خېشېننى شۇ دەۋرگە، يېشىغا نىسبەتەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەر دېمەي ھېچ ئامالىمىز يوق. خېشېننىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان تۈپكى ئامىل: بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ تالانتى ۋە مول بىلىمى؛ ئىككىنچىدىن: چيەنلوڭخاننىڭ زور ئىشەنچىسى؛ ئۈچىنچىدىن، خېشېننىڭ مال-دۇنياسى. بۇ ئۈچ ئامىل بىر-بىرىنى شەرت قىلىدۇ. ناۋادا خېشېننىڭ تالانتى بولمىغان بولسا، چيەنلوڭخانغا ھەرقايسى تەرەپتىن يېقىپ قېلىشى ناتايىن، دەماللىققا يېقىپ قالغان بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ. خېشېننىڭ تالانتى، مول بىلىمى، كىچىكىدىن تىرىشىش روھى ۋە كېلىشكەن قەددى-قامىتى چيەنلوڭخاننىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان. خېشېن خان بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىللە تۇرۇش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. خېشېن قابىلىيىتىگە تايىنىپ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىللە، يەنە قايغۇسىغا قايغۇ، كۈلكىسىگە كۈلكە بولۇپ، چيەنلوڭنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىغا ئايلانغان. خېشېن كىچىكىدىن چيەنلوڭنى تەتقىق قىلغان بولغاچقا، ئاللابۇرۇن چيەنلوڭنىڭ ئىچىدىكى قۇرۇتقا ئايلانغان.
نېمىشقا خېشېننىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا مال-دۇنيامۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ دەيمىز؟
پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دەۋردە پادىشاھنىڭ ھوقۇقى چەكسىزلىككە ئىنتىلگەن بولۇپ، بىر ئېغىز گەپ بىلەن بىر ئادەمنىڭ ۋە بىر جەمەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. شۇڭا بۇرۇنقىلار «پادىشاھقا ھەمراھ بولماق، يولۋاسقا ھەمراھ بولغانلىقتۇر» دەپ توغرا ئېيتقان. پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا خانىش ئانىسى، نەچچە ئون خانىش-بانۇلىرى، خانزادە-مەلىكىلەر، خان تاغىسى، خان ئۇكىسى دېگەندەك خان جەمەتى ئەزالىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ ھوقۇق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا تەڭشىمىگەندە، ھەر ۋاقىت خېشېننىڭ ھوقۇقىغا ۋە ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. ئارقا ھويلىدىكى بۇ «مۇئاۋىن پادىشاھ»لارنىڭ ھەممىدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پارقىراپ تۇرغان ئالتۇن-كۈمۈش. شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مال-دۇنياغا تايىنىپ تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ. ئاتالمىش «مۇئاۋىن پادىشاھ»لار خېشېننىڭ تالانتىغا، كېلىشكەن قەددى-قامىتىگە ئانچە قىزىقمايدۇ. بۇنى تونۇپ يەتكەن سەزگۈر خېشېننىڭ قەلبىگە كىچكىدە تېرىلغان مال-دۇنيا توپلاش ئۇرۇقى مۇشۇ ئېھتىياج تۈپەيلى بىخلاشقا باشلايدۇ.
خېشېننىڭ ئوردا بېرىدىغان تەمىناتى ئارانلا ئۆزىنى قامداشقا يېتىدىغان بولۇپ، ئارقا ھويلىدىكى مۇرەككەپ شەخسلەرگە گۆھەر-مەرۋايىت سوۋغا قىلىشقا قۇربى يەتمەيدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ قولىدىكى نازارەتسىز چوڭ ھوقۇققا تايىنىش كېرەك. خېشېن ئەمەلدارلارنى ئۆستۈرۈش-قالدۇرۇش ئىشىغا، خانىدانلىق مالىيىسىگە مەسئۇل باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن، ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە قويۇش جەريانىدا پارا ئېلىشقا باشلايدۇ. خانىدانلىق مالىيىسىگە مەسئۇل بولۇشتەك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل قۇرۇلۇشلاردا خاندانلىقنىڭ مالىيىسىگە خىيانەت قىلىدۇ. چىڭ خانىدانلىقىنىڭ تۈزۈلمىسىدە ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئەمەلدارلارنى باھالاش ئېلىپ بېرىلىپ، لاياقەتسىز بولۇپ باھالانغانلىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدىغان بولغاچقا، خېشېن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدۇ.
