بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ماقالە/يازمىلار > ئۈرۈمچىدىكى «ئىپپەت بازىرى»

    ئۈرۈمچىدىكى «ئىپپەت بازىرى»

    - قانچە پۇل؟

    - 100 كوي.

    - 30 كوي بېرەيما؟

    - كەم بولا.

    - ماقۇل دېسىلە!

    - كەم دەپ قويدىلا.

    - ماقۇل، 10 كوي قوشاي.

    - نېمانداق كۆزى كىچىك ئادەم سىلى، ئوبدانراق باھا قويسىلا!

    - 40 كويغا ماقۇل دېسىلە، چۆپقەت بولۇپ قالىمىز دەيمەن!

    - بوپتۇ، 50 كوي بەرسىلە!

    - ماقۇلە، ئالدىلىرىغا كەپتىمەن، قۇرۇق كەتمەي، ماڭسىلا!

    يۇقىرىقى دىيالوگلارنى ئوقۇپ كۆز ئالدىڭىزغا قايناق بىر بازار كەلدى، شۇ بازاردىكى ئالارمەن-ساتارمەننىڭ تۈكۈرۈكلىرىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ سودا قىلىشلىرى كۆرگەندەك بولدىڭىز، شۇنداققۇ دەيمەن!؟

    راست ، ئۈرۈمچىدە شۇنداق بىر «كەچلىك بازار» بار. قاش قارايغان مەزگىلدە بۇ «كەچلىك بازار» ۋاژىلداپ قايناشقا باشلايدۇ.

    راست ، بۇ «كەچلىك بازار» ھەقىقەتەن قايناق، بۇ يەردىكى نەچچە «تىجارەتچى» شۇ نەچچە ئېغىز گېپى، كېيىنكى «ئەمگىكى» بىلەن خېلى ئوبدان «سودا» قىلىدۇ.
    بۇ جاينىڭ يېنىدا ئۈرۈمچىدىكى ئايال زاتى ھاياتىدا بىرەر قېتىمدىن يېتىپ چىقىدىغان داڭلىق بىر دوختۇرخانا بار. ئاياللىرىنى دوختۇرخانىغا ئەكىرگەن «ئەركەكلەر» بانكىغا پۇلغا چىقىپ قايتىشىدا، بۇ بازارغا ئىلىنىشىپ قالىدۇ، يۇقىرىقىدەك بىردەم باھا تالاشقاندىن كېيىن، ئېسىدە يوق باشقا «دوختۇرخانا»لارغا كېتىپ قېلىشىدۇ. ئايالى بايقۇش ئۆزىنىڭ كېسىلى يەتمىگەندەك، تاغدەك يۆلەنچۈكۈم دەپ قارايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئەر ئەمەس بىر پىيەنچۈكنىڭ غېمىنى يەپ كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقىدۇ.

    بۇ «كەچلىك بازار» باشقا بازارلارغا ئوخشىغان بولسا، بۇ يازمىنى يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئەلۋەتتە.

    ئۇنداقتا بۇ يەردە نېمە سودىسى بولىدۇ؟ خەير، گەپنى چىقارغاندىكىن ئاخىرىنى چۈشۈرمەي بولمىدى. ئىپپەت سودىسى بولىدۇ قېرىنداشلار، ئىپپەت سودىسى! شۇنداق، مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى يوق ناكەسلەر بىلەن ئاياللىق نازاكىتىنى، ھاياتتىن قىممەت ئىپپىتىنى 30-40 يۈەنگە ساتىدىغان پەسلەر ئوتتۇرىسىدا ئىپپەت سودىسى بولىدۇ.

    ئۈرۈمچىدە نەچچە يىل شۇ جاينى بىلمەي ياشاپتىمەن. قارىغاندا «مەنىسىز» ياشىغاندەك قىلىمەن.

