بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ماقالە/يازمىلار > ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 1

    ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 1

    بۇ مەكتۇب ئەسلى ئىزدىنىش تورىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. يازمىلىرىمنىڭ توپلىنىشى ئۈچۈن، بۇ يەرگە رەتلەپ ئېلىندى.

    سوئال سورىغۇچى(1): كۆلتېگىن (ئىزدىنىش تورىنىڭ ئەزاسى، قىسمەت بىلوگىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى)

    سوئال سورىغۇچى(2): مۆلجەرى (ئىزدىنىش تورىنىڭ ئەزاسى)

    جاۋاب بەرگۈچى: قىسمەت

    ئەسكەرتىش: ئەسلى ئۇسلۇبنى ساقلاش ئۈچۈن، يازمىغا (ئىملا تەھرىرلەنگەندىن باشقا) ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىدى.

    يېقىندىن بۇيان خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان (ئاپاق خوجا) غا ئوچۇق خەت يازغىم كېلىپ قالدى، سەۋەبىنى سورىساڭلار مەنمۇ دەپ بېرەلمەيمەن.

    ياخشىمۇسىز! جانابىي ئاپاق خوجا ئەپەندىم، سىز ھازىر دوزاقتىمۇ ياكى جەننەتتىمۇ؟ جەننەتتە بولسىڭىز يانفونىڭىزنى ئېلىپ مەن ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرنى كۆرۈپ بولۇپ بىرنى بېسىڭ. ئەگەر دوزاقتا بولسىڭىز ئىككىنى بېسىڭ. ئىپار خېنىم ياخشى تۇردىمۇ؟ ئىككىڭلار بىر يەردىمۇ ياكى ئايرىممۇ؟ سىز ئۇستىلىق قىلىپ زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن بىر نەۋرە ئاكىڭىز ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟ گەپ تىڭشىمىغانلارنىڭ ئەدىۋىنى ئەينى ۋاقىتتا ئوبدان بەرگەنىدىڭىز. ئۇلار ھازىرمۇ سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىۋاتامدۇ؟ چيەنلوڭ خان، دالاي لامالار بىلەن كۆرۈشۈپ ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟

    ئەمدى بىزدىن ئەھۋال سورىسىڭىز بىز سىز قالدۇرۇپ كەتكەن «ھۇم ئاللا، ھۇم» نى تاشلىغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى، سىزنىڭ قەبرىگاھىڭىزنى ھازىرغىچە نۇرغۇن ئادەم پۇل تۆلەپ، ھەقلىق يوقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ. يېقىندىن بۇيان سىزنىڭ يامان گېپىڭىزنى قىلىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ سىزنى چۈشىنىشى ئۈچۈن مۇنۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن.

    ھۆرمەتلىك ئاپاق خوجا! سىزگە قايىل بولماي تۇرالمايمەن، چۈنكى سىز ئۆزىڭىز ئاجايىپ سىياسىيون، دىپلومات، ھەربىي مۇتەخەسىس، كىشىنى مايىل قىلىش تالانتىڭىز بىلەن جاھاننى بىر قوللۇق سوراپ كەلدىڭىز، شۇنداقلا سىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن جاھان سوراشتىكى باش يېتەكچى ئىدىيىڭىزدە مۇشۇ يېقىنغىچە بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا چىڭ تۇرۇپ كەلدۇق. سىز ئەينى ۋاقىتتا ئىشقىيەچىلەرنىڭ بېشى بولسام بولىدۇ دەپ، ئۆزىڭىزدىكى ناتىقلىق، ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەش قابىلىيىتىڭىز بىلەن خان بىلەن خانزادىلەرنى ئەشەددىي دۈشمەن قىلالىدىڭىز، بىر-بىرىنى قىرغۇزدىڭىز، ئۆزىڭىزگە زىيان يېتىدىغان ھېچقانداق يىپ ئۇچى قالدۇرۇپ قويمىدىڭىز. تەسىر كۈچىگە تايىنىپلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىڭىزغا خانلىق قۇرماقچى بولدىڭىز، سىزدەك بىلىم ئىگىسى نەچچە مىڭ يىلدا بىر چىقىدۇ. ۋەزىيەت ئۆزىڭىزگە پايدىلىق بولغان چاغلاردا تەسىر دائىرىڭىزنى كېڭەيتتىڭىز، ۋەزىيەت سىزگە پايدىسىز ئەھۋالدا «ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەس» دەپ باشقىلارغا «سۇڭ جياڭ پادىشاھقا باش ئۇرغان قىياپەتتە» باش ئۇردىڭىز، قول ئاستىڭىزدىكى كىشىلەرنى شۇ قەدەر تەربىيىلىدىڭىزكى، سىز ئۈچۈن ئۆلۈش ئۇلارغا ھېچنىمە ئەمەس. ئالاھىدە خادىملىرىڭىزنى خۇددى «5- باشقارما ھەرىكەتتە» دىگەن كىنودىكىدەك تەربىيىلىدىڭىز، سىزنىڭ بۇ ھۈنىرىڭىزنى ھازىر ئىسرائىلىيەدىكى «مۇساد تەشكىلاتى» قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن بولسىمۇ تېخىچە تېگىگە يېتىپ بولالماپتۇ. مېنى ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇرغىنى ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش تاكتىڭىز بىلەن ئادەم ئىشلىتىشتىكى ماھارىتىڭىز بولدى. سىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە دانا ھېكمەتلىرىڭىزنى بىزگە ئۆگىتىپ قويمىغان بولغىيتىڭىز دەيمەن!

