بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > خەلقئارا ۋەزىيەت > كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !

    كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !

    kim1

    چاۋشيەن رەھبىرى كىم جوڭئىل ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە

    kim2
    كىم جوڭئىل ۋاپاتىغا ھازا ئېچىۋاتقان چاۋشيەن خەلقى

    kim3
    كىم جوڭئىل ۋاپاتىغا ھازا ئېچىۋاتقان چاۋشيەن خەلقى

    kim4
    كىم جوڭئىل ۋاپاتىغا ھازا ئېچىۋاتقان چاۋشيەن خەلقى

    ئەسلەتمە: 1994-يىلىدىكى كىم جوڭئىلنىڭ دادىسى كىم ئېرسىننىڭ تەزىيە مۇراسىمى

     

    ئۇ چوقۇم ماركسىسىزمنى خاتا چۈشىنىۋالدى ياكى بولمىسا ماركس، ئېنگىلىس يازغان كىتابلارنى ئوقۇپ باقمىدى. چاۋشيەن قۇرغان ھاكىمىيەت تەشكىلى شەكلىنى سوتسىيالىستىك تۈزۈم دېسەك، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە چوڭ ھاقارەت قىلغان بولىمىز، چاۋشيەن قۇرغان ھاكىمىيەتنى، ئەينى ۋاقىتتا سەن دېگەن سوتسىيالىزمنىڭ ئۆزى شۇ دېسەك، بەلكىم ماركس بىلەن ئېنگىلىس قەبرىسىدە ئۆرە-تۆپە بولۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ، ساقاللىرىنى يۇڭداپ «توۋا خۇدايىم، دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ خاتا چۈشىنىۋالغان بارمۇ» دەپ نالە قىلىپ كېتىشى ئېنىق … ماركس تەسەۋۋۇر قىلغان سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە ھەممە كىشىنىڭ ئىدىيىسى، دۇنيا قارىشى، تەپەككۇرى بىرلا خىل بولسۇن دېگەن ئەمەس ھەمدە داھىي ياشىسۇن دەپ ئىشتانغا چىقىپ كەتكۈچە ۋارقىراڭلار دېگەنمۇ ئەمەس، ھوقۇق دادىسىدىن بالىسىغا قالسۇن، سىرت بىلەن ئالاقە قىلماڭلار، ئەركىن پىكىر قىلماڭلار، نامايىشنى قاتار تىزىلىپ تۇرۇپ قىلىڭلار دېگەنمۇ ئەمەس. نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس، مۇستەبىتلىك سوتسىيالىزم ئەمەس. كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى مەھرۇم قىلىش سوتسىيالىزم ئەمەس، بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش سوتسىيالىزم ئەمەس. سوتسىيالىزم دېگەن گەپنىڭ ئۆزى دېموكراتىيە دېگەن گەپ. خاتا چۈشىنىۋالغانلارنى كىم فامىلىلىكلا بولامدىكىن دەپ ئويلىسام، يەنە كۇبادىكى كاستېرومۇ شۇنداق خاتا چۈشىنىۋاپتۇ. جاھاننىڭ ئىشلىرىغا زادى بىر نېمە دەپ بولمايدۇ.

    خوشنىسى بىلەن ئىناق ئۆتمەيدىغان، باشقىلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايدىغان، باشقىلارغا نەپ بەرمەيدىغان، باشقىلار بەرسە موك-موك يەپ يوغان سۆزلەيدىغان، تەنتەربىيەدە ئالاھىدە نەتىجە كۆرسەتسە ئۆزى قۇرغان تۈزۈم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شالۋاقايدىغان، خەلقىنى سۆزلەشتىن مەھرۇم قىلىپ جوڭسەنپۇ كىيىشكە مەجبۇرلايدىغان، ئىنتايىن ياسالما، پارىخور ھاكىمىيەتنى قانداقمۇ سوتسىيالىزم دېگىلى بولسۇن؟! بۇ كىم ئېرسېننىڭ ئەۋلادلىرى سوتسىيالىزم دېگەن تۈزۈمگە تەڭداشسىز ئۇۋال قىلدى. ئۇ قۇرغان ھاكىمىيەت ھەرگىزمۇ سوتسىيالىزم ئەمەس، ئافرىقىدىكى ئەڭ قالاق قەبىلە تۈزۈمىدىنمۇ ئۆتە ئەخمىقانە ھاكىمىيەت تەشكىلىي شەكلى. ناۋادا ماركس ھايات بولغان بولسا، «سەن دىگەن سوتسىيالىزم مۇشۇمۇ» دەپ ئۆزىدىن سوراپ باقساق بولاتتى، بىراق بۇ رەھمەتلىك ھايات ئەمەس، ئۇنىڭ جەننەتتە بولۇش ئېھتىمالىدىن دوزاقتا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق. بىراق ئۇ يازغان كىتاب ھازىرمۇ تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە ئۇمۇ بىر ۋاقىتلاردا ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن سۆزلەيدىغان بىر ھاكىمىيەت بولغان بولسا دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى…