خېشېننىڭ كىرىم مەنبەسىنىڭ بەلگىلىك قىسمىنى تەشكىللەيدىغىنى سودىغا تايىنىش. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سودىگەرلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ھەممىدىن تۆۋەن بولۇپ، ھازىرقى ياللانما ياكى سائەتلىك قارا خىزمەتچىلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا سودىگەر دېسە ھەممە ئادەم قاچىدىغان ئەھۋال ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولغاچقا، ئەمەل تۇتقانلار ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ئەنسىرەپ سودا بىلەن شۇغۇللانمايدۇ. بىراق ئەقىللىق خېشېن ھوقۇق بىلەن سودا بىرلەشسە كېلىدىغان پايدىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، مەخپىي ھالدا سودا قىلىشقا باشلايدۇ. تارىخچىلارنىڭ دېيىشىچە، خېشېننىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە 3000 ئېغىزلىق سودىغا قاتناشتۇرغان ئۆيى، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاچقان 100 گە يېقىن گۆرۈخانىسى، نەچچە ئون كۆمۈر كانى، 80 نەچچە ھارۋىلىق مال توشۇغۇچى قاتناش ئەترىتى، 8000 گېكتار تېرىلغۇ يېرى، داڭلىق قەدىمى ئاسارە-ئەتىقە سېتىش دۇكانلىرى بولغان. خېشېن بۇ پايدىسى زور سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىپ مال-دۇنيا توپلىغان بولۇپ، بۇ زور مال-دۇنيا ئارقىلىق ئارقا ھويلىدىكى مۇرەككەپ شەخسلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ كەلگەن. ئارقا ھويلىدىكى مۇرەككەپ شەخسلەر خېشېننىڭ ئىلتىپاتىدىن تولىمۇ مىننەتدار بولغاچقا، ئاخشام-ئەتىلىرى خانغا خېشېننىڭ يامان گېپىنى قىلمىغان ۋە ئۇنىڭ تالانتىغا ئاپىرىن ئوقۇشقان، خېشېن تەبىئىيلا چيەنلۇڭخاننىڭ تېخىمۇ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن.
خېشېن ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق تەڭشىگەندۇ؟
خېشېن ئەڭ ھالقىلىق ھوقۇقنى تۇتىۋالغاندىن كىيىن باشقىلارنىڭ نارازىلىقى بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ-دە. ئەقىللىق خېشېن ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ئەمەلدارلارنى ئۈچ تۈرگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلغان. بىرىنچى تۈردىكىلەر ئۆزى بىلەن پىكىرداش كىشىلەر بىلەن مال-دۇنيادا ئورتاقلاشقان بىر قىسىم كىشىلەر بولۇپ، خېشېن بۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى كۆرمەسكە سېلىۋالغان. خېشېن بىلەن پىكىرداشلاردىن تىپىك مىسال فۇكاڭئەن. فۇكاڭئەن تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ ئۆيىدىنمۇ 500 مىليون كۈمۈش تەڭگە ئەتراپىدا مال-دۇنيا چىققان. ئىككىنچى تۈرىدىكىلەر مۆتىدىل كىشىلەر بولۇپ، خېشېن ئۇلارغا بەزىدە يول قويۇپ، بەزىدە ئەدەپلەپ، بەزىدە يېقىن تارتىپ، بەزىدە چەتكە قېقىپ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان. مۆتىدىل ئەمەلدارلارنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى تېپىپ چىقىپ مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ھەل قىلغۇچ پەيتكە كەلگەندە كوزۇرنى ئىشقا سېلىپ، دۈشمەنلىرىنى شۇلارنىڭ قولى بىلەن يوقاتقان. ئۈچىنچى تۈرىدىكىلەر خېشېن بىلەن قارمۇ-قارشى يول تۇتقانلار بولۇپ ، خېشېننىڭ پارا ئالغانلىقى، خىيانەت قىلغانلىق توغرىسىدا خانغا مەخپىي مەلۇمات سۇنغاندا، خېشېن ئوردىدىكى ئايغاقچىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ مەخپىي مەلۇماتنىڭ مەزمۇنىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، دائىم خان ئالدىدا دۈشمىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ، ئۇنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ سىرتتىكى مۇھىم ئىشلارغا مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ پايتەختتە تۇرۇپ ئۆزىگە كەلتۈرىدىغان خەۋپنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويمىغان. مەسىلەن ئالساق، داڭلىق سەركەردە، ئۆلىما ئاگۈي. ئاگۈي بىر نەچچە قېتىم خانغا مەلۇمات سۇنۇپ خېشېننى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، خېشېن دائىم ئاگۇينىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى داڭلاپ ئۇچۇرۇپ، ھېلى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ چەت رايونغا بېرىشقا تەۋسىيە قىلسا، ئۇرۇش تۈگىمەي تۇرۇپلا سۇ ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئەۋەتكەن بولۇپ، ئاگۈي ئوردىدىن شۇ چىقىپ كەتكەنچە 20 يىلغىچە ئوردىغا قەدەم باسالمىغان. ئاخىرىدا 80 ياشقا كىرىپ قالغان ئاگۈي سالامەتلىكى يار بەرمەي، خانغا قايتا-قايتا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق پايتەختكە قايتىپ كېلىۋالغان. خېشېن مۇشۇنداق ئەپچىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ دۈشمىنىنى خاندىن يىراقلاشتۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خانغا دۈشمىنىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ، ئۆزىنى كەڭ قورساق، دۈشمىنىنى بولسا كۆرەلمەس قىلىپ كۆرسىتىشتەك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
خېشېن نەچچە ۋازارەت ۋە مەھكىمىنىڭ ۋەزىرى بولغان بولسا ئۇ خىزمەتلەرنى قانداق يۈرۈشتۈرگەندۇ؟
ئەقىللىق خېشېن خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشتۈرۈشتە بىلىملىك كىشىلەرنى ئەتراپىغا توپلاپ، ئۇلارنىڭ بىلىمدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ھەمدە ئۇلارغا ئىنتايىن ياخشى ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، قەدىرلەپ ئىشلەتكەن. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، بىرىنچىدىن خىزمەتلەر جايىدا يۈرۈشكەن بولسا، ئىككىنچىدىن خاننىڭ خېشېننىڭ خىزمەتلىرىدىن ۋە ئادەم باشقۇرۇش تالانتىدىن مەمنۇن بولۇشتەك قوش ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
خېشېننىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىدىن چيەنلۇڭ ئازراقمۇ بايقىمىغاندىمۇ؟
چيەنلۇڭمۇ دانا پادىشاھ بولغاچ، خېشېننىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىدىن خەۋەرسىز قېلىشى ناتايىن. چۈنكى، چيەنلۇڭ خان ئەمەلدارلار سورۇندىكى ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار، شۇنداقلا ئارقا ھويلىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا بىلمەسكە سېلىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق، چيەنلۇڭخان خېشېننىڭ ئەمەلىيەتتە بۇنچىلىك كۆپ مال-دۇنيا توپلىغىنىدىن خەۋەرسىز بولۇشى ئېنىق. مىسال ئالساق، چيەنلۇڭ زامانىسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە «بەيلەنجاۋ دىنىدىكىلەرنىڭ توپىلىڭى»، سۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەر ئۈزۈلمەي بولغاچقا، ئوردا خەزىنىسى قۇرۇقدىلىپ قالغان بولۇپ، چيەنلۇڭنىڭ بېشى ئىنتايىن قاتقان. مەبلەغ توپلاشقا ئامالسىز قالغاندا، خېشېن ئويلاپ چىققان «پۇل ئارقىلىق جىنايىتىنى يۇيۇش» تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇ تۈزۈمنىڭ ماھىيىتى مۇنداق: چىڭ خانىدانلىقى تەۋەسىدىكى ئەمەلدارلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويۇش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوردا مالىيىسىگە ئالدىن پۇل تاپشۇرىدۇ. كىېيىن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا، جىنايىتىنى ھېلىقى ئالدىن تاپشۇرغان پۇل بىلەن يۇيۇۋېتىدۇ. ئەگەر چيەنلۇڭخان خېشېندا ناھايىتى زور بايلىق بارلىقىنى بىلسە، بۇنداق ئىنتايىن كۈلكىلىك، ئەخمىقانە تۈزۈمنى يولغا قويمىغان بولار ئىدى.
