قومۇلدا %90 تارازا ئادىل ئەمەس
ئاپتورى: توخوتۇر | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 21-04-2013 | خەتكۈشلەر: ئىنساپ ، تارازا
بۈگۈن بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ سۆزىگە ھەيران قالدىم. ئۇ قومۇل شەھرىدە غەيرى رەسمىي ھالدا باققاللارنىڭ ۋە كۆكتات ساتقۇچىلارنىڭ، گازىر ساتقۇچىلارنىڭ تارازىسىنى تەكشۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ يانفونىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەم قىلىپ، ھەر قېتىم ئىستېمالچى سۈپىتىدە بىر نەرسە سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئاشۇ تارازىدا ئۆزىنىڭ يانفونىنى ئۆلچىگەن. ئەسلى ئېغىرلىقى 140 گرام كېلىدىغان يانفون ئۇ خەقنىڭ تارازىسىدا 165 گرام چىققان. يەنى ئەسلى ئېغىرلىقىدىن 25 گرام ئارتۇق چىققان. بۇنى نىسبەتلەشتۈرسەك %15 تىن كۆپرەك بولىدىكەن. دېمەك، بۇلارنىڭ تارازىسى ھەر بىر كىلوگرامدا 150 گرامنى كەم بېرىدىكەن. دوستۇمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇ بۇنداق ئەھۋالغا ئاز دېگەندە ئون نەچچە قېتىم يولۇققان بولۇپ، ھەتتا ئىشچىلار بازىرىدىكى باققاللار ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئىش تېرىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىپ كېتىدىكەن.
دوستۇم بۇ ئىشقا ئۇزۇندىن بېرى دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ باققاللار ھەر ئىككى كىلوگرام مېۋە ساتقاندا، ئاز دىگەندە بىر كوي پۇلنى ھارامدىن چۆنتەككە سالىدىكەن. بىر كۈندە 200 كىلوگرام مېۋە ساتسا، ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق 100 كوي ھارام پۇلنى قىلىپ يانچۇقىغا سالىدىكەن.
دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ راھەتباغ دېھقانلار بازىرىدا، ئىشچىلار بازىرى ئالدى-كەينىدە بۇ خىل ئەھۋالغا كۆپ قېتىم يولۇققان بولۇپ، سىرتتىكى باققاللارنىڭ %98 نىڭ تارازىسىدا ھىيلە-مىكىر بارلىقىنى ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا سۆزلىدى.
مەن دوستۇمدىن ئۇيغۇر باققاللارنى تەكشۈرگەن-تەكشۈرمىگەنلىكىنى سورىسام، ئۇ «مەن ئۇيغۇر باققاللارنىڭكىنى تەكشۈرمىدىم، ئەمما ئۇلارغىمۇ ئىشەنچىم يوق» دەپ قالدى. مەن «ئۇيغۇر باققاللارغا مېنىڭ ئىشەنچىم بار، بولىمىسا ئۆتۈشەمدۇق-يا» دەپ قالدىم. ئۇ «بۇنىمۇ تەكشۈرۈپ باقساق بولىدۇ» دەپ ناھايىتى سوغۇققان بولۇۋالدى.
دوستۇمنىڭ دېيشىچە، دوستۇم 12315 غا تېلېفون ئۇرغان بولسىمۇ، ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى «بۇ ئىش ئۆلچەم نازارەت ئىدارىسىغا بار» دەپ زەيپانە جاۋاب بېرىپتۇمىش.
ئۆلچەم نازارەت ئىدارىسىنىڭ تېلېفونى ئېلىنمىغانمىش. مەن دوستۇمغا شەھەر سېكرىتارىنىڭ تېلېفونى 13809900066 غا تېلېفون ئۇرۇپ بېقىشىنى، ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئارا بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ، مەسىلىنى ھەل قىلمىغانلىقىنى دەپ بېقىشنى ئېيتتىم، دوستۇم سىناپ باقىدىغان بولدى، مەنمۇ سىناپ باقىدىغان بولدۇم .
مېنڭچە، قومۇل شەھرىدە كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىسا، شەھەر باشلىقى بىلەن شەھەرنىڭ سېكرىتارى ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايدۇ. مەن بۇ مەسىلىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: تىللىساڭ تىللا، مەسئۇلنى تېپىپ تىللا!
ۋاقتى: 2013-يىلى 29-ئاپرېل 17:57
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىسمەتكا. ئەگەر ھەممە يەردىن سىزدەك بىر ئادەم چىققان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن. قومۇلنىڭ ئىشلىرى بولسىمۇ راۋان تاپسۇن. ئاز-تولا جاپالىق بولسىمۇ توختىماي كۈرەش قىلىڭ.
ۋاقتى: 2013-يىلى 29-ئاپرېل 18:53
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
مەزكۇز يازما ئۈچۈن كەمىنىگە ئەمەس، يازما ئاپتورى – ھۆرمەتلىك بۇرادىرىمىز توخوتۇرغا رەھمەت ئېيتماق لازىمدۇر.
ھەممىمىزگە خۇددى ئېقىن سۇدەك راۋان يۈرۈش نېسىپ بولغاي!