ئورنىڭىز: باش بەت > ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت > ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر

ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر

ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 30-06-2011 | خەتكۈشلەر: -

  • 400 كىشى ئانىدىن تۇغما ھالەتتە سۇغا چۈشۈپ، جىننېس رېكورتى ياراتتى

    (ئەسكەرتىش: رەسىم غۇۋالاشتۇرۇلدى)

    ئەنگلىيە قۇياش گېزىتى خەۋىرى: 400 نەپەر يالىڭاچ سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارى (بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرلەرمۇ بار، ئاياللارمۇ بار) ئەتىگەندىكى سوغۇققا قارىماي، ئاۋسترالىيە ۋېلش دېڭىز ساھىلىدا بىرلا ۋاقىتتا سۇغا چۈشۈپ، يالىڭاچ سۇ ئۈزگۈچىلەر سانى جەھەتتە جىننېس رېكورتى ياراتتى.

    بۇ قېتىملىق رېكورتنى يارىتىش ئۈچۈن، بۇ 400 يالىڭاچ سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارى (شۇ يەر ۋاقتى) ئەتىگەن سائەت 8:00 دىكى سوغۇق سۇدا 10 مىنۇت سۇ ئۈزدى.

    … (مەنبە: گۇاڭجۇ گېزىتى)

    ئامېرىكا نيۇيوركتا بىر ئايال ئىسسىپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئۈستى بەدىنىگە كىيىم كىيمەي كوچىغا چىقىۋاپتۇ. (مەنبە: نۇر تورى)

    قوشكېزەك قىز ئەۋرەتلىرى ئوچۇق كىيىم كىيىپ مەكتەپ تەرىپىدىن جازالانغاندىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئانىسى مەكتەپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپتۇ. (مەنبە: مەزكۇر بلوگ)

    بىر يىگىت توي سورۇنىدا جېدەل چىقىرىپ، تويى بولۇۋاتقان يىگىتنى (دىققەت: قىزنى ئەمەس يىگىتنى) ئېلىپ قېچىپتۇ. (مەنبە: يوۋكۇ تورى)

    «بۇلارنىڭ قانچىسى راست، قانچىسى يالغان؟ بۇ مۇخبىر دېگەن ھەرنە ئىشنى يېزىۋېرىدىغان خەق بۇ» دەپ ئۆزۈمنى بەزلەۋاتسام ، بىزنىڭ قورۇدا بىرسى «مەنمۇ بار» دېگەندەك قىلىپ، ئۆزۈمنى ئالداۋاتقانلىقىمنى ئاشكارىلاپ قويدى:

    ئالدىنقى كۈنى قورۇدا بىر خەنزۇ قىزنىڭ چەتئەللىك خانىم-قىزلار كەچلىك مۇراسىملاردا مەيدىنىڭ مۇھىم يەرلىرىنى كۆرسىتىپ كىيىۋالىدىغان كىيىم بىلەن قورۇدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. «بۇ نېمە ئىش بولۇپ كەتتى، ئەمدى؟» دەپ ئويلاپ بولغىچە، قۇلىقىمغا بىراۋنىڭ ئاۋازى كىرىپ قالدى. زىيالىي سۈپەت بىر خەنزۇ بوۋاي ئاۋۇ قىزغا قاراپ، ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ غودۇراۋېتىپتۇ.

    بەس! ئادەم ئەخلاق، ھايا بىلەن ئادەم. ئەجەبا بەزىلەر ئىنسان بولۇپ يارالغىنىغا، پەرىشتىلەر ئۇستاز تۇتقان ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغىنىغا پۇشايمان قىلىۋاتقان بولسا-ھە!؟

    بىزدە «ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر» دېگەن ھېكمەت بار. باقىيدىكى ھېساب-كىتابنى «كۆزۈم كۆرمىدى، قۇلىقىم ئاڭلىمىدى» دېگەندىمۇ، پانىيدىكى ساناپ تۈگەتكۈسىز دىشۋارچىلىقلارغا ھاياسىزلىق سەۋەب بولغان ئەمەسمۇ؟ يىلدىن يىلغا كۆپىيىۋاتقان ئېغىزغا ئالغۇسىز جىنايى قىلمىشلارنىڭ سەۋەبچىسى يەنە شۇ ھاياسىزلىق ئەمەسمۇ؟

    ھايالىق ئەر نومۇسنى بىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ھەققىگە تەگمەيدۇ. ھايالىق ئايال ئىپپىتىنى ساقلايدۇ، باشقىلاردىن يوشۇرۇشقا تېگىشلىك جايلىرىنى يوشۇرۇپ ياشايدۇ. «يولۋاسنى قومۇش ئۆلتۈرەر، يىگىتنى نومۇس» ، بۇ مۇنداقلا دەپ قويۇلغان گەپ ئەمەسقۇ ئاخىر!؟

    ئاللاھقا شۈكرى، دىيانەتلىك قەۋمنىڭ ئەۋلادى بىز، بىزدە مۇنداق ئەھۋاللار يوقتۇر، بار بولسىمۇ، خاتالىقلىرىغا تەۋبە قىلىۋاتقانلار باردۇر، دېگەن ئوينى قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. قادىر ئاللاھ ئويىمىزنى خاتاغا چىقارمىغاي! «شاھ بولىدىغان ئوغۇللىرىمىز قۇل بولمىغاي، خانىش بولىدىغان قىزلىرىمىز دېدەك بولمىغاي!»، نىجاتچىمىز ئاللاھ! بىزنى ھەرنېمىدىن ئايرىساڭ ئايرىغىن، دىيانەتتىن، ھايادىن ئايرىمىغىن! پاكىز كەلدۇق، پاكىز قايتىشقا نېسىپ قىلغىن!

    无觅相关文章插件


    تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    7 نەپەر قېرىندىشىمنىڭ باھالىشىغا ئەرزىگەن يازما بۇ ! سىزمۇ يېزىپ باقامسىز ؟

    • 1#
      ئىزتىل نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 30-ئىيۇن 11:14

      يائاللا . نېمە بۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ بۇ جاھان ھازىر ، ئاللا ئىگەم بارلىق بەندىلىرىگە ئىنساپ، ئەخلاق، ھايا ، نۇمۇس ، ئىمان ئاتا قىلغاي ، ئامىن!

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 2#
      سىرداش نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 30-ئىيۇن 21:36

      چەتئەللىك بۇ خەقلەر زە…. بىرنىمە دىگىلى بولمايدىغان !!! :!:

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 3#
      كۆكتاش نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئىيۇل 16:04

      جەمئىيەتتە قانۇن- تۈزۈم چىڭلاشقىنى بىلەن، ئەخلاق- ھاياغا قويۇلغان چەك بوشىشىۋاتىدۇ.

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 4#
      د.ئا.ئوغلان نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئىيۇل 08:33

      توۋا … زادى قىلماس قىلىقى يوق خەقلەر بۇ ! :razz:

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 5#
      ي. م. ئىلقۇت نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئىيۇل 12:44

      مەن توز (凤凰) تورىدا كۆكسىنى باھالاش مۇسابىقىسى دەپ بىر خەۋەرگە قاراشقىمۇ پىتىنالمىغان ئىدىم.

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 6#
      كارۋانىم نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاۋغۇست 21:11

      ھـــــــــــــەي دۇنــــــــــــيــــــا ،
      ھـــــــــــــەي ھـــــــــايــــــــــا.

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 7#
      123 نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 31-ئۆكتەبىر 19:49

      بىلوگىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ قالدىم…………..

      بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    *نــامىڭىز:
    *ئـېلخـەت:
    تور بېكەت:
    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif