بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ئىقتىساد/ئىجتىمائىيەت > قومۇل دېموكراتىك شەھەر، ئەمما …

    قومۇل دېموكراتىك شەھەر، ئەمما …

    قومۇل دېموكراتىك شەھەر. ئەمما، مال باھاسى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ قىممەت.

    قومۇل دېموكراتىك شەھەر. ئەمما، مائاش پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ تۆۋەن.

    قومۇل دېموكراتىك شەھەر. ئەمما، ئۇيغۇر تىلى ئاممىۋىي ئابتوبۇس بېكەت تاختىسىدىن، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق تاختىلىرىدىن ئورۇن ئالالمىغان.

    قومۇل دېموكراتىك شەھەر. ئەمما، كوچىلاردا سەرگەردان ئىت-مۈشۈكلەر لاغايلاپ يۈرۈپ، قومۇللۇقلارنىڭ ئىنسانچىلىقىنى سىنىماقتا.

    قومۇل دېموكراتىك شەھەر. ئەمما، سۇ قىس. ئادەملەر بىلەن ئۆسۈملۈكلەر بەزىدە سۇ تالىشىپمۇ قالىدۇ. ھۆكۈمەتتىكىلەر دېھقاننى «چىلان تىكىپ، سۇنى تېجە دەيدۇ»، ئەمما ئۆزى شەھەر ئىچىگە توغراق قاتارلىق سۇغا چىداملىق دەرەخلەرنى تىكمەي، قومۇل جۇغراپىيىسىگە توغرا كەلمەيدىغان دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى تىكىشىدۇ.

    قومۇل دېموكراتىك شەھەر. ئەمما، مەنىۋىيەت قۇرۇلۇشى بولغان قومۇل كۇتۇبخانىسى ۋە قوش تىللىق يەسلى نەچچە يىللاپ پۈتمەي، مانا ئەمدى رەھبەرلەردىن كەسىر ئاشتى.

    قومۇل دېموكراتىك شەھەر. ئەمما، قومۇللۇقلارنىڭ 300 يىللىق چېلىشىش مەيدانى خەلققە قايتۇرۇپ بېرىلمىدى.

    قومۇل دېموكراتىك شەھەر. ئەمما، قومۇل مۇزېيدا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈش يوق.

    قومۇل دېموكراتىك شەھەر. ئەمما، …



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم قىسمەتكا! پىقىر ئېلگىركى تەشنايى بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى بولىمەن. يىقىندا ئۇيغۇربەگ بىلەن بىر قاتاردا بۇرۇنقى تور نامىمنى ئوغىرىغا بەردىم، شۇ سەۋەپ ھازىرچە بۇرۇنقى بلوگىمنى qismet.biz نامىدا ئاچتىم. بىر دوستۇم بىلەن بىرلىكتە، ئېلىم ئېلىش يولىدىكى تەنتەك قىسمەتلىرىمىزنى يازماقچى بولىۋاتىمىز. شۇڭا تور نامنىڭ ئوخشىشىپ قالغىنىنى ئەپۇ قىلىشىڭىزنى، ئەگەر بولماپتۇ دەپ قارىسىڭىز بىزگە پىكىر بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

      • 2#

        ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئىنىم!
        رەنجىش يوق، قىسمەت ھەركىم بېشىدا باردۇر، ھەركىم بېشىدا ھەرخىل بولۇر!
        ئوخشىمىغان يولدا ئورتاق نىشان ئۈچۈن تىرىشايلى!

    无觅相关文章插件,快速提升流量