بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > «بىلوگ بىلدۈرگىسى» سەھىپىسىدىكى يازمىلار

    • Qismet_New_Theme
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئامان تۇرۇپسىلەرمۇ؟ ئاۋۋال سىلەرگە ھېيتلىق سالام يوللايمەن، روزى ھېيىتىڭلارغا، قۇتلۇق كۈنۈڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! سالامدىن سوڭرە سۆزۈم شۇكى، بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا مەن يۇرتتا ھېيت تەنتەنىسى بىلەن بولىمەن، بىلوگمۇ ھەم ھېيتلىق يېڭى «چاپان» كىيگەن بولىدۇ. مۇخلىسلىرىمغا مەلۇمكى، ئۆز كەسپىم كومپيۇتېر تۇرۇپ، بىلوگ ساھەسىگە نىسبەتەن كېچىكىپ (2009-يىلى 2-ئاي) كىرگەن ئىد...
    • igilik

      قىسمەت 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاھىدە پىروگراممىسى «ئىگىلىك سەھنىسى»گە قاتناشقان ئىدى. نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن بۇ پىروگراممىدا ئۈزۈپ چىقالمىدى

      بىلوگقا يازما يېزىشقىمۇ ھەپسىلىسى يوق جىددىي ئىشلەپ كېتىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، قىسمەتباي ئوقۇرمەنلىرىنى مۇشۇ پىروگرامما ئارقىلىق بولسىمۇ ئالداپ تۇراي دەپ ئويلىدى بولغاي، سىن ھۆججىتىنى يوللاپ قويدى.

      2012–يىلى 10–ئاينىڭ 7-كۈنى (يەكشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:00 دىن 8:00 غىچە ئاڭلىتىلىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پىروگراممىسى «ياشلىق مىلودىيەسى FM101.7» دە كەمىنە ئەمەتجان رۇسۇل(قىسمەت)نىڭ قسىمەتلىرى ھەققىدىكى زىيارەت بولغان ئىدى.

      بۇ زىيارەتتە قىسمەت قانداق ئادەم؟ ئۇ بۈگۈنگىچە نېمە ئىشلار بىلەن ياشاۋاتىدۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ياشىماقچى؟ دېگەندەك ئىشلار خۇسۇسىدا ئاز-تولا گەپ بولۇندى، قىزىقسىڭىز ئاڭلاپ بېقىڭ.

      2011-يىلى يىل بېشىغا كەلگەندە غەيرەتكە كەلدىم بولغاي، ../../ نامىدا مۇستەقىل تور نامى ئېلىپ، بىلوگ ئۇسلۇبىغا بىر ئايغا يېقىن ھەپىلىشىپ، بۇ خاس كەپەمنى قايتا ئېچىۋالدىم.

      مەن بىلىدىغان بلوگگىرلارنىڭ ئالدى 9-10 قېتىم، كەينى 1-2 قېتىم بىلوگ ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇپ چىقتى. مەن بەك جاھىلمۇ ياكى ئۇسلۇبقا بەك كۆپ كۈچ چىقارغاچ، مېھرىم چۈشۈپ قالدىمۇ بىلمىدىم، شۇ «كونا چاپان» بىلەن بۈگۈنگە قەدەر بىلوگ يېزىپ كەپتىمەن، بەزىدە 2-3 كۈندە بىر، بەزىدە 2-3 ئايدا بىر يازما يازساممۇ، ئىشقىلىپ توختاپ قالماي بۈگۈنگە كەلدىم.

      يېقىندىن بېرى تېلېفون، E-mail لاردا (ھازىر QQ نى كۆپ ئىشلەتمەيمەن) مەن بىلەن ئەسرالىشىشنى، پاراڭلىشىشنى ئىستىگەن بىر نەچچە بۇرادەرلەر بىلەن دىدارى-مۇلاقاتتا بولدۇم. بىر ۋاق تاماق يېيىشكەچ، ئۇ يەر-بۇ يەرنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپ مۇڭداشقانمۇ بولدۇم. بۈگۈن ئىككى بۇرادەر يەنە شۇ خۇسۇسىدا تېلېفون قىلىپتۇ. بۇرادەرلەرنىڭ مېنى يېقىن كۆرۈپ مۇڭداشماق بولغانلىقىغا خۇرسەن بولدۇم-يۇ، ئويلىنىپ قالدىم. كىشىلەر نېمە سەۋەبتىن مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىدۇ؟ مەندىن قانداقمۇ ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك ياخشى پىكىرلەر چىقسۇن؟

      قىسمەت بلوگى باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى (ئېتىقادى، شەخسىيىتى ۋە باشقىلار) غا دەخلى يېتىشىنى قوللىمايدۇ. پاكىتسىز يازما، ئىنكاسلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى خالىمايدۇ، ئېلان قىلىنغان يازما، ئىنكاسلارنىڭ ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ئۆچۈرۈلۈشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ.

      قىسمەت بلوگى ھېچقانداق تەشكىلات ياكى ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يېزىلغان يازما ۋە ئىنكاسلار پەقەت شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولىدۇ. دېمەكچىكى، قىسمەت باشلىق بلوگ جامائىتى ئۆزى يازغان يازما، ئىنكاسلارنىڭ تولۇق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.

      سىز كۆرۈۋاتقان مەزكۇز بلوگنىڭ قۇرغۇچىسى قىسمەت بىلەن 2006-يىلى ئىزدىنىشتا تونۇشقان ئىدىم. شۇ چاغلاردا ئىككىمىز « ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت » تېمىسى ئارقىلىق تورداشلارنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە ئاز-تولا بارغان ئىدۇق.

      ئارىدىن 5 يىل ئۆتۈپتۇ. ھەرقايسىمىز ئۆز تىرىكچىلىكىمىز بىلەن ياشاپ كەپتىمىز. نەچچە كۈن ئاۋال، قىسمەت بىلەن قايتا پىكىرلىشىش نېسىب بولدى. نەتىجىدە مەزكۇر بلوگنى قىسمەت بىلەن بىللە يېزىشقا كېلىشتۇق.

      كەمىنە كۆلتېكىن سەل ئالدىراشراق ئادەم، بەلكىم يازمىلىرىم ئىزچىل بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئىشتىھاسىغا يازما سۇنۇپ تۇرىمەن.

      خۇلاسە كالام، بىلىدىغانلىرىمدىن يازغانلىرىم، ئۆگەنگىنىمدىن ئۆگەتكىنىم تولىمۇ ئاز بوپتۇ. نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېزىپتىمەن، ئاللا قەيەرلەردە قېلىپ يۈتۈپتۇ. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپتىمەن، باشقىلارغا بىلدۈرۈپ بولغىچە ئۇنتۇپ ئۈلگۈرۈپتىمەن. شۇنداق قىلىپ، ئىزلىرىم ئۆچكىلى تۇرۇپتۇ. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، چۆچۈپ ئويغاندىم، ئەمدىلىكتە بولسىمۇ كېچىكمەسمەن، دېگەن نىيەتتە، قولۇمنى كونۇپكا تاختىسىغا قويدۇم…

      قېنى مەرھەمەت، قىسمەتلىرىم ھوزۇرىڭىزدا …