بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > خەلقئارا ۋەزىيەت > قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 2

    قىزىق نۇقتا ئاسىيادا 2

    3. ياۋروپا ئىتتىپاﻗﻰ: ياۋروپا ئىتتىپاﻗﻰ 1957-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. 50 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻰ. ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ، ئېتىقادى ﯞﻩ مەدەنىيىتى ئاساسىي ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ياۋروپدىكى ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئاساسىي ﺟﻪﮬﻪتتىن زېمىنى ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ﻛۆﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪسىلىنى ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ 100 يىلغا ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ چاغلارمۇ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ياۋروپالىقلار ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ قىلغىلى ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋۆﺯﯨﻨﻰ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.

    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ كېيىن، ياۋروپادىكى ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘﺗﯘﭘﻘﺎ ﺑۆﻟﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ بولۇپ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﯓ-فورماتسىيە ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ئوخشىماسلىقى ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮتتۇﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ پەرقنى ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘﺗﯘﭖ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﮬﺪﯨﺖ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪببۇسى ﺑﯩﻠﻪﻥ ياۋروپادىكى ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ئىتتىپاﻕ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋۆﺯﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﺎﻗﺎبىل ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 6 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ئىتتىپاﻗﯩﻨﻰ ﺭﯨﻤﺪﺍ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﻗﯘﺭﯨﺪﯗ. 1990-يىلىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ئىتتىپاﻗﻘﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ سانى تەرەققىي ﻗﯩﻠﯩﭗ27 ﮔﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ياۋروپا ﭘﺎﺭﻻﻣﯩﻨﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ياۋروپادا ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ئىقتىساﺩﻧﻰ ﺑﯩﺮ گەۋدىلەندۈرۈش، ياۋرونىڭ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ياۋروپا ئاساسىي قانۇنىنى ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﺷﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﯞﻩ ياۋروپا قوشۇنىنىمۇ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ. ﺋﯘﻻﺭ «ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ئورۇن ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.

    ﺋﯘﻻﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭘﻼﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ. بۇ 27 دۆلەت ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ تەرەققىي ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ تەرەپلەتنىڭ ھەممىسىنى مەنپەئەتلەندۈرگىدەك ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ لايىھە ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ كېلىشتۈرشكە ﻳﻪﻧﯩﻼ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ئامېرىكا ياۋروپانىڭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﯕﺎﻳﻼ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ئىقتىسادىي، ھەربىي، سىياسىي ﮔﻪﯞﺩﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺧﺎﻻﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﭘﻮﻟﺸﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﯞﻩﺩﻩ قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ بىرلىشىشىگە ﺗﻮﺳﻘﯘنلۇﻕ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ئامېرىكىنىڭ «ﻛﻮﻧﺎ ياۋروپا» ﯞﻩ «ﻳﯧﯖﻰ ياۋروپا» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ كۆرۈۋالايمىز. فىرﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ۋە گېرمانىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﯩﻤﯘ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالىمىز. ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ياۋروپا ئىتتىپاﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ، بەلكى ئامېرىكىغا ﻣﺎﻳﯩﻞ ئىكەنلىكى ﺑﯘﻧﯩﯔ ئىسپاتى.

    ﺑﯩﺮﺍﻕ، ياۋروپا ئىتتىپاﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ گەۋدىلىشىشى ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻳﻪﻧﻰ «ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻼ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﯩﻠﻰ، ئىقتىساﺩﻧﻰ تەرەققىي ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﯞﻩ بىخەتەر ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» دېگەن قاراش بار. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺩﯙﻟﻪﺕ بولۇش ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ يوقىتىپ، ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﮔﻪﯞﺩﻩ بولۇش ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ئاشسا، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺳﻪﻝ ﭼﺎﻏﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

    ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ دېموكراتىيە، ئىجتىمائىي ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ، فۇنكىتىسيەلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ﻳﺎﺧﺸﻰ بولۇپ، ھەربىي قوشۇن، زامانىۋىي قورال-ﻳﺎﺭﺍﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﮬﻪتتىمۇ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎلاھىدﻩ ئورۇندا ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

    ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ گەۋدىلىشىشنى ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ، ياۋروپا ئىتتىپاﻗﻰ ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللىيالىسىلا، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ئوتتۇرىلىرى ﻳﺎﻛﻰ ئاخىرلىرى ئۈچىنچى ﭼﻮﯓ ﻛﯜﭺ بولۇپ ﺷﻪﻛﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

    4. جۇڭگو: ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، بولۇپمۇ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ، ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺸﺘﯩﻦ كېيىن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ. جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ئېتىراب ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ.

    ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، زېمىن ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﮕﻪﻥ بولۇپ، بۇ ﺗﻪﻳﯟﻩﻥ مەسىلىسىدە ﺋﻪﯓ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ مىللىي ﺑۆﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ مۇقىمسىزلىق ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯘ ﺳﻪﻝ ﭼﺎﻏﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. جۇڭگو فېئوداللىق ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ، ﻳﯧﯖﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻮﻝ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ. فۇنكىتىسىيەلىك ئورۇنلارنىڭ ﺗﻪﺭﻩققىياﺗﻘﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﻣﯘﻛﻪممەﻝ ئىجتىمائىي ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ سىستېمىسىنىڭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭖ، ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯ بولۇشى ﯞﻩ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩققىياﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ئىجتىمائىي ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ مۇقىملىققا ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪسىلىلەﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ. جۇڭگو ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ چىققىنى بىلەن، ﺋﻪﯓ تۆۋەندىكى كىشىلەر ئۆڭكۈردە، ئېلىبنىڭ سۇنۇقىنى ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ.

    پەرق ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ. ﺑﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪمبەغەللەﺭﻧﯩﯔ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﺯﻭﺭ. ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ بۇلغىنىشى، ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﯸﭽﯩﻠﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﻮﯓ زېمىندا، ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻤﯘ ﺗﻮﻻ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ… ﺷﯘﯕﺎ ﺟﻮﯕﮕﻮ ھۆكۈمىتىنىڭ ﺋﻪﯓ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪمئىيەﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ ئىقتىساﺩﻧﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ.

    ئىقتىسادىي ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺗﻪﺭﻩققىياﺕ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﻮتتۇﺭﺍ ﮬﯧﺴﺎﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ %8 ﻟﯩﻚ ﺳﯜﺭﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ تەرەققىي ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺧﻮﺷﻨﯩﻼﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ تونۇشقا ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺷﻪﮬﻪﺭ قۇرۇلۇشى، تۆمۈريول ﯞﻩ يۇقىرى ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ تاشيوللارنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ زۇڭلى ﯞﯦﻦ جياباۋ مۇقىم ﻣﯜﻟﯜﻛﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﭗ، ﻣﺎﻛﺮﻭﻟﻮﻕ كونترول ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻖ تۇرمۇشىغا ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﻪنپەئەﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ قۇرۇلۇشقا يۆتكىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ سىستېمىسىنى ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ. ئىقتىساﺩ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﻣﺎﺱ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ، جۇڭگونىڭ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ئوتتۇرىسىدا ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ تۆتىنچى ﭼﻮﯓ ئىقتىساﺩﻯ ﮔﻪﯞﺩﻩ بولۇشىدا ﮔﻪﭖ ﻳﻮﻕ.

    ھەربىي ﺟﻪﮬﻪتتىن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، جۇڭگونىڭ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ يۇقىرى ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺩﻩ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰ. باشقۇرۇلىدىغان ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ئىقتىدﺍﺭﻯ ﺧﯧﻠﻰ يۇقىرى، ﺩﯦﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺩﻩ چەتئەلگە بولۇپمۇ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺮ. ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ قورال-ﻳﺎﺭﺍﻗﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﯞﻩ ئامېرىكا ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺒﺎﺭﮔﻮ يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. جۇڭگو ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ مۇداپىئەنى ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍﺗﯩﮕﯩﻴﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭۇﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. جۇڭگومۇ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩدﻩﺕ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ئىقتىدﺍﺭﻯ، ﺋﯜﭺ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ئىقتىدﺍﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ بىرنېمە دېيىش ﺗﻪﺱ.

    سىياسىي ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ب د ت نىڭ دائىمىي ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ بولۇش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﮬﺎﺯﯨﺮ قارارلارنى ماقۇللاشتا ھوقۇقىدىن ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﺶ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺗﺎﺷﻼﺷﺘﯩﻦ قۇتۇلۇۋاتىدۇ، رايون مەسىلىلىرىنى ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ئىقتىسادنىڭ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، خەلئارادىكى سىياسىي ﺋﻮﺭﻧﻰ يۇقىرىلاپ، ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﭼﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ.



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    无觅相关文章插件,快速提升流量