ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 4
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 22-01-2011 | خەتكۈشلەر: ئاپاق خوجا
ئەي پىر بۈزرۈكۋارىم، ۋاقىتىڭىزنى چىقىرىپ جاۋاب خەت يازغانلىقىڭىزغا، مەن بىلەلمىگەن سىرلارنى يېشىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!
سوئال داۋاملىق سورىلىدۇ، ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز،
5-سوئال: سىز ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ، ئاجايىپ تىل ماھارىتىڭىزنى ئىشقا سېلىپ، دۈشمەنلىرىڭىزگە قىلچە رەھىم قىلماي يوقىتىپ، پۈتۈن بىر ئەلدىكى كىشىلەرنى يېنىڭىزغا ئۇيۇشتۇرۇپ كەلدىڭىز، مەن مۇشۇ قابىلىيىتىڭىزگە قاراپ سىياسىئون دېدىم (ئەينى زاماندا نېمە دەر بولغىيدى؟)، ۋەزىيەت سىزگە پايدىسىز بولغاندا، ئۆز مەنپەئەتىڭىزنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، يۈز-ئابروي، غورۇرنى قايرىپ قويۇپ يات ئەلدىكىلەرگە خۇشامەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىدە مەقسىتىڭىزگە يەتتىڭىز. مەن بۇ تاشقى مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىڭىزغا قاراپ، سىزنى دىپلومات دېدىم. خان بىلەن خانزادە، خان بىلەن سەركەردە ئارىسىغا ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت ئۇرۇقى سېلىپ، ئۆزىڭىزگە پايدىسىز ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ كەلدىڭىز، شۇنداقلا تەربىيىلىگەن ئالاھىدە خادىملىرىڭىزنىڭ ئاخبارات يەتكۈزۈش، ئىگىلەش ئەھۋالىغا قاراپ، سىزنى ھەربىي مۇتەخەسىس دېدىم. مېنىڭ سىزگە بەرگەن باھايىم پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟
سىزنى ئۆز مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان ئىرادىلىك ئادەم دېسەم خاتاسى يوقتۇ؟ سىزنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش كېرەك، دىگەن سۆزۈمنى قوللامسىز؟
چوڭ ئېھتىرام بىلەن: كۆلتېگىن.
جاۋابىمغا قاراڭ، زاتىل ئەقتابىم!
5-سوئال: سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ، ئاجايىپ تىل ماھارىتىڭىزنى ئىشقا سېلىپ، دۈشمەنلىرىڭىزگە قىلچە رەھىم قىلماي يوقىتىپ، پۈتۈن بىر ئەلدىكى كىشىلەرنى يېنىڭىزغا ئۇيۇشتۇرۇپ كەلدىڭىز، مەن مۇشۇ قابىلىيىتىڭىزگە قاراپ سىياسىئون دېدىم (ئەينى زاماندا نېمە دەر بولغىيدى؟) ۋەزىيەت سىزگە پايدىسىز بولغاندا ئۆز مەنپەئەتىڭىزنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، يۈز-ئابروي، غورۇرنى قايرىپ قويۇپ، يات ئەلدىكىلەرگە خۇشامەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىدە مەقسىتىڭىزگە يەتتىڭىز. مەن بۇ تاشقى مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىڭىزغا قاراپ سىزنى دىپلومات دېدىم. خان بىلەن خانزادە، خان بىلەن سەركەردە ئارىسىغا ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت ئۇرۇقى سېلىپ ئۆزىڭىزگە پايدىسىز ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ كەلدىڭىز، شۇنداقلا سىزنىڭ تەربىيىلىگەن ئالاھىدە خادىملىرىڭىزنىڭ ئاخبارات يەتكۈزۈش، ئىگىلەش ئەھۋالىغا قاراپ سىزنى ھەربىي مۇتەخەسىس دېدىم. مېنىڭ سىزگە بەرگەن باھايىم پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟
سىزنىڭ ئۆز مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان ئىرادىلىك ئادەم دېسەم خاتاسى يوقتۇ؟ سىزنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش كېرەك، دىگەن سۆزۈمنى قوللامسىز؟
مېنى «سىياسىئون، دىپلومات، ھەربىي مۇتەخەسىس» دەپ تەرىپلىگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر. مەن تېخى كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىم مېنى پەقەت ۋە پەقەت «مىللىي مۇناپىق» دەپ ئويلامدىكىن دەيىتتىم. ھەر نېمە بولسا مېنى چۈشىنىدىغانلار بار ئىكەن.
مېنىڭچە يات ئەلدىكىلەرگە خۇشامەت قىلدىغانلار مەنلا ئەمەسقۇ دەيمەن. بىلسەم-بىلمىسەم زامانىڭلاردىمۇ شۇنداق ئىشلار تولۇپ يېتىپتۇ. مەن پەقەت چوڭراقىنى قىلغان خالاس.
مەن مەقستىمگە يېتىشتە ھەقىقەتەن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايمەن. بەلكى نۆۋىتى كەلسە زاتىل ئەقتابىم بولمىش سىزنىمۇ قۇربان قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭ مۇكاپاتى بار ئەمەسمۇ!؟ سىز بۇنىڭلىق بىلەن «پىر» دۇئاسىنىڭ شاراپىتىدىن «جەننەت» كە كىرىسىز. چۈنكى، (سىزمۇ بىلىسىز) «جەننەتنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا».
مېنى تەتقىق قىلىشنىڭ گېپىنى قىلىپسىز، بۇنى سىلەر ئاللىقاچان باشلاپ بولغانغۇ!؟ بۇنى ئاشكارا دېمىدىم. بۇنى ئۆزىڭىزنىڭ «ئۆتكۈر» كاللىڭىزغا قالدۇردۇم. مۇشۇنچىلىك ئىشلارنى ئويلاپ يېتەلمىگەن ئادەم مەن سۇلتانۇل مۇھەققىقىنگە «زاتىل ئەقتاب» مۇرىت بولالمايدۇ، مەن سىزگە ئىشىنىمەن، سىزنى خاتا تاللىمىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
ھەزرىتى سۇلتانۇل مۇھەققىقىندىن دەپ بىلەرسىز.
تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 3