    شۇ تاپتا خوتۇننىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ، «كەچلىك بازار»غا بېرىپ كەلگۈم كېلىۋاتىدۇ. سىزنىڭ شۇنداق قىلغۇڭىز كەلمىدىما ئەركەك؟

    قېنى يۈرىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «ئىشىڭنى قىل، قىسمەت» دېيەلەيدىغان ئەركەكتىن نەچچىسى بار ئارىمىزدا؟

    شۇ بازارغا بېرىپ ئاۋۇلارغا تەربىيە قىلىپ ئۆزگەرتەلمىگەن، ئۇلارنى شۇ يولدىن تارتىشقا ھەرىكەت قىلالمىغان تۇرۇپ مېنى تىللاۋاتامسىز؟

    قېنى ئۆزىمىزنى تارازىغا سېلىپ باقايلى، ئەركەكلەر! ئەركەكلىك غۇرۇرىمىز، يىگىتلىكىمىز تارازىنى باسالامدىكىن؟

    ئەينى يىللىرى زۇڭلى جۇئېنلەي «جۇڭگودا پاھىشە يوق» دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىيالىغان ئىكەن.

    بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەن، سىزدىن سوراپ باقاي: «مېنىڭ مەھەللەمدە پاھىشىۋاز يوق، پاھىشە يوق» دەپ يۈرەكلىك ئېيتالامسىز؟



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      ئىپپەت بازىرى دېسە، پىت بازىرى دېگەن ئوخشايدۇ دەپ يۈگۈرۈپ كىرىپتىمەن ئەمەسما؟!
      مىنىڭ مەھەللەمدە پاھىشە يوق، ئەمما يۇرتۇمدا بار! :evil:

    • 6#

      2004-يىللىرى بىرنەچچە بالا ئاشۇ بازارنى تازىلايدىغان بۇلىۋالغان. كۆرگەن؛ا يەردە دەسلىۋىدە چىرايلىق تەربىيە قىلاتتۇق، ئۇنىمىسا ئۇراتتۇق، بىزنىڭ بۇنداق قىلىۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ بىزگە قېتىلىدىغانلار ئاۋۇپ قالدى، كىيىن كەچ تەرەپلەردە تىزسۈرئەتلىك يول بۇيىغا چىقىۋالغانلارنى قوغلايدىغان بۇلۇپ قالغان.كىيىنچە بۇ ئىشلارغا ساقچى ئارلىشىپ قېلىپ ئىككىن كۈن سۇلىنىپ چىققاندىن كىيىن توختاپ قالدۇق بۇيەردىكى ئالامەت ئىشلارنى سۆزلىگىلى تۇرسا توم كىتاپتىىن بىرسى پۈتۈدۇ.
      ئاشۇ دۇختۇرخانىنىڭ يېنىدا بولغان بىرئىش زادىلا ئىسىمدىن چىقمايدۇ.
      شامغا يېقىن ئىككەيلەن ئۈتۈپ كىتىۋېتىپ خېرىدار ساقلاپ تۇرغان ئىككى ئايالنى كۆرۈپ يېنىغا بېرىپ تەربىيە قىلدۇق، بىرى بۇرنىنى ئۆرۈپ« سەندەك ئاخۇنۇمدەك سۆزلەپ قۇيۇپ بارچە بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىدىغانلارنى جېق كۆرگەنمەن، مەقسىدىڭ گەپ قىلىپ ئاخىرى بىكاغا ئوينىماقچىغۇ » دەپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى. يەنە بىرى بېشىنى كۆتۈرمەي تۇردى ئۇنىڭغا بىرمۇنچە سۆزلىسەك « مىنىڭ بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلغۇم يوق. ئىرىم ئەتە يۇرتقا ماڭماقچى ئىدى، شۇڭا پۇل تېپىپ كىر دەپ چىقارتقان» دىسمەسمۇ، بېشىمىزدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. 100 كوي پۇل بىرىپ قايتۇرۋەتتۇق، ئىككىنچى چىقمايدىغانغا ۋەدە قىلىپ كىرىپ كەتتى.