    ماركسىسىزملىق پەلسەپەنى خاتا چۈشىنىۋالغان بۇ ئەقلى كەمتۈكنىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋاسىتە تالىمايدىغان قەبىھلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن رەھمىتى كەڭرىكەن، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان مۇشۇنداق گۇيلارغا جاھاننىڭ چوڭ ئىشلىرىنى تۇتقۇزۇپ سىنايدىكەن دېسە…

    چاۋشيەندىكى ئەخمەقلەر قۇرغان ھاكىمىيەت. ئۆزى دەپ ئۆتكەندەك سوتسىيالىستىك ئىلغار تۈزۈلمە بولسا، نېمە ئۈچۈن بىر مىللەت تۇرۇپ كورىيەدەك تەرەققىي قىلالمايدۇ؟ خەلقىگە نېمە ئۈچۈن ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقوقى بەرمەيدۇ؟ ئەڭ ئالىي رەھبەر بولغان كىشى نېمە ئۈچۈن دۇنيا يىغىلىشلىرىغا بارالماي، يەر ئاستى ئۆيلەردە مۆكۈپ ياشايدۇ؟ مىليونلاپ ئەسكەر بېقىپ، خەلقنىڭ قان-تەرىنى شورايدۇ؟ گەپ قىلساق گەپ تولا، قىسقىسى ئۇ قۇرغان ھاكىمىيەت سوتسىيالىزم ئەمەس. سوتسىيالىزمنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئەڭ مۇستەبىت تۈزۈم، خالاس!

    چاۋشيەن ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئالدىدا، ئۇ يادرو قورالغا ئىگە بولسا، ئەتراپتىكى خوشنا ئەللەر بۇنىڭدىن كىيىن غەم-ئەندىشە ئىچىدە ياشايدۇ. ئەگەر بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئىگىسى يەنە ھايات بولغان بولسا، ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ سوبىيېكتىپ ئارزۇسىغا تايىنىپ، جەمەتىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ پۈتۈن بىر ئەلنى خانۇ-ۋەيران قىلىۋېتىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى.

    ئەمەلىيەتتە، سوتسىيالىزىم دېگەن شىمالى ياۋروپادىكى ئەللەر تەشكىللىگەن ھاكىمىيەت تەشكىلى شەكلىنىڭ ئۆزى شۇ. بەزىدە سوتسىيالىزم دەپ بەك شالۋاقىغان تۈزۈمنىڭ سوتسىيالىزم بولۇشى ناتايىن، كاپتالىزىم دەپ بەك تىلاپ كەتكەن تۈزۈمنىڭ ئۆزى سوتسىيالىزم چىقىپ قېلىشىمۇ مومكىن. بۇ قانداق مەۋقەدە تۇرۇپ، قانداق كۆرۈشكە، قانداق تەھلىل قىلىشقا باغلىق.

    كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !

    چاۋشيەن خەلقى، سىلەرگە ئاسايىشلىق، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر سىياسىي رەھبەر تىلەيمەن!



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#
      yarghol

      يەرشارىدا مۇشۇ چاۋشيەنگە ئوخشاش سىرلىق دۆلەت يەنە بىرسى بولمىسا كېرەك . لېكىن چاۋشىيەنلىكلەرنىڭ بىر ئىشى بەك يارايدۇ ماڭا …. قارىماققا بەك ئۆم ، بەك ئىناق ئۆتىدىغاندەك تەسىر بېرىدىكەن . بىزنىڭ مەكتەپتىكى چاۋشىيەنلىكلەرمۇ ھەر ھەپتىدە 20-30 توپلىشىپ ، ۋېلىسپىتلىرىنى تاراقشىتىپ ، مەيدانغا كېلىپ توپ ئوينايدۇ . ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئارلىشىپ توپ ئوينىغانلىقىنى 4 يىلدىن ياقى كۆرۈپ باقمىدىم . دائىملا ئۆزلىرى ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئوينايدۇ .
      چاۋشىيەننىڭ بۇ رەھبىرى ئۆلگەندىن كېيىن ، بالىىسى تەخىتكە چىقارمۇ ئەمدى ….

