بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ئىقتىساد/ئىجتىمائىيەت & تارىخ/مەدەنىيەت > ھۆكۈمەت سەل قاراۋاتقان تارىخىي ھەقلىرىمىز

    ھۆكۈمەت سەل قاراۋاتقان تارىخىي ھەقلىرىمىز

    باشقا يەرنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۆزۈم قومۇلدا ياشاۋاتقان ئاددى بىر پۇقرا بولغاچ، قومۇلدىكى ھۆكۈمەت سەل قاراۋاتقان تارىخىي ھەقلىرىمىزدىن بىلگەنلىرىمنى ساناپ باقتىم. «سۆزلىگۈچىدە ئەيىب يوق» دەيدىغان ماۋزېدۇڭ لۇشيەنى بويىچە مەنزۇر تۇتارسىزلەر، ناۋادا خاتا كەتسە.

    قومۇلدىكى 300 يىللىق خانلىق چېلىشىش مەيدانىمىز، قومۇللۇقلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئورنى قومۇل ئاممىۋىي قاتناش شىركىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىندى. بۇ ئشىقا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىپادە بىلدۈرمەي، قۇلىقىنى يوپۇرۇۋالدى. بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا قەدەر ئاجايىپ قىزىيدىغان، قاينام-تاشقىنلىق خەلق چېلىشىش مەيدانى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىمىز ئىدى. شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسنىڭ قولىغا قاچان ئۆتتى، شۇ چاغدىن باشلاپ پوق بولدى. بۇ مەيدان شۇ چاغدىن باشلاپ، خەلققە ھەقىقىي خىزمەت قىلىشتىن قېلىپ، تېلېۋىزورغا ئالغۇچە ۋە باشقا رەسمىيەت ئۈچۈنلا ئىشلىتىدىغان مەيدانغا ئايلاندى. ئاخىرى خەلقنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قانۇنسىز ھالدا ئاممىۋىي قاتناش شىركىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. مەيلى قانداق يەڭ سودىسى قىلغان بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر، چېلىشىش مەيدانىمىزنى خەلققە قايتۇرۇپ بېرىڭلار!

    300 يىللىق تارىخقا ئىگە قومۇل ئوردا كۇتۇپخانىسى قومۇل ۋاڭنىڭ يىغقان خەزىنىسىدىنمۇ مۇھىم. بۇلانغان خەزىنىگە ئىچ ئاغرىتمايمىز. ئەمما، كۆيدۈرۈلگەن كۇتۇبخانا… ھەي دەرىخ! مانا مۇشۇ ئوردا كۇتۇبخانىسى قومۇللۇقلارنىڭ غۇرۇرى، قومۇللۇقلارنىڭ پەخىرلىك قۇرۇلۇشلىرىدىن ئىدى. قېنى قومۇلغا ياردەم بەرمەكچى بولغان ئاتالمىش ھەمدەمچىلەر؟ ياردەم بەرسەڭ خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مانا مۇشۇنداق قۇرۇلۇشلارغا ياردەم بەر، خەلق سۆيۈنسۇن!

    قومۇل ئوردا كۇتۇبخانىسىنى جاھاننىڭ ئالدى بولغان ئەڭ زامانىۋى ھالەتتە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز.

    قومۇل كونا-يېڭى مەدرىسىنى يېڭىلاپ سېلىش ئىشى. ئىلگىرى چاھارباغدا قۇرۇلغان دىنىي مەكتەپنى كونا-يېڭى مەدرىسلەرگە كۆچۈرۈپ ئېلىپ چۈشۈپ، دىنىي ئوقۇتۇشنى ئىزىغا سېلىش ھەمدە قومۇلدىكى چوڭ-كىچىك دىنىي ئاممىنىڭ ھەر خىل ياشتىكى دىن ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، قانۇنلۇق، ئوچۇق-ئاشكارە، ئازادە مۇھىتتا دىنىي ئىلىم تەھسىل قىلىش، قىرائەت ئۆگىنىش ئەمەلىيلەشسە پارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتى تېخىمۇ نۇر چاچاتتى ئەمەسمۇ!؟

    قومۇل ھېيتگاھ مەسچىتىنى ھېچبولمىغاندا جۈمە نامىزىغا ئېچىۋېتىش كېرەك. قومۇل ھېيىتگاھ مەسچىتى قومۇللۇقلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە پۈتكەن. ئۇنى تاقىۋېلىشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق!



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    无觅相关文章插件,快速提升流量