ئەلرايى دېگەن سۆز رادىيو-تېلېۋىزورلاردا دائىم دىققىتىمدە بولۇۋاتقان سۆز ئىكەن. مۇشۇ كۈنلەردە شۇنداق ئويلاپ قالدىم: ئەل دېگەن نېمە؟ ئەل دېگەن شۇ يۇرتنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۇيىدە ئېقىپ تۈگمەنلىرىدە تارتىلىپ ياشاۋاتقان سىز، مەن ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاددىي پۇقرارلار ئىكەن. ئەلنىڭ رايى سىزگە، ماڭا، ئۇنىڭغا خوپ كەلگەن، ئارزۇلىغان، ئارمانلىغان ئىشلار ئىكەن.كەمىنە قومۇلنىڭ توپىسىدەك بىئېتىبار توخوتۇر گەرچە ئۆزۈم قومۇل ئېلىنىڭ ئەڭ ئەدناسى ئەرزىمەس ئادەم بولساممۇ، مەندىمۇ ئەل-ۋەتەن بىلەن تۇتاشقان كىچىككىنە بىر يۈرەك ئىنشائاللاھ بار بولغاچ، ئاشۇ يۈرەكتە يېنىۋاتقان ئارزۇ-ئارمان، رايلارمۇ يوق ئەمەس. ئاللاھنىڭ لۇتفى كەرىمى بىلەن بىر تامچە سۇدىمۇ قوياش ئۆز ئەكسىنى كۆرسەتكەندەك، مېنىڭ قەلبىمدە چاقناپ قالغان ئاشۇ ئارزۇ-ئارمانلار قومۇلدىكى باغرىداشلىرىمنىڭ ئويلىغان، ئارزۇلىغانلىرى بىلەن ئوخشاش چىقىپ قالسا، ئۆزىمىزنى كۆپ بەختىيار ھېس قىلغايمىز، ناۋادا ئوخشاش چىقمىسا ياكى خاتا كەتسە ئەلۋەتتە تۈزىتىپ توغرىلىغايمىز، دېگەن ئۇشبۇ ئىزگۈ نىيەتلەر بىلەن بۈگۈن ئۇلۇغ جۈمە كۈنىدە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمىز.
1-ئەلرايىمىز شۇكى، قومۇلدا بىر ھايۋاناتلار باغچىسى قۇرۇشنى ئارزۇلايمىز. ھازىر قارايدىغان بولساق، قومۇلدا ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىش، زېرىكىش، تاشلاش دېگەندەك تەرتىپلەرنىڭ نەتىجىسىدە بىر تۈركۈم سەرگەردان ئەرمەك ھايۋانلار پەيدا بولۇپ، كوچا-كويلاردا لاغايلاپ يۈرۈپ، بەزىلىرى ماشىنىغا سوغۇلۇپ ئۆلسە، ئامىتى كەلگەنلىرى جۈپ تېپىپ كۆپىيىپ، قومۇلدا بىر رېئال مەسىلىگە ئايلاندى. ناۋادا بىر ھايۋاناتلار باغچىسى قۇرۇلسا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھايۋانلارغا بولغان ئامراقلىقى ئاشۇ باغچىدىلا قېنىپ، بېقىپ تاشلىۋېتىشتەك ئىنسانچىلىققا توغرا كەلمەيدىغان قىلمىشى تۈگەپ قالار دەپ ئويلايمەن.
2-ئەلرايىمىز شۇكى، قومۇل شەھەر ئىچى يارباغ كۆۋرۈكتىكى 300 يىللىق چېلىشىش مەيدانىمىزنى خەلققە قايتۇرۇپ بەرگەن بولساڭلار. ئايدا بىر-ئىككى نۆۋەت چېلىشىش ئۇيۇشتۇرۇلسا ھەم خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسى بېيىپ ھەم بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر چېلىشچىلار قوشۇنى بارلىققا كەلگەن بولاتتى. بۇ ئىشنىڭ پايدىسى سۈپىتىدە ياش بالىلار ئىلمىي، توغرا كۆڭۈل ئېچىش شارائىتىغا ئېرىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق قىمارخانىدا ۋە باشقا بولمىغۇر جايلاردا يۈرمىگەن بولاتتى .
3-ئەلرايىمىز شۇكى، قومۇل ھېيتگاھتا ھېچبولمىغاندا جۈمە نامىزى ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنسا، رامىزان كۈنلىرى قومۇل ھېيتگاھ ئېچىۋېتىلسە.
4-ئەلرايىمىز شۇكى، قومۇل ئوردا كۇتۇبخانىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە. قومۇل ئوردا كۇتۇبخانىسى 300 يىلىغا يېقىن تارىخقا ئىگە قەدىمى كۇتۇبخانا. بۇ كۇتۇبخانا قومۇللۇقلارنىڭ غۇرۇرى.
5-ئەلرايىمىز شۇكى، قومۇلدىكى كونا-يېڭى مەدرىسلەر يېڭىلاپ سېلىنسا ۋە چاھارباغدىكى ئوسمانشاھ ھاجى قۇرغان، تاقىلىپ قالغان دىنىي مەكتەپ بۇ كونا-يېڭى مەدرىسىلەرگە كۆچۈرۈپ كېلىنىپ، نورمال ئوقۇتۇش ئىزىغا چۈشۈرۈلسە. دىنىي ئوقۇتۇشنىڭ يەر ئاستىدا ئەمەس بەلكى يەر ئۈسىتىدە پارتىيىمىزنىڭ دىنىي سىياسەتلىرىنىڭ تەپتىدە راھەت، ئازادە، قانۇنلۇق ئېلىپ بېرىلسا؛ قومۇللۇقلارنىڭ ھەر خىل ياشتىكى دىنىي تەربىيە ئېلىش ئارزۇسى قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا قاندۇرۇلسا.
يۇقىرىقىلار كەمىنە توخوتۇرنىڭ رايى. ئەلرايى دەل مېنىڭ، سىزنىڭ، ئۇنىڭ رايلىرىنىڭ جۇغلانمىسىدىن ئىبارەت دەپ ئويلايمەن.
قېنى دوستلار، سىلەرمۇ رايىڭلارنى تۆكۈپ بېقىڭلار…