بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ماقالە/يازمىلار > قىسمەت يىغلىدى

    قىسمەت يىغلىدى

    بىراۋنىڭ يەنە بىراۋغا مۇھەببەت بەرگىنىنى يولۇقتۇرسام كىچىكىمدە كۆرگەن، كىنو-تېلېۋىزىيە كۆرۈش تارىخىمدا تۇنجى قېتىم يىغلىشىمغا سەۋەب بولغان پاكىستان ھېكايە فىلىمى «مېھىر-شەپقەت» كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. فىلىمدىكى فەرۇخ دوختۇرنىڭ ناتونۇش بىر قىزغا ئاتىلىق مۇھەببىتىنى بەرگەنلىكىنى، دوختۇرخانىسى، ئۆيى قاتارلىق مۈلۈكلىرىنى باشقىلارغا ئىئانە قىلىش ھەققىدە ۋەسىيەت قالدۇرغانلىقىنى ئۇنتۇمايمەن.

    ئارىدىن نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتتى، ئوقۇدۇم، توي قىلدىم، دادا بولدۇم. نەچچە قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىنى، نەچچە كىشىنىڭ ناھايىتى بەتتەر ھالىنى كۆردۈم. لېكىن، ئانامنىڭ ۋاپاتىدىن باشقا ۋاقىتتا كۆزۈمدىن ياش تۆكۈلمىگەن ئىدى.

    پات-پات «نېمە بولدۇڭ قىسمەت؟ بېشىڭغا كەينى-كەينىدىن كەلگەن ئوڭۇشسىزلىقلار يۈرىكىڭنى قاتۇرۇۋەتكەن ئوخشىمامدۇ؟» دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە سوئال قوياتتىم…

    ئالدىنقى كۈنى كۆرگەن بىر سىن يۈرىكىمنىڭ تېخى قاتمىغانلىقىنى، بەلكى مېنى ياش تۆككۈزەلىگۈدەك ئىشنى ئۇچراتمىغانلىقىمنى ئىسپاتلاپ قويدى.

    بۇ سىننى كۆرۈپ تۈگەتكۈچە كۆزلىرىمدىن ياش توختىمىدى، بولۇپمۇ بىر نارەسىدە «پۇل بولغان بولسا، دادام، ئاپاملار مېنى ساتمايتتى» دېگەندە، يەنە بىر نارەسىدە «مەن ئانامدىن نەپرەتلىنىمەن» دېگەندە يۈرىكىم سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك بولدى.

    بىرسى «قىيىنچىلىقىم بار» دەپلا باغرىنى يېرىپ چىققان پەرزەنتنى ساتسا، يەنە بىرسى «سەن ماڭا ئۆگەي» دەپ خورلىسا، باھانە دېگەننى تاپماق ئاسان ھە؟!

    راست ، ئادەمدە ئېتىقاد، ئەخلاق، غۇرۇر بولمىسا ھەر ئىشنى قىلغۇدەك.

    بۇ جاھاندىن ئادەملەرنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۆتۈپ كېتىشەرسەن. جاھاننى، تاڭلا قىيامەتنى ئىگىسى يوق كۆرۈپ قېلىشتىڭمۇ؟!

    ھۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قورقمايدىغان بەدبەختلەر، بالىنىڭ ئۇۋالى تۇتقۇرلار!



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      قىسمەتلام يىغلاپ قالدىمىكىن دېمەڭ! مەنمۇ بار، ئۇمۇ بار، ھەممىمىز بار! مەن تۆۋەندىكى تېمىنى كۆرۈپلا يىغا تۇتۇشقا باشلىغان ئىدى.
      http://www.alimbiz.net/?p=1008

    • 2#

      بۇنداق كىشىلەر ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ، باشقىلارنىڭ قېنىنى ئىچىپ جەھەننەمگە كىرىدۇ بۇلار.

    • 3#

      ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھايۋانلار

    • 4#

      تەيۋەننىڭ «ئانا، ھەن نەدە؟!» دىگەن فلىمىنى كۆرۈپ تۇنجى قېتىم ياش تۆكىنىم ئېسىمدە. بۇ قېتىم….