    • 7#

      ئىنكاسىم يوققۇ ؟ يامان گەپ قىلغاندەك قىلمىغانتىم

    • 9#

      قىسمەتكا بۇ يازمىنى ئوقۇۋېتىپ ئەينى يىللىرى ئالىي مەكتەپتە مەن بىلەن بىر سىنىپتىكى ساۋادىشىم ، ھەم ياتاقدېشىم ئېسىمگە كېلىپ كەتتى ، شۇ يىللادا ئاشۇ ساۋاقدېشىمىزىنى بىز بىر نەچچە ئەل – ئاغىنىيلەر بىر قانچە رەت توسۇپ قالغان ئىدۇق شۇ قايناق بازارغا بېرىشتىن ، كېيىن يەنىلا ئۇ نىيتىدىن يانالمىدى ، ئاخىرى نېمە بولدى ؟ ئوقۇشتىن چېكىندى ، مۇشۇنداق قىسمەتلەر يەنە قايسى ياشلىرىمىزنىڭ باشلىرىغا كېلىۋاتقاندۇ ؟ سۆزلەپ كەتسەم قايناپ قالغۇدەكمەن ، ئىللەت ئوڭشالمىسا مىللەت ئوڭشالمايدۇ ، گەپ روھنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلكىدە !؟

    • 10#

      «نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق» دېگەندەك، ئاچچىق قىلىپ ئېيتىلغان بۇ گەپلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىمىزنى سەگىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    • 11#

      ھەي،قىزلىرىمىز ۋە يىگىتلىرىمىزنىڭ بۇنداق يوللارغا مېڭىپ قىلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن!راست گەپنى قىلغاندا بۇ يەردىمۇ ئۇنداق بازارلار ھەم بار.قارايدىغان بولساق،ھازىر بۇنداق يەرگە ياش يىگىتلىرىمىز ئەمەس،بالىلىرىنىڭ بۇرۇتى خەت تارتقان ئاتىلىرىمىز يۈگىرەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.ئاڭلىشىمچە،بىر نەچچە قېتىم ئاتا-بالا مۇشۇنداق سورۇندا دوقۇرۇشۇپ قېلىپ شەرىمسار بولغان ئىشلارمۇ بوپتۇ.ئاللاھدىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ۋە تەۋپىق بېرىشنى تىلىمەكتىن باشقا نېمە چارىمىز بار دەيسىز؟بۇنداق ئادەملەرنىڭ دىلى كورلۇقنىڭ پەردىسى بىلەن توسۇلغاچقا،ھەقىقەتنى سۆزلىسىڭىز،سىزنى مەتۇغا چىقىرىدۇ.ھەي…..

    • 12#

      بۇ تېمىنى بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز …مەن يوق دىيەلمەيمەن چۇنكى شۇ پەس بازار بىزنىڭ ئۆينىڭ قېشىدا ….!!!!

      ئەركەك دىگەن پەقەت قىلغان شۇ سۇننەت تۇيى ( خەتنىسى ) بىلەنلا ئەركەك ئەمەس !

    • 13#
      يەتتە ئىقلىم

      توۋا مەن يازاي دوپ بولغۇچە يېزىۋاپلا، بازار چاققاننىڭ بوپتۇ، مەن 10يىڭ ياشاپ بىلمەپتىكەنمەن، نەچچە كۈن ئالدىدا خوتەندىن ئاغىنەم كەلگەن ، كۆرىشىلى دېسەم ئۇمۇ قېرىشقاندەك شۇ دوختۇرخانا ئالدىنى دىدى، مەن بارغۇچە ئاغىنەم ئۇ يايمىچىلارنىڭ يايمىلىرىنى كۆرۈشنى باشلاپتۇ، كۆرۈشۈپلا شۇ گەپنى دىدى، توۋا دەپ ياقامنى چىشلىدىم، 10يىلنىڭ ياقى بىلمەپتىمەن، شۇ يولدىن نەچچە رەت ماڭغىنىمنى ئەسلەپ باقتىم ، خۇدا ساقلاپتۇ ئۇ يايمىلارغا پۇتلىشىپ كىتىشتىن.
      رەھمەت ، ياخشى يېزىپسىز، بۇ ئەسەرنى يەنىلا شۇلار كۆرمەيدۇ………………………………………..ۋاي ئىسىت

    • 14#

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ياخشى يېزىپسىز، بۇ ئەسەرنى يەنىلا شۇلار كۆرمەيدۇ………………………………………..ۋاي ئىسىت

    无觅相关文章插件,快速提升流量