-ھوي، مەنمۇ بار ماۋۇ يەردە، ئىمتىھانغا تىزىملاپ قويمامسەن؟
-تەقلىدى ئىمتىھان بەرسەڭ، ئاندىن تىزىملاپ قويىمەن دېدىمغۇ؟
-بايا بەرگىنىم تەقلىدى ئىمتىھاندۇ؟
-ۋاي، سەن قاچان ئىمتىھان بەردىڭ؟
ئارىمىزدىكى سوئالغا سوئال بىلەن جاۋاب بېرىلگەن بۇ دىيالوگلار مېنى ئايلاندۇرۇپ قويايلا دېدى.
-سادىغاڭ كېتەي، مەن نەچچە كۈندىن بېرى مۇشۇ ئىمتىھانغا تىزىملىتىشنىڭ كويىدا. سەن ھېلى تېخى لەپتوپنى بېرىپ، ئىمتىھاننى مۇشۇنىڭدا بەر، بېرىپ بولۇپ، ئىشخانىغا ئەكېرىپ قوي دېدىڭ. ئىمتىھاندىن 96 ئالدىم. يەنە نېمە دەيسەن؟
-مەن ساڭا قاچان لەپتوپ بەردىم؟ قاچان سەندىن ئىمتىھان ئالدىم؟
خۇدا، مەن ساراڭ بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن، ماۋۇ ساراڭغا ئەقىل بەرگىن!
ئۇ ماڭا بىر ئۇزۇن قارىۋېتىپ، بېشىنى قاشلىدى:
-ۋاي، بايا مەندىن لەپتوپنى ئالغان سەنمۇ؟
-ئالدىنقى ھەپتە ساڭا ئالدانغان، ئەتىگەن سەن تېلېفون قىلغان، ھېلى سەندىن لەپتوپنى ئالغان، شۇ لەپتوپتا ئىمتىھان بەرگەن، بايىدىن بېرى سەن بىلەن جېدەللىشىۋاتقان ھەممىسى بىر ئادەم، يەنى مەن!!!
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 21-10-2012 | باھا: 10 پارچە | زىيارەت: 1,350 قېتىم