Zhongyuan

97100fe403b9
ئىچىملىك سۇ توغرىسىدا
ئىچىملىك سۇ توغرىسىدا
ئىچىملىك سۇ توغرىسىدا

ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ كۆﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯘ 1972-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ بولۇشى مۇﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻛﯚﻟﻰ دېسەك ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻛﯚﻟﺪﻩ ﺳﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﻝ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﻤﯘ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻚ.

ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ كۆﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﭖ كېتىش ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.

ئەمەلىيەتتە ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ كۆﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﭖ كېتىشى ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ!

ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﭖ كېتىشى ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ! (80km ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ قىسقىراپ كەتتى)


ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 28-05-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 1,402 قېتىم

ئوغلۇم بولسا مۇنداق تەربىيىلەيتتىم
ئوغلۇم بولسا مۇنداق تەربىيىلەيتتىم
ئوغلۇم بولسا مۇنداق تەربىيىلەيتتىم

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە «يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك، مەھمۇد كاشغەرىيدەك، ئېينىشتىيىندەك ئادەم بول» دەپ تەربىيە قىلىشىدۇ. ياق، ئوغلۇم، ياق. مەندەك-داداڭدەك ئادەم بول. سېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈلگەڭ مەن. سەن ئىنسانلار ئارىسىدىن ئۆزۈڭگە ئۈلگە ئىزدىمەكچى بولساڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا) مېنىلا ئۈلگە قىل. پەزىلەتتە، ئادىمىيىلىكتە پەقەت مېنى دورا، چۈنكى سەن مېنىڭ ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرىسەن، سەن بولغاچ مېنىڭ نەسەبىم مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ.


ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 25-05-2011 | باھا: 11 پارچە | زىيارەت: 2,988 قېتىم

كۇچانىڭ XI ئەسىردىكى دۆلەت تەۋەلىكى توغرىسىدا
كۇچانىڭ XI ئەسىردىكى دۆلەت تەۋەلىكى توغرىسىدا
كۇچانىڭ XI ئەسىردىكى دۆلەت تەۋەلىكى توغرىسىدا

ۋ. ۋ. بارتولىد، ئا. گ. مالىيەۋكىن، پەرھاد جىلان قاتارلىق تەتقىقاتچىلار «كۇچا XI ئەسىردە قاراخانىيلار خانلىقى تەۋەلىكىدە بولغان» دەپ قارايدۇ. لېكىن، بىز تۆۋەندىكى پاكىتلار بىلەن بۇ قاراشنى ئىنكار قىلىمىز.

سۆزىمىزنى يىغىنچاقلىساق، بۇ ماقالىگە كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار ئاز، كۆپلىگەن پاكىتلار كۇچانىڭ XI ئەسىردە قاراخانىيلارغا تەۋە ئىگە ئىكەنلىكىگە مايىل. بىراق، يېگانە پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، XI ئەسىردە، ھېچبولمىغاندا XI ئەسىرنىڭ 75 – يىلىدىن بۇرۇن كۇچا رايونى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسىدە ئىدى.


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 19-05-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 1,973 قېتىم

يانفون نومۇرى نېمىشقا 11 خانىلىق بولىدۇ؟
يانفون نومۇرى نېمىشقا 11 خانىلىق بولىدۇ؟
يانفون نومۇرى نېمىشقا 11 خانىلىق بولىدۇ؟

ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە مۇلازىمەتلەر 11 دىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 111 تېلېگراف ئىچكى قىسىم سىناش تېلېفون نومۇرى، 112 رېمۇنتنى مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 113، 115 لەر دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق زاكاز قىلىش تېلېفون نومۇرى، 114 (118114 كە ئۆزگەرتىلدى) نومۇر سۈرۈش مۇلازىمەتخانىسى تېلېفون نومۇرى، 116 دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يولۇق نومۇر سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەتخانىسى تېلېفون نومۇرى، 117 ۋاقىت مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 119 ئوت ئۆچۈرۈشنى مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى … ۋەھاكازالار.


ئاپتورى: | سەھىپە: تەرجىمە ئەسەرلەر | ۋاقتى: 16-05-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 2,392 قېتىم

1916-يىلىدىكى قىرغىزلارنىڭ ئۇچتۇرپانغا كېلىشى
1916-يىلىدىكى قىرغىزلارنىڭ ئۇچتۇرپانغا كېلىشى
1916-يىلىدىكى قىرغىزلارنىڭ ئۇچتۇرپانغا كېلىشى

قىرغىز خەلقى ئۆز تارىخىدا ناھايىتى نۇرغۇن سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈردى. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئومۇميۈزلۈك ئۆزىنىڭ زېمىن دائىرىسىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ رايوندا يۈرگۈزگەن سىياسىتى بۇ يەردىكى خەلقلەرگە زۇلۇم ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئېقىم ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى بارلىققا كەلدى. 1916-يىلى ھازىرقى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ ئەنە شۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر.


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 13-05-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 1,361 قېتىم

ماقال-تەمسىللەر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

«ئېگىلگەن ﺑﺎﺷﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﻛﻪﺳﻤﻪﺱ»

ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘ ماقالنى ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﺋﺎﻟﺴﺎﻡ، ئۇچرىغان خورلۇقنىڭ ئازابى يېنىكلەپ، ﻣﺎﯕﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ تەسەللىي ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ گەپنى قايسى «ﺩﺍﻧﺎ »نىڭ دېگەنلىكىنى ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺗﯜﻛﯜﺭﯛﭖ قوياتتىم. بېشىم ئېگىلىپ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﮔﺪﻯ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ئېگىلىدىغان ﻳﯧﺮﻯ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. لېكىن، بېشىم ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.


ئاپتورى: | سەھىپە: چاقماق يازمىلار | ۋاقتى: 09-05-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 1,311 قېتىم

دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى: ئەجداد-ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكى
دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى: ئەجداد-ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكى
دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى: ئەجداد-ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكى

مەدەنىيەت لازىمى بولغاندا تېپىۋالىدىغان، لازىمى بولمىسا تېپىۋېتىدىغان نەرسىمۇ؟ مەدەنىيەتنى چوقۇم بايرام شەكلىدە خاتىرىلەش كېرەكمۇ؟ كەمىنىنىڭ چولتا قارىشىدا مەدەنىيەتنىڭ بايرام شەكلىدە خاتىرىلىنىشى مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلۇغ مەدەنىيەت بايرام شەكلىدە خاتىرىلەنمەسلىكى، بەلكى شۇ قەۋمنىڭ ھەربىر ئىش-پائالىيىتى، گەپ-سۆزىگە كىشى سەزگۈسىز دەرىجىدە جىپسىلىپ كېتىشى كېرەك ئىدى.


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 05-05-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 1,635 قېتىم

«ئۇچتۇرپان» دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

نۆﯞەتتە بىر قىسىم ھەۋەسكارلىرىمىز تارىخىي ماتېرىياللارنى ئەستايىدىلراق توپلاپ، ﺭﻩتلەپ ﺑﺎﻗﻤﺎﻱ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮىكىلەر ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯚﻟﯜﻙ ھالدا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرىغا ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯚتۈﺭۈﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ «ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ئىزاھلىدى: «1765-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﭺ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﭼﯩﯔ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ فېئودال ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯗﻟﯘﻣﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ كۆتۈردى. ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﭼﯩﯔ ھۆﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﯘﭺ ئاھالىسىنىڭ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭىي ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ تۇﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ئاھالە ﻛﯚﭼﯜرۈﻟﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ‹ئۇچ› ﻗﺎ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ‹ئۇچتۇرپان› ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﺩﻯ (26). ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ كىشىلەرنىڭ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺱ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺧﯧﻠﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮔﯧﺰﯨﺖ، ﮊۇﺭﻧﺎﻝ، ﭼﻮﯓ ﻛﯩﺘﺎبلارغىمۇ، ھەتتا بەزى ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯜﺗﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﯓ ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ توﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ.


ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 03-05-2011 | باھا: 0 پارچە | زىيارەت: 846 قېتىم


Powered by WordPress | Theme by Await | Copyright Qismet © 2009-2013 | Entries | Comments | TOP |