بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > بىلوگ بىلدۈرگىسى > «ئىگىلىك سەھنىسى»دە مەغلۇب بولغان قىسمەت

    «ئىگىلىك سەھنىسى»دە مەغلۇب بولغان قىسمەت

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇرادەرلەر!

    قىسمەت 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاھىدە پىروگراممىسى «ئىگىلىك سەھنىسى»گە قاتناشقان ئىدى. نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن بۇ پىروگراممىدا ئۈزۈپ چىقالمىدى

    بىلوگقا يازما يېزىشقىمۇ ھەپسىلىسى يوق جىددىي ئىشلەپ كېتىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، قىسمەتباي ئوقۇرمەنلىرىنى مۇشۇ پىروگرامما ئارقىلىق بولسىمۇ ئالداپ تۇراي دەپ ئويلىدى بولغاي، سىن ھۆججىتىنى يوللاپ قويدى.

    قىسمەت قانداق يېڭىلىدۇ؟ دىققەت قىلىپ كۆرەرسىلەر.

    راسىت، بىر گەپنى ئۇنتۇپتىمەن، قىسمەتباي پىروگراممىنىڭ 2-قىسىم 52 سېكۇنتلۇق يېرىدىن باشلاپ ئېكراندا كۆرۈنىدۇ.

    1-قىسىم


    2-قىسىم



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#
      رادىئو ھەۋەسكارى

      مۇشۇ سەھنىگە چىقىپ سۆزلەشكىمۇ خىلى جۇرئەت كېتىدۇ …
      تىرىشقان تاغ ئاشار دەپتىكەن كونىلار ….

    • 2#

      ھەممىنى تۇلۇق كۆرۈپ چىقىپتىمەن. ئالدىنقى ئىككى ماھىرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانى كونكىرىتنىلىققا ئىگە ئىكەن. شۇڭا چۈشەندۈرمەك ۋە چۈشەنمەك ئاسان. كېيىنكى ماھىر يەنى ئەمەتجاننىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانى ئەبىستىراكىتنىلىققا يەنى مەۋھۇملۇققا ئىگە ئىكەن. شۇڭا ئۇنى ئامما باپ تىل بىلەن چۈشەندۈرمەك ۋە چۈشەنمەك سەل قىيىن ئىكەن.
      ئۇندىن باشقا سىزنىڭ سۆزىڭىزدە مەسىلەن، مىسالەن دېگەن سۆزلەر تەكرارلىققا ئىگە بۇلۇپ قاپتۇ. دېمەك بۇنىڭدىن بۇ كەسىپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ھازىرقى كىشىلىرىمىز دەرھال چۈشۈنەلىگىدەك دەرىجىدە بايان قىلماق ئاسان ئەمەس.

      • 3#

        بەزى مەسىللەرنى چۈشۈنۈش گاھىدا ئاسان، گاھىدا تەس بولىدۇ. لېكىن شۇ نەرسە ياكى ماقالە ۋە ياكى ئوبېيكىتنى سىزنىڭ قانداق چۈشۈنىڭىشىڭىزگە باغلىق. تور دېگەن مەۋھۇم دۇنيا شۇڭا ئۇنى چۈشۈنۈش ئۇنچىۋالا ئاسانمۇ ئەمەس ھەم تەس ئەمەس.
        گەپ ئۇنىڭغا ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلغان ئادەمدە.

    • 4#

      مەن بۇ پىروگراممىنىڭ خېلى كۆپ سانلىرىنى كۆرگەن. ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ھەقىقىي راست سۆزلىگەن ئادەم بىر يەردە قايرىلىپ قېلىپ، يوقنى بار دەپ، قىلمىغان ئىشىنى ياكى قىلالمىغان ئىشىنى بار دەپ كۆپتۈرۈپ سۆزلىگەن ئادەم ئۇتۇپ چىقىدىكەن.
      ھېچقىسى يوق. مەقسەت پىروگراممىدا ئۇتۇپ چىقىش ئەمەس، بەلكى راستچىل، سەمىمىي ئىدىيەنى قانات يايدۇرۇش.
      ھەراست، مەن بىر گەپنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن. ھازىر جۈمە ۋاقتىغا يېقىن كېلىپ قالغاچقا تېخى بۇ فىلىمنىڭ قويۇش كونۇپكىسىنى بېسىپ باقمىدىم. كەچتە تەپسىلىي كۆرىمەن.

    无觅相关文章插件,快速提升流量