ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي نەسەبنامىسى
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 26-01-2011 | خەتكۈشلەر: كاشغەرىي - مەھمۇد
ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى
مىلادىيە 11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى، دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى مەھمۇد كاشغەرىي مىلادىيە 1008-يىلى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئاستانىسى قەشقەرگە قاراشلىق ئوپال ئازىغدا دۇنياغا كەلگەن.
مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئۆمرىدە قەشقەر، ئوتتۇار ئاسىيا، ھىندىستان، باغداد….. قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا پەننىڭ ئەينى يىللاردا مەلۇم بولغان ھەممە تۈرلىرىدە دېگۈدەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.
مەھمۇد كاشغەرىي قەلەم بىلەن ئەلەمنى بىللە تۇتۇپ، قاراخانىيلار ئوردىسىدا مۇھىم خىزمەتلەردە بولغان. ئۇ ئۆزى خان جەمەتىدىن بولغان يۇقىرى تەبىقە كىشىسى بولسىمۇ، قاراخانىيلار دۆلەت ھاكىمىيىتىگە ھەسسە قوشۇش بىلەن بىرگە، ئاۋام پۇقرالار ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىشقا ھەر دائىم تەييار تۇرغان. ئۇنىڭ ئاددىي ئاۋام قىزىغا ئۆيلىنىشىنى پاك مۇھەببەتتىن باشقا، ئىنسانىي مۇھەببەتتىن، مەن خانزادە دەپلا قارىماي «مەن ئالدى بىلەن ئىنسانمەن» دەپ قارايدىغان ئېسل ئادىمىيلىك پەزىلىتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
مەھمۇد كاشغەرىي خان ئەۋلادلىرىغا لايىق ھەربىي تەلىم-تەربىيە كۆرۈپ، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ ئۆگەي ئانىسى قوزغىغان ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە قۇربان بولغان بوۋىسى مۇھەممەد ئارسلان خان، دادىسى ھۈسەيىن بۇغراخان ۋە باشقا كۆپلىگەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، قەھرىمانلىق شەجەرىسىنى يازغان.
مەھمۇد كاشغەرىي نۇرغۇن ئىلمىي ئەمگەكلەرنى ئىجاد ئەتكەن بولسىمۇ، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن باشقا ئەمگەكلىرى زاماننىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدىن ئامان قالمىغان. قولىمىزدا بار بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» مۇ ئالىمنىڭ ئەسلى قوليازمىسى بولماستىن، بەلكى خېلى يىللاردىن كېيىن ئىلىم ئاشنالىرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان قوليازمىلارنىڭ بىرىدۇر. بىز ئالىمنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىنى قوغداپ قالالمىغانلىقىمىزدىن ئەپسۇسلىنىمىز، ھەقتىن گۇناھىمىزنى تىلەيمىز.
مەھمۇھ كاشغەرىي بىزگىھە يېتىپ كەلگەن ئۆلمەس ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئەسلى قوليازمىسىنى مىلادىيە 1074-يىلى تولۇق تاماملاپ، ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27-خەلىپىسى ئۇبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان.
مەھمۇد كاشغەريىنىڭ ئۆز ئەسىرىنى خەلىپىگە تەقدىم قىلىشىنى مۇنداق چۈشىنىش مۇمكىن؛
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىغا ئولتۇرغان ئەرەب خەلىپىسى پەقەت ئەرەب دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي داھىيسى ھىسابلىناتتى. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە مۇسۇلمان ئالىمى بولغان مەھمۇد كاشغەرىيمۇ ئۆز ئەسىرىنى خەلىپىگە تەقدىم قىلىشنى بۇرچ دەپ بىلگەن بولسا كېرەك.
مەھمۇد كاشغەرىي مىلادىيە 1105-يىلى ۋاپات بولغان، مۇبارەك جەسىتى ھايات چېغىدا مۇددەرىسلىك قىلغان ئوپال ئازىغدىكى «مەھمۇدىيە مەدرىسى» نىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. بۇ جاي ھازىر ئىلىم ئاشنالىرىنىڭ دائىملىق زىيارەتگاھىغا ئايلاندى.
تۆۋەندە ئالىمنىڭ نەسەبنامىسى بايان قىلىنىدۇ.
مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ ئەجدادلىرى
(ئەۋلادتىن ئەجدادقا قاراپ تىزىلدى)
1. مەھمۇد كاشغەرىي
2. ھۈسەيىن بۇغراخان
3. مۇھەممەد ئارسىلانخان
4. يۈسۈپ قېدىرخان (يۈسۈپ قادىرخان)
5. ھارۇن بۇغراخان (ھەسەن بۇغراخان)
6. سۇلايمان بۇغراخان
7. سۇتۇق بۇغراخان
8. بازېر ئارسلانخان
9. كۆل بىلگە قادىرخان (پانتېكىن؟)
…
ئالىپ ئەرتوڭا؟ (ئافراسىياپ)
مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ ئەجدادلىرى
(ئەۋلادتىن ئەجدادقا قاراپ تىزىلدى)
1. ئىمىر ھۈسەيىن (ھۆسىيىن) قازى ھاجىم
2. ھاجى قۇتلۇق شەۋقى
3. ئابدۇرېھىمبەگ ھاجىم (ئابدۇرېھىم نەزارىنىڭ نەۋرىسى)
4. مۇسا باي (ئابدۇرېھىم نەزارىنىڭ كۈيئوغلى)
5. ئۆمەر ئەتتار
6. قۇتلۇق شاھئەئلەم
7. توختى پالۋان
8. موللا باقى ئاخۇن خەلپىتىم
9. ئەلقۇت ۋەلى خوجا ئىشان
10. موللا مۇھەممىدى مۇپتى ئاخۇنۇم
11. ئۆمەر قازى ئاخۇنۇم
12. خوجا ئابدۇراھمان خەلپەم
13. موللا يۇنۇس خەلپىتىم
14. ئىبراھىم ھاجى مەۋلەۋى
15. مۇھەممەد رېھىم شەيىخ
16. ئابدۇرېشىت شەيىخ
17. ئىسمايىلخان
18. ئابدۇمۆمىن شەيىخ
19. قۇتلۇق خوجا
20. ئابدۇراھمان مۇپتى
21. مۇھەممەد ئىمىن خوجا
22. خەلپەت مىرزا
23. ئىمىر ھۈسەيىن مەۋلەۋى
24. مەھمۇد غازى بەگ
25. مۇھەممەدخان
26. ئەبۇ ئەلى شەيىخ
27. ئەلقۇت شەيىخ
28. مۇسا خەتمە گەردە
29. ئابدۇكېرىمخان
30. ئوسمانخان
31. ھەسەن خان مىرزا
32. يۈسۈپخان سۇدۇر
33. سۇلايمان ئالىپ تېكىن
34. مەھمۇد كاشغەرىي
(مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار ئۈچۈن، مۇنبەر ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 1-سانىغا، 2005-يىللىق 3-5- سانلىرىغا، «ئىلىم ۋە ئالىم» ناملىق كىتابقا قارالسۇن.)
تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 4
ۋاقتى: 2011-يىلى 26-يانۋار 22:12
ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ كۈنىمىزدىكى ئەۋلادلىرى مەزكۇر نەسەبنامىنى داۋاملاشتۇرىۋاتامدىغاندۇ؟ ئۇلار ئۆزىنىڭ قانچە ئىپتىخارلىق ھېس قىلار ھە ؟!
ۋاقتى: 2011-يىلى 28-يانۋار 23:48
دەۋرىمىزدە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بارمىدۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى ماتېرىياللار بارمىدۇ
ۋاقتى: 2011-يىلى 29-يانۋار 16:46
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ بار، مەن نەچچە كۈندىن بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىم مۇمكىن.
ۋاقتى: 2011-يىلى 17-فېۋرال 10:26
قىسمەت بىلوگى لاھيەلىنىشىمۇ ئۆزگىچە ، مەزمۇنىمۇ ئۆزگىچە بولۇپتۇ .ئامەت سىلەرگە يار بولسۇن. مەن بىلوگىڭلارنى ياختۇردۇم.