ئورنىڭىز: باش بەت > ماقالە-يازمىلار > ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 10

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 10

ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 05-03-2011 | خەتكۈشلەر:

  • ئىي پىر بۇزرۇك! بەرگەن تەلىملىرىڭىزنى ئاڭلاپ كاللام خېلى ئېچىلىپ قالدى. سىزنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىپ سىزگە بولغان ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشۇرماق ئۈچۈن، شەخسىي تۇرمۇشىڭىزدىن بىر قانچە سوئال سوراي. پىرىمنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلماق تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا.

    10-سوئال: ئاڭلىسام سىزنى مەي-شاراپقا تولىمۇ ھېرىسمەن، نەشە دىگەننى خوجا ھىدايىتۇللا ئىشاندەك چەكمەك بار دەپ ئاڭلىدىم. بۇ راستمۇ؟ «موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما!»، «موللام بىلىپ تۇرۇپ كۆلگە سىيىدۇ» دېگەنلەر سىزنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىڭىزدىن ئەلگە تارقالغان ماقال-تەمسىلمۇ قانداق؟

    11-سوئال: سىزگە مۇرىت بولغان كىشىلەرنىڭ قىزلىرىغا «دۇئا ئوقۇپ قويۇش» دېگەننى قانداق چۈشىنىمىز؟ «تالاق قىلىنغان ئايال ئېرى بىلەن قايتا يارىشىپ قالماقچى بولسا، موللام بىلەن بىر ئاخشام ياتماق لازىم» دىگەن سىز چىقارغان پەتىۋا ياكى تەمسىللەرمۇ؟ مۇشۇ يېقىنغىچە 90-80 ياشلارغا كىرىپ قالغان بەزى قېرى موللاملارنىڭ 18-17 ياشلىق قىزلارنى نىكاھىغا ئالغان ئىشلار شۇ «دۇئا ئوقۇپ قويۇش» بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ قانداق؟

    شەخسىي تۇرمۇشىڭىزنى تەپ-تارتماستىن سوراپ سالدىم. مېنى «قارغىش» تىن ساقلاپ، «دوزىخىي» بولۇپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن كەچۈرۈۋەتكەيلا. مەندە پەقەت سىزنى كۆپرەك چۈشىنەي دېگەن ئۈمىدلا بار خالاس.
    جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ:
    چوڭ ئېھتىرام بىلەن: كۆلتېگىن.

    پىرلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدىن سۆز ئاچماق دۇرۇس ئەمەس ئىدىلەر، شۇنداقتىمۇ زاتىل ئەقتابىم بولمىش سىزنى نائۈمىدتە قويۇشنى راۋا كۆرمىدىم. ئۈمىدسىز شەيتان دېيىلىدۇ ئەمەسمۇ!

    10-سوئال: ئاڭلىسام سىزنى مەي-شاراپقا تولىمۇ ھېرىسمەن، نەشە دىگەننى خوجا ھىدايىتۇللا ئىشاندەك چەكمەك بار دەپ ئاڭلىدىم. بۇ راستمۇ؟ «موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما!»، «موللام بىلىپ تۇرۇپ كۆلگە سىيىدۇ» دېگەنلەر سىزنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىڭىزدىن ئەلگە تارقالغان ماقال-تەمسىلمۇ قانداق؟

    راست، دېمىسىمۇ مەن مەي-شاراپقا، نەشىگە تولىمۇ ھېرىسمەن. چۈنكى « مەسىت بولغاندىلا ئاندىن ھەقنىڭ دىدارىغا مۇشەررەپ بولغىلى بولىدۇ» . بۇنىڭ سەۋەبىنى ئالدىنقى مەكتۇبلىرىمدىكى «تەلقىن» نىڭ خاىسىيىتى بىلەن بىر مەنىدە چۈشىنىش مۇمكىن. ئەمدى «موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما» دېگەن گەپكە كەلسەك، مەن موللام ئەمەس، ئىشان. ئىشان بولغاندىمۇ «سۇلتانۇل مۇھەققىقىن» دەرىجىسىگە يەتكەن ئىشان. مېنىڭ سۆزۈملا ئەمەس. ئىش-ھەرىكىتىممۇ سىزلەرگە ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئىشەنمىسىڭىز مەي-شاراپ، نەشىنىڭ كەيپىدىن كېيىن «تەلقىن» گە چۈشۈپ بېقىڭ، «ھەقنىڭ دىدارىغا يەتمىگەنلىكىڭىزنى مەن بىر كۆرەي». «موللام بىلىپ تۇرۇپ كۆلگە سىيىدۇ» دىگەننىڭ ئاساسىنى مەن ئەمەس، بەلكى شاھ مەشرەپ (بابا رەھىم مەشرەپ) كەلتۈرۈپ چىقارغانغۇ دەيمەن!

    11-سوئال: سىزگە مۇرىت بولغان كىشىلەرنىڭ قىزلىرىغا «دۇئا ئوقۇپ قويۇش» دېگەننى قانداق چۈشىنىمىز؟ «تالاق قىلىنغان ئايال ئېرى بىلەن قايتا يارىشىپ قالماقچى بولسا، موللام بىلەن بىر ئاخشام ياتماق لازىم» دىگەن سىز چىقارغان پەتىۋا ياكى تەمسىللەرمۇ؟ مۇشۇ يېقىنغىچە 90-80 ياشلارغا كىرىپ قالغان بەزى قېرى موللاملارنىڭ 18-17 ياشلىق قىزلارنى نىكاھىغا ئالغان ئىشلار شۇ «دۇئا ئوقۇپ قويۇش» بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ قانداق؟

    بۇ ئەسلى ئىسلام شەرىئىتىدىكى نەچچە قىزى بار بولغان كىشى شۇ قىزلىرىنى ئىسلامىي ھىدايەت نۇرلىرى بىلەن تەربىيىلىسە، شۇ قىزلىرىنىڭ تاپقان ساۋابىنىڭ بىر قىسمى شۇ ئاتا-ئانىغا ھېساب بولىدۇ دېگەنگە يېقىن بايانلاردىن كېلىپ چىققان. مېنىڭ دەۋرىمگە كەلگەندە «جەننەتنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا» بولغانلىقى بائىسىدىن، مۇرىتلىرىم «جەننەت»كە كىرمەكنى ئىستەپ نارەسىدە قىزلىرىنى ماڭا تۇتتى. «سۇلتانۇل مۇھەققىقىن» بولمىش مەن مۇرىتلىرىمنىڭ «ئاھۇ-دەردىگە» يەتمەي تۇرالايمەنمۇ؟!

    ئەمدى تالاق قىلىنغان ئايال ئېرى بىلەن قايتا يارىشىپ قالماق بولسا، موللام بىلەن بىر ئاخشام ياتماق بار دېگەن گېپىڭىزگە كەلسەك، مەن بۇ ھەقتىكى بايانىمنى رەت قىلىمەن. چۈنكى بۇنداق دېگەنلىكىم ئېسىمدە يوق. بۇ ھەقتە سىز ماڭا ئەمەس، پالتۇ ئەئلەم كەبىي «تۇزكور» «دوزىخىي» بەندىلەر ئاساس قىلىۋالغان قۇرئانى كەرىمگە مۇراجىئەت قىلسىڭىز بولىدۇ.

    مۇشۇ يېقىنغىچە 90-80 ياشلارغا كىرىپ قالغان بەزى قېرى موللاملارنىڭ 18-17 ياشلىق قىزلارنى نىكاھىغا ئالغان ئىشلار شۇ «دۇئا ئوقۇپ قويۇش» بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ قانداق؟

    گېپىڭىزگە تۈزىتىش بەرسەم، مېنىڭ ھېكمىتىم بولمىش سۈلۈكىي ئىشقىيەدە «موللام» دېگەن گەپ يوق. پەقەت پىر ھەم مۇرىت دىگەن گەپلا بار. ئەگەر شۇلار ھەقىقەتەن مېنىڭ كەلگۈسى مۇرىتلىرىم بولىدىغان بولسا، ئۇلار پەقەت «ئازغۇن بەندىلەر» نى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغاندۇر. مەھشەر كۈنى كەمىنە پىر بۇزرۇك ئول زاتىل ئەقتاب سىياق مۇرىتلىرىمنى شاپائەت قانىتىم بىلەن قوغداپ قالىمەن.

    خەير، سۇلتانۇل مۇھەققىقىندىن دەپ بىلەرسىز.

    无觅相关文章插件


    تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    1 نەپەر قېرىندىشىمنىڭ باھالىشىغا ئەرزىگەن يازما بۇ ! سىزمۇ يېزىپ باقامسىز ؟

    • 1#
      ئابدۇرھىم نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 19-مارت 09:26

      ئۇزۇن بوپتىكەن مۇشۇ توغورلۇق گەپ بولونمىغىلى،،،،ئىسمى جىسىمىغا لايىق مۇناپىق بۇ …ئاللا جاجسىىنى بەرگەي

      بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    *نــامىڭىز:
    *ئـېلخـەت:
    تور بېكەت:
    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif