ئورنىڭىز: باش بەت > ماقالە-يازمىلار > قىسمەتنىڭ 2011-يىلى

قىسمەتنىڭ 2011-يىلى

ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 31-12-2011 | خەتكۈشلەر:

  • ئۇزۇندىن بېرى يېڭى يىلنى ئۆتكەن كۈنلىرىمنى خۇلاسىلەش، كېيىنكى يىلىدىكى پىلانلىرىمنى تۈزۈش بىلەن خاتىرىلەيدىغان مىجەزىم بار.

    بۈگۈنمۇ ھەم ھېچقانداق ئەدەبىي تۈس قوشۇلمىغان بۇ يازمام بىلەن 2011-يىلىنى خۇلاسىلەش ئويىغا كەلدىم.

    خوش، ئۇنداقتا مەن 2011-يىلى نېمە ئىشلارنى قىلغاندىمەن؟

    ئائىلەم تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپتۇ.

    ئايالىم ۋە بالىلىرىمنى مۇستەھكەم ئېتىقاد، مەسئۇلىيەت بىلەن قانىتىم ئاستىغا ئېلىپ كەپتىمەن.

    شىركەت قۇرۇپتىمەن.

    بۇرادەرلىرىم بىلەن قول تۇتۇشۇپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئاتلىنىپتىمەن، مۇئەييەن نەتىجىلەر روياپقا چىقىپتۇ.

    «تارىم» ژۇرنىلى ئورگان تور بېكىتى، ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تور بېكىتى قاتارلىق بىر نەچچە نۇپۇزلۇق تور بېكەتنى ياساپ چىقىپتىمەن.

    خۇددى مەن چىقمىسام ئادەم چىقمايدىغاندەك يىل بېشىدىن ئاخىرىغىچە 10 نەچچە قېتىم تېلېۋىزىيە، رادىيو زىيارەتلىرىدە بولۇپتىمەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا لىكسىيە سۆزلەپتىمەن.

    بىر يېرىم يىل تاشلىنىپ قالغان قەدىناس بلوگىمنى باشلىۋاپتىمەن.

    2011-يىلى كىرگەندىن بېرى خەلقئارادىكى سىياسى ۋەزىيەتتىكى قاتماللىقنىڭ ئەكسىىچە، ئىشلىرىم ئاساسەن ئوڭغا تارتىپ كەپتۇ. قىسقىسى، بۇ بىر يىلدا ئالدىنقى 10 يىلدا يېتەلمىگەن نىشانلىرىمغا يېتىپتىمەن.

    بۇ جەرياندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ، ئايالىمنىڭ، بالىلىرىمنىڭ، دوست-بۇرادەرلىرىمنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىپتىمەن.

    رەھمەت سىلەرگە قېرىنداشلىرىم! يىتىملىك دەردىنى تارتقۇزماي بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتۇرغانلىقىڭلارغا، ھەردائىم مەن ئۈچۈن سەكپارە بولغانلىقىڭلارغا رەھمەت، جانابىي ئاللاھ قىيامەتتىمۇ قېرىنداش بولۇپ ئۆتۈشكە نېسىپ قىلغاي!

    رەھمەت سىلەرگە بۇرادەرلىرىم، مېنى قوللىغانلىقىڭلارغا، ئەسلىدىكى قىسمەت ھالىتىمگە قايتىشىمغا قىلغان ياردەملىرىڭلارغا مىڭلارچە تەشەككۇر!

    رەھمەت ساڭا مەرۋەرى، مەن ئۈچۈن، ئائىلىمىز ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىڭغا ئۆمۈرلۈك قەرزدارمەن! قادىر ئاللاھ سېنى بەختلىك قىلىش بىلەن بۇ قەرزلىرىمنى قايتۇرۇشقا نېسىپ قىلغاي!

    رەھمەت سىلەرگە قىزلىرىم، قادىر ئاللاھ سىلەرنى مەڭگۈ مەندىن پەخىرلىنىپ ياشاشقا، مېنىڭ قىزلىرىم بولۇپ قالغانلىقىڭلارغا شۈكرى ئېيتىپ ياشاشقا نېسىپ قىلغاي!

    无觅相关文章插件,快速提升流量


    تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    16 نەپەر قېرىندىشىمنىڭ باھالىشىغا ئەرزىگەن يازما بۇ ! سىزمۇ يېزىپ باقامسىز ؟

    • 1#
      لوپنۇرى نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 31-دېكابىر 20:06

      بۇ بىر يىلنى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزۈپسىز.ئاللاھ تەپەككۇرىڭىزنى تېخىمۇ ئۇچۇق ۋە دادىل قىلىپ،قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئوتۇقلۇق بولىشىغا مەدەت بەرگەي!يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىڭىزگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 2#
      رادىئو ھەۋەسكارى نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 31-دېكابىر 21:27

      يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن قىسمەت بۇرادەر !
      ياراتقان ئاللاھ ئىگەم مۇرادىڭىزغا يېتىشكە نىسىپ قىلسۇن .!