    ھازىر سىز يېتىۋاتقان مازارنىڭ قۇرۇلۇشىنى بەك ئوبدان لايىھەلەپتىكەنسىز، نۇرغۇن كىشىلەر ھازىرغىچە ھەيران بولۇپ تۇرماقتا.

    سىزنىڭ تارىختىكى ئىش-ئىزلىرىڭىزنى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپ تەتقىق قىلساق بولغىدەك، نېمىشقا دەمسىز؟ سىز ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق سىياسىيون، دىپلومات، ھەربىي مۇتەخەسىس. سىزدىكى بىلىمنى ئۆگىنىپ قويسا زىيىنى يوق. بىلىم دىگەن ياخشى ئادەمنىڭ بىلىمى، يامان ئادەمنىڭ بىلىمى دەپ ئايرىلمايدۇ، ئۇ دىگەن بىر بىلىم، گەپ قانداق ئىشلىتىشتە.

    جانابىي خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان جانابلىرى، مەن زادىلا چۈشىنەلمىگەن بىر قانچە سوئال بار ئىدى. بۇ كېيىنكىلەرنىڭ ئويلىنىپ بېقىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغاچ تاقەتسىزلىنىپ كەتتىم، شۇڭا ئىشىك باقارغا ئارقا ئىشىك قىلىپ بولسىمۇ، قولىڭىزغا قەلەم قەغەز ئېلىپ سوئالىمغا جاۋاب بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن!

    سوئال: خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان جانابلىرى، سىز قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ شۇنچە كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىڭىزگە ئەگەشتۈرەلىدىڭىز؟ بۇنىڭدا بىرەر سىر بارمۇ قانداق؟ مەن كۆپ ئويلانغان بولساممۇ تېگىگە يېتەلمىدىم، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىپ:

    چوڭ ئېھتىرام بىلەن: كۆلتېگىن

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كۆلتېگىن:

    سوئالىڭىزنى كۆرۈپ، مۇنداق جاۋاب يېزىشنى لايىق تاپتىم.

    شۇ يىللاردا ماڭا ھىرقەتىي (گۇمنام) ، شاھ مەشرەپ دېگەندەك سىلەر چوڭ بىلىدىغان كىشىلەرمۇ ئەگىشىپ كەلگەن ئىدى. ئاخىرىدا شاھ مەشرەپ مېنىڭ بىر كېنىزىكىمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، مېنىڭ رىسقىمغا چاڭ سېلىش خىيالىدا بولغاچقا، ئۇنى ئاختا قىلدۇرۇپ ھوزۇرۇمدىن قوغلاپ چىقاردىم. ئۇ «تۇزكور» شۇنداق تۇرۇپمۇ، يەنە مېنىڭ «شەنىمگە» قاملاشمىغان مىسرالارنى توقۇپ يۈرۈپتۇ. ھەتتا بەزىلەر ئۇنى «ئەۋلىيا» دېگۈدەك، ئۇ «ئەۋلىيا» بولسا ئۇنداقتا مەن نېمە؟ ئاقىۋەت ئۇنى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن نەمەنگاندا دارغا ئاستۇردۇم. شۇنداق قىلىپ ھاردۇقۇم چىققان بولدى. ئۇھ ھ ھ……..

    مېنىڭ «ھىجايىبۇل غەيىب» دەيدىغان، ماڭا ئىنتايىن سادىق مۇرىتلىرىمدىن تەشكىللەنگەن قوشۇنۇم بار ئىدى. كىمەركى مېنىڭ «سۇلتۇنۇل مۇھەققىقىن» لىقىمدىن گۇمانلىنىدىكەن، ماڭا باش ئەگمەيدىكەن، مېنىڭ بۇ قوشۇنۇم شۇ ھامان ئۇلارنى جەھەننەمكە يولغا سالاتتى. مىسال ئالسام، شۇ يىللاردىكى قەشقەردە نامى چىققان پالتۇ ئەئلەم دېگەن كىشى دەل شۇنداق «بەدگۇمان» لاردا بولغانىكەن، مەن ئۇنىڭ «ئىسمىڭ بىلەن قۇرداش تىغلاردا ئۆلەرسەن» دەپ قارغىۋېدىم، دىگەندەك ئەتىسى پارچە-پارچە بولۇپ كەتتى.،. بۇنى كۆرگەن جامائەت مېنىڭ «پىر» لىقىمغا يەنە بىر قېتىم ئىمان كەلتۈردى.

    يەنە بىرسى، تارىختىن بېرى ناتىقلىقتا ئۆزۈمگە تەڭ كەلگۈدەك يەنە بىرنى ئۇچراتمىدىم. شۇنداق بىر ۋەز قىلىشقا باشلىسام، ھەر قانچە تاش يۈرەكلەرمۇ ئېرىپ ئۆزىنى ئايىقىم ئالدىغا تاشلايتى. بەزىدە ئۆزۈممۇ ھەيران قالاتتىم.

    مەن ئەل ئارىسىدا قۇرئان بىلەن ھەپتىيەكتىن باشقا ھەر قانداق كىتابنى ئوقۇشنى چەكلىدىم. قۇرئاننىڭ تۇنجى ئايىتى «ئوقۇ» بىلەن باشلانغان. ئەگەر ئاۋام قۇرئاننىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى، يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىۋالسا ماڭا كۈن يوق ئىدى. ئىسلامدا دېيىلگەندەك، ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدا ۋاستىچى بولمايدۇ. ئەمما مەن ئۆزۈمنى بۇ ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. «پىر پىرغا يەتكۈزەر، پىر خۇداغا» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟

    ئىسلام دۇنياسىدا باش كۆتۈرۈۋاتقان پىكرىي مەجرۇھلۇق، ئەجدادلىرىنى دەستەك قىلىۋېلىش، ئەۋلاتلىرىغا بىرەر ھېكمەت، بىلىم، مەدەنىيەت قالدۇرالماسلىق ماڭا يەنە بىر پايدىلىنىش نۇقتىسى بولدى. دەسلەپكى مۇسۇلمانلار ئىسلامنى چۈشىنىپ ئىسلامغا كىرگەن بولسا، مېنىڭ دەۋرىمگە كەلگەندە «ئاتام ئىشىنىپتىكەن، پىرىمغا ئىشىنىمەن» دەپ سۈلۈككە كىرىشكە، ماڭا قول بېرىشكە باشلىدى. كىشىلەر توغرا ئىشىمنى «مۆجىزە»، خاتا ئىشىمنى «ئىبرەت» دەپ دەپ چۈشىنىپ ماڭا مال-دۇنيالىرىنى ئەكىلىپ بېرىۋاتسا، نارەسىدە قىزلىرىنى «دۇئا» قىلدۇرۇۋاتسا، مېنى «ۋاي پىرىم» دەپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈۋاتسا، مەن قاراپ تۇرسام بولماس. مەنمۇ «ئادەم» ـ دە.!

    ئاخىرىغا بارغاندا دىلىمغا «تەخىت» دەۋاسى چۈشتى. ئۇنى قىلىپ، بۇنى قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى سەئىدىيە تەختىنى قولۇمغا ئالدىم. مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنىڭ ۋىسالىغا يەتتىم. لېكىن مۇشۇ خېنىمنىڭ مېنىڭ پېيىمنى قىرقىشىنى، بېشىمغا چىقىشىنى، مۇرىتلىرىمنى «قانلىق قىرغىن» قىلىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. بەلكىم «سەنمۇ شۇنداق قىلغانغۇ» دېيىشى مۇمكىن، لېكىن مەن دېگەن «سۇلتۇنۇل مۇھەققىقىن» ، «پىر» تۇرسام مېنىڭ توغرا ئىشىم «مۆجىزە» خاتا ئىشىم «ئىبرەت» ئەمەسمىدى؟…

    خەير، كېيىن يەنە خەت يازارسىز، مېنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىڭىزغا رەھمەت، زاتىل ئەقتاب مۇرىتىم!

    سۇلتۇنۇل مۇھەققىقىندىن دەپ بىلەرسىز.



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      ئەينى چاغدا ئىزدىنىشتا ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان يازمىلارنىڭ بىرى ئىدى. مەيلى سۇئال سورىغۇچىلار بولسۇن ۋە ياكى جاۋاب بەرگۈچىلەر بولسۇن، ئۇلاردىكى پىكىرىي قۇۋۋەت، ئۆتكۈرلۈك پېقىرنى لال قىلغان ئىدى. ئەينى دەۋرىدىكى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىم غىدىقلانغان ئىدى….

    • 2#

      داۋامى بار ئوخشىمامدۇ ؟ بۇ ئىشاندىن سورايدىغان سوئال خېلى بارغۇ تېخى …

      • 3#
        قىسمەت

        يازما ئېھتىياجى بىلەن ئىشاننىڭ رولىنى ئېلىپ تۇردۇق. :smile:

    • 4#
      كۆكتاش

      ئىپار خېنىم ياخشى تۇردىمۇ؟
      چيەنلوڭ خان، دالاي لامالار بىلەن كۆرۈشۈپ ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
      ——————————-
      بىلىشمچە، ئاپاق غوجا ۋاقتىدا ئىپارخان ۋە چيەنلوڭخانلار دۇنياغا كۆز ئاچمىغانغۇ دەيمەن. چيەنلوڭخان 1711-يىلى تۇغۇلغان، ئىپارخانمۇ شۇ دەۋىردە ياشىغان، لېكىن ئاپاق غوجا 1700-يىلدىن بۇرۇنلا بۇ ئالەمدىن ۋىدالاشقان.

      گەپكە لوقما سېلىپ قويدۇم، كەچۈرگەيسىز.

      • 5#

        ھەقىقەت. ئىپارخان ۋە چيەنلوڭخان بىلەن ئاپاق خوجا زامانداش ئەمەس.
        سوئال سورىلىپتۇ، جاۋاب بەرمىدىم :smile:

        زاتىل ئەقتاب مۇرىتىم كۆلتېگىن «ئادەمزات ئۆلگەندىن كېيىن جەننەتكە ياكى دوزاخقا كىرىدۇ. ئىپارخان ئىككىڭلار زامانداش بولمىساڭلارمۇ، ئۇ يەردە ماكانداش ياشاۋاتامسىلەر ياكى؟» دېگەن مەنىدە سورىغاندەك تۇرىدۇ.

    • 6#
      ئەل ئامان

      ئىسلامدا دېيىلگەندەك، ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدا ۋاستىچى بولمايدۇ. _________ بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ئۇنداقتا ئەلمىساقتىكى پەيغەمبەرلىرىمىز ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدا ئەلچىلىك قىلمىغانمىدى؟

      • 7#

        گەپنى چۈشىنىڭ بۇرادەر!
        ۋاستىچى-مەن دۇئانى ۋاسىتىچىگە قىلىمەن، ۋاستىچى ئاللاغا يەتكۈزىدۇ. ئىسلامدا بۇنداق ئىش يوق. ئەپسۇس، شۇ يىللاردا مۇشۇنداق ناتوغرا ئىشلار ئەۋج ئالغانىدى.
        ئەلچى-ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ماڭا يەتكۈزۈىدۇ، مەن شۇ بويىچە ئىجرا قىلىمەن. ئىجرا قىلسام ساۋابى ئۆزۈمگە، ئىجرا قىلمىسام گۇناھى ئۆزۈمگە. ئىسلامدا مۇشۇنداق.

    无觅相关文章插件,快速提升流量