    • 2#

      كەچتىكى خەۋەردە ئوغلىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانلىقىنى، ھوقۇقنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بەلكىم ئۇ ئاداشنى مەن خۇا گوفېڭغا ئوخشامدىكىن دەيمەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئورنىغا دېڭ شياۋپىڭدەك بىرسى چىقىپ: جاھان قانداق كىتىپ بارىدۇ؟ بىز نىمە ئىش قىلىۋاتىمىز؟ دەپ جۆيلۈپ سالارمىكىن دەيمەن. بولسىغۇ بىراقلا يامىنى چىقسا بولاتتى!

    • 3#

      چاۋشيەنلىكلەرنىڭ كورىيەگە قېچىشى بىكار ئەمەسكەن، چاۋشىيەننى بىر دۆلەت دېگەندىن كۆرە ئۈستى ئۇچۇق تۈرمە دېسەك مېنىڭچە ئارتۇق كەتمەسمىكىن، دۇنيادىكى بىردىنبىر تاشقى دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەن، دىكتاتورىنى پۈتۈن خەلقنىڭ ۋۇجۇدىغا قەدەر سىڭدۈرىۋەتكەن بۇنداق دۆلەتتە تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن

    • 4#

      مەن ماۋۇ دۆلەتنىڭ پايتەختىنىڭ پىئوڭياڭ ئىكەنلىكىنى، سوتسىيالىستىك دۆلەت دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنىلا بىلىدىكەنمەن (باشلانغۇچتا ئۆگىنىپتىكەنمەن.) گوگىلنىڭ خەرىتىسىدىنمۇ چىقمايدىكەن دىسە.

    • 5#

      دىڭ شىياۋ پىڭ ئەپەندى تۈگەپ كەتكەندە ماۋۇ بىزنىڭ ئازغان دوقىدىكى ئىككى لەڭپۇچى خىيالىدا يوق، چىنلۇڭنىڭ كىنولىرىنى ۋاراڭشىتىپ قويۇپ لەڭپۇ سېتىپتىكەن، 3000 سومدىن جەرىمانە قويۇپ لەڭپۇ خانىسىنى تاقاپ قويۇپتۇ، سەۋەبى شۇكى دىڭ شىياۋ پىڭ ئەپەندىگە ھازا تۇتمىغان، تېلۋىزورنى ئۆچۈرۈپ ماتام تۇيغۇسىدا بولمىغان، ئەگەر ماۋۇ ئىككى لەڭپۇچىنى ئاۋۇ دۆلەتكە ئاپپىرىپ قويسا پاڭڭىدە ئېتۋەتسە كىرەك، ئىنشا ئاللا ماۋۇ دۆلەتتە پاكەن بىلەن ئىش تۈگەتتى. :mrgreen: :sad: :x

    • 6#

      بۇ يازمىدىن دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ خەلقنىڭ بەختى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن تولىمۇ موھىم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.ماۋۇ ئىنكاسلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئېسىللىقىدىن تېخىمۇ سۆيۈندۈم.يازما ئىگىسىنىڭ بىزنى مۇشۇنداق ئېسىل تەپەككۇر نىممىتىدىن بەھرىمان قىلغىنىغا تەشەككۈر!

    • 7#
      خالىس

      :| ئورۇنلۇق چىن سۆزلەر!

    • 8#

      ئاۋۇلار نىمانچە ئېچىنىشلىق يىغلاپ كەتكەندۇ ؟ ئۇنچىۋالا بولۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇ ؟ ئۆز دادىسى كەتسىمۇ ئۇنچىلىك يىغلاپ كىتىشى ناتايىن جۇمۇ ! :?:

    • 9#

      ئۇز مەدىنيىتىنى يۇقىتىشقا ئېلىپ بارغان ئاقماس ئىسلاھاتلار، قۇمدەك چېچىلىپ، ئىنسانىيەتكە بالا قازانى زىيادە قىلغان كۆپ قۇتۇپلىشىش، جاھانگىرلانىڭ ئارتۇقچە دۆلەت ئىشىغا ئارلىشىپ چىقارغان قالايىمقانچىلىقلاردىن . چاۋشەن مىللى ھاكىمىيىتىنىڭ تاللىغان يولى خاتا ئەمەستۇ بەلكىم ، دۆلەت ئاتىسى ، ئۇز ئاتىدىن ئەۋزەلدۇر ، بۇنى بىز ھىس قىلىپ بۇلالمايدىغاندىمىز ………………چۈنكى………….

    无觅相关文章插件,快速提升流量