    • 5#

      قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيلەش ئورنىغا ئوقۇتقۇچى ئالامدىغاندۇ؟

    • 6#

      بۇ فىلىمنى يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا تۇنجى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ قانچە قېتىم كۆز يېشى قىلىپ كەتكىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ، بولۇپمۇ ئەشۇ سەبىي گۈدەك بالىلارنىڭ شۇنچىلىك چۈچۈك، ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىتىرىتىدىغان ئۇماق ئاۋازىنى ھەر بىر قېتىم ئاڭلغىنىمدا كۆزۈمدىن يەنە بىر قـېتىم ياش سىرغىيتتى، ئەسلى بۇ سۆيۈملۈك مىللىتىمدىنمۇ، ئىمان ئىتىقادلىق مىللىتىمدىنمۇ شۇنچىلىك رەزىل، شۇنچىلىك ئىپلاس، شۇنچىلىك ھايۋان كەبى، ئانا سۈتى ئەمەس، چوشقا سۈتىنى ئىمىپ چوڭ بولغان، لەنەتلەرگە، مىڭلاپ لەنەتلەرگە لايىق بۇنداق ھارامدىن بولغان ئادەم بىدىكلىرىنى ئاز، پەرزەنتىنى ساتىدىغان ئاتا-ئانىلارنى بولسا يوق دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئىسىت… توۋا….
      ئاشۇلارمۇ يەنە يۈزىنى داپتەك قىلىپ تۆۋە قىلىش ئۈچۈن ئاللاھقا سەجدە قىلىپ باش قويارمۇ؟ ئاللاھىمدىن شۇنى تىلەيمەنكى ئەشۇلار تىرىك تۇرۇپ دوزاخ ئازابىنى تارتقاي، ئۆلگەندە بولسا جەسىتى ئىتنىڭ پوقى ئارىسىدا، روھى يەتتە قات يەرنىڭ ئاستىدا قالغاي، خۇدا ھەر قانداق گۇناھنى كەچۈرسىمۇ ئەمما بۇنداق گۇناھنى ھەرگىز كەچۈرمىگەي………….

    • 7#

      ئالدىنقى قېتىم تېلىۋىزوردا قويۇلغاندا كۆرگەندىم ، ئۆيدىكىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ ھەممىمىز بەك ئازابلىنىپ كەتكەن . مۇشۇنداق ئىنسانلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ، ئاشۇ نارەسىدىگە تەقدىرداش بولغانلارنىمۇ كۆردۈم ، ھەي قىسمەتكە تولغان دۇنيا !

    • 8#

      ھەممە قىينچىلىقى بار ئادەم بالا سىتىشى كىرەكمۇ؟ :???:

    • 9#
      azzman

      بىز قانداق قىلشىمىز كىرەك ؟پەقەت يىغلامدۇق ؟بىزدە نېمە ئۈچۈن پۇل يوق ؟بىز توختىماي ئىشلەيمىز ،ئەجەبا بىز پۇلغا يارغۇدەك ئىشلىيەلمىگەندۇقمۇ ؟بىز پەقەت خاتىرجەم تۇرمۇشقا يەتكۈدەك پۇلمىز بولسىلا شۈكىرى قىلاتتىققۇ ؟ئەجەبا نەپسىگە قۇل بولماسلىقمۇ ئىنسان ئۈچۈن ئاپەتمىدۇ؟بىزمۇ پۇل ئۈچۈن مۇشۇلاردەك ھاياتلىق ئەقىدىمىز ،ۋىژدانىمىزنى چۆرۈپ تاشلىشمىز كىرەكمۇن؟بىز چۇقۇم غۇرۇرىمىز ئۈچۈن بىر نىيەتتە ئىزدىنشىمىز كېرەك!

    • 10#
      تىكەن قۇش

      شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزغۇ ، دۇنيادا نوپۇس كۆپ ،ئادەم ئاز دەپ، ئەڭ ئاچچىقىم كەلگىنى ئاۋۇ ھايۋان ئاتا-ئانىلار. ياق ھايۋان دەپ چاقىرسىمۇ بەكلا ئارتۇقلۇق قىلىدىغانلار ئۇلار،

    无觅相关文章插件,快速提升流量