ بايا غوجىلىرىم، پويىزنىڭ ۋاقتىنى، بانكىنى، ئالتۇننىڭ باھاسىنى بىلىشىمىز تۇرماق، تەرخەمەك، پېدىگەننىڭ باھاسىنىمۇ ئۇيغۇرچە يېزىپ قويۇشماپلا، بۇ ئانچە ئوبدان بولماپتۇ ، بۇ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر بىلدۈرگۈ تاختىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تامامەن مۇمكىنكەن بولمىسا، بى ئەستايىدىل ئويلىشىپ باققان بولسىلا …


ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 18-07-2012 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 715 قېتىم

قىسمەتنىڭ تاققا-تۇققا پاراڭلىرى (2)

قىزىق، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى بىلەن باشقىلارنى باھالايدىغانلار ئاۋۇپ قاپتۇ دېسە. توۋا دەيمەن-دە …

ئەگەر مېنىڭ 98-يىلى گېرمانىيەگە چىقىپ ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەنلىكىمنى ئاڭلىسا، «ھۇ ئا…، دۆت قىسمەت» دەپ ئاغزىنى بۇزۇپلا تىللاپ كېتەمدىكىن تاڭ!؟

خوش جامائەت، يازمىنى ئوقۇغاچ، يارىمىسا تىللىغاچ تۇرۇشسىلا، مەن گاچچىدە قورساقنى توقلاپ كىرەي، ئاچ قورساققا تىل ئاڭلىسام ئىچىمگە ئۆتۈپ كېتىدۇ ھەقاچان، ماقۇل ئەمىسە، بەھوزۇر، بەھۇزۇر …


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 11-07-2012 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 1,127 قېتىم

سىدام قىسمەتلەر (3)

شۇنداق، يۇرتتىن چىقىپ كەتتىم، ئاكا-ئاچىلىرىمنى، قىزلىرىمنى، دۈم يېتىپ-دۈم قوپۇپ تىكلىگەن (ناھىيەگە نىسبەتەن) زور ئىگىلىكىمنى، تېخىمۇ مۇھىمى ئاتا-ئانامنىڭ قەبرىسىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتىم.

ئەتىسى سەھەردە ئۈرۈمچىگە چۈشۈپ، مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتىم. تاماقمۇ يېمەي تۇرۇپ شېنجېندىكى بىر شىركەتتە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان دوستۇمغا تېلېفون قىلىپ، ئىچكىرىگە بېرىش ئويۇم بارلىقىنى، مۇمكىن بولسا ھەم ئوقۇش ھەم ئىشلەش شارائىتى بار ئورۇنلارنى ئۇقۇشۇپ بېرىشنى ئېيتتىم. ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ خەۋىرىنى ساقلاپ ئۈچ كۈن تۇردۇم، 3-كۈنى كەچتە ئوسال كەيپىياتىم بىلەن پويىزغا چىقىپ، ئىچكىرىگە يۈرۈپ كەتتىم…


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 07-07-2012 | باھا: 6 پارچە | زىيارەت: 867 قېتىم


Powered by WordPress | Theme by Await | Copyright Qismet © 2009-2013 | Entries | Comments | TOP |