ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قىسمەت بىلوگى جامائىتى!
نەچچە كۈندىن بېرى قىسمەت بىلوگىغا بلوگ مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتسىز، قالايمىقان ئىنكاس يازىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى (ئەلۋەتتە سپەم ئەمەس). شۇڭا بۈگۈن (2011–يىلى 4–ئاينىڭ 15–كۈنى، جۈمە) كەمىنە قىسمەت بلوگ جامائىتى سەمىگە تۆۋەندىكىلەرنى سېلىپ قويۇشنى لايىق تاپتى.
1. قىسمەت بىلوگىغا يوللىنىدىغان ئەسەرلەر تۆۋەندىكى دائىرىدە بولىدۇ.
(2) بىلوگگىر قىسمەت، كۆلتېكىن، tohotur ئەپەندىلەرنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرى.
(3) تارىخ، مەدەنىيەت، تىلشۇناسلىق، ئىجتىمائىيەت، خەلقئارا ۋەزىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ئېلان قىلىنغان (ياكى ئېلان قىلىنماقچى بولغان)، ئېلان قىلغۇچى ئورۇن ياكى شەخس، ئاپتور قىسمەت بىلوگىدا ئېلان قىلىنىشىغا يازما ياكى ئاغزاكى رۇخسەت قىلغان، پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارالغان ئەسەرلەر
(4) بىلوگ جامائىتىدىن تاللانغان تەكلىپلىك يازغۇچىلارنىڭ خاس ئەسەرلىرى
2. قىسمەت بىلوگى باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى (ئېتىقادى، شەخسىيىتى ۋە باشقىلار) غا دەخلى يېتىشىنى قوللىمايدۇ. پاكىتسىز يازما، ئىنكاسلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى خالىمايدۇ، ئېلان قىلىنغان يازما، ئىنكاسلارنىڭ ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ئۆچۈرۈلۈشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ (شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، بىلوگ جامائىتىنىڭ كۆز–قۇلاق بولۇپ، نازارەتچىلىك رولىنى ئۆتىشى زۆرۈر بولۇپ قالدى).
3. قىسمەت بىلوگى ھېچقانداق تەشكىلات ياكى ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يېزىلغان يازما ۋە ئىنكاسلار پەقەت شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولىدۇ. دېمەكچىكى، قىسمەت باشلىق بلوگ جامائىتى ئۆزى يازغان يازما، ئىنكاسلارنىڭ تولۇق ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
4. قىسمەت بىلوگى ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ باشقا ئورۇنلاردا ئىجازەتسىز ئېلان قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلمايدۇ (ئالاھىدە رۇخسەت بىلەن ئېلان قىلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا). مۇبادا شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، مۇناسىپ ئۇسۇللار بىلەن ئۆز ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.
5. قىسمەت بىلوگى ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان تور ئادرېسلىرىنى «بۇرادەرلەر (دوستانە ئۇلىنىش)» سېپىگە قوشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە سەپنىڭ تىزىلىش تەرتىپىگە قارىتا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەيدۇ. سەپكە قوشۇلماقچى بولغانلار ھەمسۆھبەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قالدۇرسا بولىدۇ، قىسمەت بىلوگى بۇنىڭغا قارىتا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ.
قىسمەت بىلوگى
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قىسمەت ئەپەندى ، كەمىنە ئىزتىل بىلوگىڭىزنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىرسى ، مەن قىسمەتلىرىڭىزدىن ھەرۋاقىت بەھىر ئېلىپ كېلىۋاتىمەن ، سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ نادىر ئەسەر – يازمىلارنى ئېلان قىلىشىڭىزىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن ، ئاخىرىدا سەپەر جەريانىڭىزدا بىز تەرەپلەرگىمۇ بېرىپ پەتىلەپ كېتىشىڭىزنى قارىشى ئالىمەن ! – ئىزتىل
2011/04/16
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئوبدان گەپ، خەيرلىك سائەتتە كۆلبىڭىزنى يوقلاپ، مۇڭدىشىپ كەلگەيمىز!
2011/04/16
ئەسسالام،بۇ مەزمۇنلۇق بىلوگنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ ئۇقۇيمەن، ئۇسلۇبىڭىزنىمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن،مۇمكىن بولسا مىنىڭ گۈدەك بىلوگىمنى قىتىۋالغان بولسىڭىز،مەنزىل:http://sirdash.com
2011/05/31
ئوبدان، پات پۇرسەتتە قوشقايمىز.
2011/05/31
قىسمەتنى ئارلاپ باقتۇق،
يارلىقتىن خەۋەر تاپتۇق.
2011/08/07