ئەلقىسسە، تارىختا شۇنداق بىر كىشى ئۆتكەن. بىز تولۇقسىز ئوتتۇرا يېشىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ پۇلىنى خەجلەپ يۈرگەندە، بۇ كىشى نەچچە قېتىم يامۇلدا يېتىپ چىققان، قېچىپ چىققان، ئەڭ بولمىسا تېشىپ چىققان ئىدى.
تارىخچىلارنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، بۇ كىشى بەزىدە يامۇلنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ تېمىنىمۇ تېشىپ قوياتتى. ئېپى كەلسە خەقنىڭ مال-چارۋىلىرىنى ئوغرىلاپمۇ قوياتتى. ئىشقىلىپ، جاننى ئۇتتۇرماي ياشاپ كەلگەن ئىدى.
ناھايەت، ئىلى دىيارىدا ئىنقىلاپ قوزغىلىپ، بۇ كىشىنى ئۆز قوينىغا ئالدى. قىلمىغان ئەسكى ئىشى قالمىغان بۇ كىشى باشقىچىلا بولۇپ قالدى.
بۇرۇن باشقىلارنىڭ مېلىنى ئوغرىلاپ، ئۇلارنى قان يىغلىتىپ يۈرىدىغان بۇ كىشى ئەمدى دۈشمەننىڭ بېشىنى «ئوغرىلايدۇ»غان بولۇپ قالدى.
شۇ دەھشەتلىك ئۇرۇش يىللىرىدا، بۇ كىشى ئوغۇللىرى بىلەن بايانداي قورغىنىغا مەخپىي ھۇجۇم قىلىپ، يولداشلىرى قان بېرىپ، جان بېرىپ ئالالمىغان بۇ قورغاننى ئالدى. شۇنداق قىلىپ، ئىلگىرى پېشانىسىدىن كەتمەيدىغان «ئوغرى»، «قاراقچى» دېگەن ناملارنى بىراقلا يۇيۇپ تاشلاپ، «پالۋان» دېگەن نامغا مۇشەررەپ بولدى.
بۇ كىشى ئاۋۇ رەسىمدىكى كىشى شۇ ئىدى. بۇ كىشى بىز باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان «سادىر دەپ ئېتىم يامان، ئونبەش ياشتا ئاتالغان» دېگەن قوشاقلارنىڭ ھەق ئىگىسى ئىدى. بۇ كىشى بىز ئۇلۇغلايدىغان بوۋىمىز «سادىر پالۋان» ئىدى.
بۈگۈن قولۇمغا ئاۋۇ سىزما چۈشۈپ قالدى. سادىر پالۋان بايانداي قورغىنىنى قانداق تېزلىكتە ئالغان بولسا، بۇ ئاددىي يازمىمۇ شۇنداق تېزلىكتە يېزىلىپ چىقتى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، يازمىنىڭ داۋامى سىزگە قالدى: تارىخ بىلگەنلەر يازمىنى تولۇقلار، بىلمىگەنلەر ساۋات ئالار، ۋەسسالام!
ۋاھ ئاجايىپ يېزىپسىز جۇمۇ مۇنۇ يازمىنى ؟
2012/03/21
مەن سادىر پالۋاننىڭ ئىنقىلاپتىن ئىلگىركى تارىخى ھەققىدە ھىچنېمە بىلمەيتتىم. بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ بۇھەقتە ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. سادىر پالۋان بىلەن غېنى باتۇرنىڭ قىسمەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشاپ قالامدۇ قانداق؟ بىر ۋاقىتلاردا مۇنبەرلەردە سادىر كەبى سۈيۈملۈك لۈكچەكلەر ھەققىدە بىر نەرسىلەرنى كۆرگەندەك قىلغان. مانا بۇلار ئاچچىقىمۇ ھەم تاتلىقىمۇ بار مۇبارەك كىشىلىرىمىز ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق كىشىلىرىمىزنى ئارمان بىلەن ئەسلەپلا ئۆتىمىزغۇ دەيمەن.
2012/03/22
ئاللا خالىسا، بۇرۇنقى بەزى ماتېرىياللىرىمنى تاپالىسام، بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك يازما يېزىشىم مۇمكىن.
2012/03/22
تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقىتتا ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز «موللا بىلان بىن موللا يۈسۈپ» نىڭ «سادىر پالۋان» ھەققىدە يازغان نەزمىسىنى ئوقۇپ بەرگەندەك يادىمدا:
ئاتاسى ھەم بالاسى قاراقچى ئىدى،
قاراقچى نە بولمىش ماراقچى ئىدى.
مۇشۇنچىلىك ئېسىمدە قاپتۇ. مەنمۇ سادىر پالۋاننىڭ قاراقچى ،ئوغرى ئىكەنلىكىگە تازا چىنپۈتمىگەن، چۈنكى مېنىڭ قەلبىمدىكى پالۋان قىزىل روھقا ئېگە بولسا ئاندىن پالۋان بولاتتى… كىيىنچە غۇلجىدىن تۇغقانلار كەلگەندە بىر كۈنى دوستۇم تۆمۈرچىنىڭ دۇككىنى ئالدىدىن ئۆتكەچ سەندەلنى كۆتۈرۈپ بەسلىشىدىغان بولدۇق(كىچىكلىكتە)، شۇنىڭ بىلەن گەپتىن گەپ چىقىپ«سادىرنىڭ ئەينى چاغدا قەپەزدىن قاچقان يولۋاسنى تۆمۈرچىنىڭ سەندىلىگە ئۈستۈرۈپ ئۆلتۈرگەنلىكى» ھەققىدە قىسسەلەر بولۇندى.(بەلكىم راستۇ، ياكى يالغاندۇ) ئۇ چاغلاردا ۋۇسۇڭلا يولۋاسنى مۇشتلاپ ئۆلتۈرەلەيتى( مېنىڭ نەزىرىمدە) ھايۋاناتلار باغچىسىغا كىرىپ، يولۋاسنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىن كېيىنلا يولۋاسنى ئۆلتۈرمەك بەك ئاسانمۇ ئەمەسكەن دەپ بىلگەن ئىدىم… بەلكىم غۇلجىدىكى بۇرادەرلەرنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى سادىرنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قىسسەلىرىنى بىلىشى مۇمكىن.
2012/03/24
ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كىلىدۇ ناملىق ئەسىرى يادىمغا كەچتى.
2012/04/06
سادىر پالۋان بولدى، ياقۇپ بەگ بولدى، تۆمۈر خەلىپە بولدى. بۇلارنىڭ ناملىرىنىڭ كېلىشىنى بەكلا بىلگۈم بار؟
2013/01/01