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 3#
      yarghol نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 31-دېكابىر 21:35

      سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىڭىزنىڭ 2011-يىلىدەكلا ، بولسا 2011-يىلىدىنمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن . 2012-يىلى كۆرۈشەيلى ….

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 4#
      نۇھ نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2012-يىلى 1-يانۋار 00:24

      قىسمەتنىڭ 2012 – يىلى تېخىمۇ گۈزەل بولسۇن!

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 5#
      ۋەتەن نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2012-يىلى 3-يانۋار 18:10

      قىسمەتنىڭ كېيىنكى قىسمەتلىرىمۇ گۈزەل بولسۇن !

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 7#
      ئۇدۇن نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2012-يىلى 4-يانۋار 20:07

      يېڭى بىر يىلدا داۋاملىق ئۇتۇق قازىنىشىڭىزنى تىلەيمەن!!!

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 8#
      ياشنا نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2012-يىلى 7-يانۋار 19:23

      قىسمەت ئەپەندىنىڭ سەمىمىي – ساداقىتىنىڭ ئىزھارى بولغان بۇ يارمىغا قادىر ئاللاھ تىن يەنىمۇ بەرىكەتلەر تىلەيمەن!

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 9#
      تۇران تېكىن نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2012-يىلى 10-يانۋار 19:55

      سىزنىڭ بۇ بىر يازمىڭىز بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ بىر قېتىملىق ھەقسىز دەرسى بولدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولغاندىن كېيىن، بۇ يازمىنى ھەر بىرىگە ئايرىم – ئايرىم ئۇقۇتۇپتىمەن. ھەم ھەممەيلەنگە مۇشۇنداق ئاددىي قىلىپ بىر پارچىدىن يىللىق خۇلاسە يېزىپ چىقىشنى تاپشۇرۇپتىمەن. نەتىجىدە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولدى. شۇنىڭ بىلەن ھەر بىرىگە بىردىن ئارخىپ تۇرغۇزۇپ قويدۇم.
      ئويلاپ باقسام بۇ بىر يىلدا مەنمۇ بىر پۇڭ خەجلىمەي، يەنى ئۆزەمنىڭ يانچۇقىدىن بىر پۇڭمۇ چىقىم قىلماي تۇرۇپ، يۈز مىڭ يۇەن خەجلەپ ئىشنى پۈتتۈرۋېلىپ، ئاندىن يېنىمدىكى پۇل بىلەن ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپتىمەن. ……..

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 10#
      ئۇيغۇربەگ نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2012-يىلى 6-فېۋرال 17:44

      2011-يىلى مەن ئۈچۈن مۇھىم بىر يول بولدى! قىسمەت ئاغامنىڭ 2012-يىلىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 12#
      تۇران تېكىن نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2012-يىلى 10-فېۋرال 22:46

      قىسمەتنىڭ قىسمەتلىرى نىمە بۇلۇپ كەتكەندۇ؟ يوقاپلا كەتتىغۇ! ئۆزى بولمىسىمۇ مەيلى، يازمىلىرى بولسا بۇلاتتى. :sad:

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
      • 13#
        قىسمەت نىڭ بايانى:
        ۋاقتى: 2012-يىلى 10-فېۋرال 22:59

        قىسمەت 2012-يىلىدا تېخىمۇ كاتتا قىسمەتلەرنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن، جاپالىق مېھنەت قىلىۋاتىدۇ. غۇلجىدىن قايتقاندىن كېيىن، قىسمەتلەرگە تويۇنغان يازمىلار داۋاملىق ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلغۇسى…

        بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 14#
      ش.ئە.ئۇيغۇرى نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2012-يىلى 16-فېۋرال 22:58

      قىسمەت ئاكىمىز 2011-يىلى بىلەن خوشلىشىشقا كۆزى قىيماي قالدىمۇ قانداق؟ يېڭى يىلغا تېخىچە كىرىپ بولالمىدىغۇ؟

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
      • 15#
        قىسمەت نىڭ بايانى:
        ۋاقتى: 2012-يىلى 17-فېۋرال 23:36

        ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ بولالماي، قىسمەت ئىزدەپ يۈرۈۋاتىمىز…

        بۇ باھاغا پىكرىم بار
      • 16#
        قىسمەت نىڭ بايانى:
        ۋاقتى: 2012-يىلى 22-مارت 23:24

        2012-يىلىغا كىرىپ بولدۇق، سىزگە چاتاق بولىدۇ ئەمدى، 10 چوڭ بلوگ ئىشىدا سىزنى نەس باسىدىغان بولدى-دە :x
        كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورىغا كىرىپ بېقىڭچۇ، ۋاي ئاللا دەپ قالىسىز…

        بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    *نــامىڭىز:
    *ئـېلخـەت:
    تور بېكەت:
    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif