«ئۇچتۇرپان» دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

Zhongyuan

97100fe403b9
«ئۇچتۇرپان» دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

نۆﯞەتتە بىر قىسىم ھەۋەسكارلىرىمىز تارىخىي ماتېرىياللارنى ئەستايىدىلراق توپلاپ، ﺭﻩتلەپ ﺑﺎﻗﻤﺎﻱ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮىكىلەر ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯚﻟﯜﻙ ھالدا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرىغا ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯚتۈﺭۈﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ «ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ئىزاھلىدى: «1765-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﭺ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﭼﯩﯔ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ فېئودال ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯗﻟﯘﻣﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ كۆتۈردى. ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﭼﯩﯔ ھۆﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﯘﭺ ئاھالىسىنىڭ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭىي ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ تۇﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ئاھالە ﻛﯚﭼﯜرۈﻟﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ‹ئۇچ› ﻗﺎ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ‹ئۇچتۇرپان› ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﺩﻯ (26). ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ كىشىلەرنىڭ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺱ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺧﯧﻠﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮔﯧﺰﯨﺖ، ﮊۇﺭﻧﺎﻝ، ﭼﻮﯓ ﻛﯩﺘﺎبلارغىمۇ، ھەتتا بەزى ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯜﺗﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﯓ ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ توﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 03-05-2011 | باھا: 0 پارچە | زىيارەت: 384 قېتىم

«ئۇچ» دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

«ئۇچ» دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 1400 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯚﻙ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 552—745-ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﯞﻩ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 605-846-ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺩﻩ «ﺋﯘﭺ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ مەھمۇد كاشغەرىي ﺋﯘﻧﻰ «ﺋﯘﭺ» مەشھۇر ﺑﯩﺮ شەھەرنىڭ ﻧﺎﻣﻰ، ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﻩﻟﯩﻞ ﺷﯘﻛﻰ، ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 630-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، 648-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻛﯘﭼﺎ ﺗﺎﯓ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ. «ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺗﺎﯓ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭺ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﻧﺴﯘ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﻰ (温肃州) ﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻮﻧﺴﯘ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﭼﻮﯓ ﺗﺎﺷﺒﺎﻟﯩﻖ (大石成 ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘ <ﺋﯘﭺ> (乌赤) ﺋﯩﺪﻯ». ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 600-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ «ﺋﯘﭺ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ مەھمۇد كاشغەرىي، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ھاجىپلار ﺩﻩﯞﺭﻯ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1000-ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، «ﺋﯘﭺ» مەشھۇر ﺑﯩﺮ شەھەرگە ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ» ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﺍ «ﺋﯘﭺ ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺑﯧﮕﻰ»، «ﺋﯘﭺ ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺧﺎﻧﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 850-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1212-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ) ﺩﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ «ﺋﯘﭺ» شەھىرى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ مەركىزىي ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ شەھەر ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 25-04-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 591 قېتىم

«ئونسۇ بەگلىكى»، «ئونسۇ» ۋە «قۇم» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى

«ئونسۇ بەگلىكى»، «ئونسۇ» ۋە «قۇم» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى

دېمەك، ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى نامى «قۇم» ياكى «ئاقسۇ» بەگلىكىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە نامىنى ئىنكار قىلغان بولدۇق، شۇنداقلا قەدىمكى ئۇچ-ئونسۇ (ۋېنسۇ) بەگلىكىنىڭ تارىخى ۋە نامىنى خاتا ھالدا ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ نامى قىلىپ ئىلىمگە ئۇششۇقلۇق قىلىپ، يۇرت تارىخى ۋە نامىنى 2-قېتىم قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتۇق. شۇنداق ئىكەن، قەدىمكى ۋېنسۇ (ئونسۇ)-ئۇچنىڭ تارىخىنى قايسى يۇرتنىڭ تارىخى دەپ قارايمىز؟ قەدىمكى قۇم بەگلىگى-كونا ئاقسۇنىڭ تارىخىنى ئىنكار قىلىمىزمۇ؟ باشقا يۇرتنىڭ دوپپىسىنى كىيىۋېلىپ، يۇرت تارىخىنى قالايمىقان قىلمايلى! ئۆزىنىڭ تارىخىي ئاتىلىشى بويىچە ئاتالسۇن! ئەۋلادلارنى يۇرت تارىخى ھەققىدە تېنىتىپ قويمايلى!



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 19-04-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 468 قېتىم