پەرەزگە تايانغان ئېھتىماللىق: چيەنلۇڭخان ئىنتايىن ئابرويپەرەس ئادەم بولغاچقا، تارىختا ئۆزىنىڭ «ئىنتايىن ھەشەمخور پادىشاھ» دېگەن يامان ئاتاققا قېلىشتىن قورقۇپ، ئوردا خەزىنىسىدىكى كۈمۈشلەرنى باغچا-ساراي سېلىشقا ئىشلەتمەي، ئەڭ يېقىن ئادىمى خېشېن ئارقىلىق يەنە بىر خەزىنە قۇرۇشقا قوشۇلغان بولىشى مۇمكىن. خېشېن مۇشۇ پايدىلىق ئامىلدىن پايدىلىنىپ، «كىچىك خەزىنە»نى قالتىس چوڭايتىۋەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. تارىخ يازما پاكىتلارنى ئاساس قىلىدىغان، پەرەزگە يول قويۇلمايدىغان بولغاچقا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پەرەز دەپ چۈشىنىشىنى، ئەمەلىيەت ئەمەسكەن دەپ ئويلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!
قارىغاندا ماۋۇ خېشىننى ئوبدانراق چۈشۈنۈپ قويساق بولامدۇ نېمە؟ بۇ يازمىلارنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا خېشىننى كىنودىكىدەك ئۇنداق بەك ناچار (پارىخورلۇقتىن باشقا جەھەتتە) دەپ كەتكىلى بولمامدۇ نېمە؟ يازما مەزمۇنىنىڭ بەزى جايلىرىدا ھەتتا خېشىننى ماختاش تەسۋىرلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىققاندەك تۇرىدۇ.
2011/07/05
بۇ چاچلىق يىشۇ ھەقىقەتەن يامانكەن. يازمىنىڭ داۋامىغا ئىنتىزارمەن.
2011/07/08
توغرا خېشىن شۇ قەدەر ئىقتىدارلىق بولمىسا ئۇنداق مۇرەككەپ مۇناسىۋەت تورىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمايدۇ ……….
كىنوسىنى كۆرگەندىن كىيىنكى پەرەز : مىنىڭچە چىيەنلۇڭ خېشىننىڭ ئۇنداق جىق بىساتىنى بىلمەيدۇ ئەمەس، چىيەنلۇڭنىڭ ئاخىرقى يىللىرى يۇقاردا دىيىلگەندەك ئوردا مالىيسى قۇرۇغدىلىپ قالدى، يەنى چىيەنلۇڭنىڭ بالىسى تەخىتكە چىقماقىچى، چىيەنلۇڭنىڭ ئۆزى پادىشاھ بولغان ۋاقىتتا خېشىننى جازالىماسلىقىدىكى بىساتىنى مۇسادىرە قىلماسلىقىدىكى سەۋەب، ئوغلى تەخىتكە چىقىشى بىلەنلا خېشىننى جازالاپ بىساتىنى مۇسادىرە قىلسا. 1. شۇ زاماندىكى ئەڭ چوڭ ئەمەلدارنى جازالاپ بارلىق چىڭ ئەمەلدارلىرىغا بالا پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالا پادىشاھنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئىسيان كۆتىرىدىغان ئەمەلدارلار بولمايدۇ، 2. مال بىساتىنى مۇسادىرە قىلغاندىن كىيىن بالا پادىشاھ تەخىتكە چىقىپلا تولۇق مالىيە ئاساسىغا ئىگە بولۇپ ھوقۇقنى تولۇق يۈرگۈزەلەيدۇ.
مىنىڭچە چىيەنلۇڭ خانلىقنىڭ ئۆزىدىن كىيىنكىلەرگە قالغاندا تەۋرەپ قالماسلىقى ياش پادىشاھنى تولۇق بولغان قابىلىيتىنى كۆرشىتىش مەيدانى ۋە مالىيە ئاساسى بىلەن تەمىن ئىتىش ئۈچۈن تاكى ئۆزى ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگۈچە خېشىننىڭ ئەبتى بەشرىسىنى ئاچمىغانمىكىن دەپ پەرەز قىلدىم.
2012/09/07