1-ئېتىراز: قومۇل ئاممىۋىي قاتناش شىركىتى قومۇلدىكى كوچا ئاپتوبۇس بېكەت تاختىلىرىدا بېكەت ناملىرىنى ئۇيغۇرچە يازماي، قومۇلدىكى كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىغا ئېغىر قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى.
گەرچە 7-يول لىنىيەسى بولغان راھەتباغ يول بۆلىكىدىكى غەيرىي رەسمىي بېكەت تاختىلىرىدا ئۇيغۇرچە بولسىمۇ، ناھايىتى ئەخمەقلەرچە بىر تەرەپكە ئۇيغۇرچە، بىر تەرەپكە خەنچە يېزىپ قويۇپتۇ. بۇنداق ئەخمقانىلىققا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىمىز. بېكەت تاختىسىنىڭ قايسى يۈزىگە بولمىسۇن، چوقۇم ئۇيغۇرچە، خەنچە قوش تىللىق قىلىپ يېزىلىشى كېرەك.
2-ئېتىراز: مەن 7-يولىنى ئىزچىل كۆزىتىۋاتىمەن: كوچا ئاپتوبۇسلىرىدا قايسى بېكەتكە كەلگەنلىك ئاۋازلىق ئۇقتۇرۇش يوق، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئۇقتۇرۇش تېخىمۇ يوق.
3-ئېتىراز: كوچا ئاپتوبۇسلىرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا ئۇيغۇرچە بىر ھەرىپمۇ چىقمايدۇ. ناۋادا ئاممىۋىي قاتناش شىركىتى مەن بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالىسا، مەن ئۇيغۇرچىنى ھەقسىز كىرگۈزۈپ بېرىشكە رازى ئىدىم .
4-ئېتىراز: ئۇزۇن بولدى ئىزچىل كۆزىتىۋاتىمەن: قومۇل قاتناش شىركىتى قومۇللۇقلارنىڭ يارباغ كۆۋرۈكتىكى 300 يىللىق كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالدى.
تارىخىي ۋەسىقىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يەر قومۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدىن باشلاپ قومۇللۇقلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى ئىدى. قومۇل ۋاڭ ئوردىسى ئالدىدىكى بۇ يەردە قومۇل ۋاڭ چېلىشىش ۋە باشقا ئاممىۋىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، بەش شەھەر، ئون ئىككى تاغدىن كەلگەن قومۇل پۇقرالىرىغا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى. بۇ مەيدان قومۇللۇقلارنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان، «مەرتنى مەيداندا سىنا»يدىغان كاتتا تارىخىي پائالىيەت سورۇنى ئىدى. نېمە ئۇچۇندۇركىن، قومۇل ئاممىۋىي قاتناش شىركىتى بۇ جاينى قانۇنسىز ئىگىلەپ، ئاپتوبۇس قويىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇۋالدى.
بۇ جاي بەلكىم شەھەر ئىچىدىكى مەلۇم كەنىتكە تەۋەدۇر. ئەمما، بۇ جاي 300 يىلدىن بۇيان بەش شەھەر، ئون ئىككى تاغدىن يىغىلغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل ئېچىپ كەلگەن سورۇنى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ جايدا ھەر بىر قومۇللۇقنىڭ ھەققى بار. قانداقتۇر كەنت بىلەن شەھەر كېلىشىپلا خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىۋېتىدىغان جاي ئەمەس.
مانا ياز كەلدى، تۆت بۇرجەككە كۈچلۈك چىراغتىن تۆتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ چېلىشىمىز، پەي توپ ئوينايمىز، شاھمات ئوينايمىز، سالقىنداپ كۆڭۈل ئاچىمىز.
قىسقىسى، بۇ جايىمىزنى بوشىتىپ بېرىڭلار.