بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > تارىخ/مەدەنىيەت > مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (2)

    مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (2)

    qianlong

    qianlong_heshen

    خېشېن (1750-1799)، ئەسلى ئىسمى شەنباۋ، مىللىتى مانجۇ، بېيجىڭدا تۇغۇلغان. خېشېن ئۈچ ياشقا كىرگەندە ئانىسى ئۇكىسى خېلىننى تۇغۇش جەريانىدا، تۇغۇت قىيىنلىشىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن. دادىسى فۇجيەننىڭ ھەربىي ئەمەلدارى بولۇپ، خېشېن توققۇز ياشقا كىرگەندە بىر تاسادىپىي ۋەقە (ئوي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن دېيىلىدۇ) دە ئۆلۈپ كەتكەن.

    ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن خېشېن ئالتە ياشقا كىرگەن ئۇكىسى خېلىن بىلەن يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلىپ، باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. گەرچە ئاتىسى چوڭ ئەمەلدار بولۇپ مەلۇم نىسبەتتە بايلىق توپلىغان بولسىمۇ، ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلۈكىنى باشقا تۇغقانلىرى بۆلۈشۈپ كېتىپ، ئۆسمۈر خېشېن ۋە خېلىنغا مىراس تەگمەيدۇ. پەلەكنىڭ چاقى كېلىشمەسلىك كەلگەنلەرگە تەتۈر چۆرگىلەۋەرمەيدۇ. دادىسى ئۆلۈپ كېتىشتىن سەل بۇرۇنلا، خېشېننى بېيجىڭ زىجىنچېڭ ئىچىدە قۇرۇلغان دۆلەتلىك كاتتا مەكتەپ-شيەنگوڭغا ئوقۇشقا بەرگەن. بۇ مەكتەپتە چىڭ خانىدانلىقىنىڭ كاتتا ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇپ، دەرس بېرىدىغان مۇئەللىملەرمۇ شۇ دەۋردىكى ئەڭ بىلىملىك كىشىلەر ئىدى. توققۇز ياشلىق خېشېنغا پەقەت مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن باشقا ھېچقانداق پۇرسەت يوق ئىدى. گەرچە بۇ مەكتەپنىڭ ھەرقايسى شەرت-شارائىتلىرى تولۇق بولغان بولسىمۇ، بۇ يەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كاتتا ھوقۇقدار، پۇلدار ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، يۆلەنچۈكسىز خېشېن ئۇلارنىڭ ئات قىلىپ مىنىدىغان، ئۇرۇپ-سوقۇپ ئانى تاپىدىغان ئوبيېكتى ئىدى. مەكتەپتىكى بالىلارنىڭنىڭ قايسىسىنىڭ دادىسىنىڭ ھوقۇقى چوڭ بولسا، قالغانلىرى شۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، قورقىدىغان بولغاچقا، ئۆسمۈر خېشېننىڭ قەلبىگە «ھوقۇقنىڭ ئەڭ چوڭىنى تۇتۇش، كۆپلەپ بايلىق توپلاش كېرەككەن» دېگەن ئىستەكنىڭ ئۇرۇقى تېرىلىدۇ. ئۆسمۈر خېشېن بىر تەرەپتىن ياخشى ئۆگىنىپ مۇئەللىمنىڭ ماختىشىنى، مايىللىقىنى ۋە قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ داۋاملىق ئانى تېپىشىنىڭ ئالدىنى ۋاسىتىلىك ئالسا، ساۋاقداشلىرى ئۇرسىمۇ، تىللىسىمۇ، ئات قىلىپ مىنسىمۇ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ، ئىچىدىكى ئۆچمەنلىكىنى زور دەرىجىدە يوشۇرۇپ قالالايدىغان بولغان. ھەمدە ساۋاقداشلىرىنىڭ مىجەز-خۇلقىنى، ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ چىشىغا تەگمەي، ئۇلار خوش بولىدىغان سۆز ۋە قىلىقلارنى قىلىپ، داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئانى بولۇپ تۇرۇش ھالىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگەنگەن.

    ئۆسمۈر خېشېن كىچىكىدىن مۇستەقىل ياشاش، مۇستەقىل پىكىر قىلىش يولىدا كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولغان بولسا، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى تولۇق ئۆزگەرتەلەيدىغان ئادەم پەقەت بىر، ئۇ بولسىمۇ زاماننىڭ خاقانى چيەنلۇڭ دەپ قاراپ، چيەنلۇڭنى بىلىشكە ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقان. خېشېننىڭ چيەنلۇڭ بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، كىچىكىدىن ۋاسىتىلىك ھالدا چۈشىنىشكە كىرىشكەن يەنى چيەنلۇڭنىڭ خەت شەكلىنى دوراپ يېزىشنى ئۆگەنگەن، چيەنلۇڭ يازغان ھەر بىر ئەسەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ يادا ئېلىش بىلەن بىللە، پادىشاھنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، نېمىدىن بىزارلىقىنى بىلىپ يەتكەن. مۇشۇ جەرياندا، خېشېن چيەنلۇڭخاننى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنى خېلى چوڭقۇر چۈشەنگەن.

    خېشېن مانجۇ خەلقىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن پىششىق تونۇشۇپلا قالماي، خەنزۇ خەلقىنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرى بىلەنمۇ پىششىق تۇتۇشقان ھەمدە موڭغۇل،زاڭزۇ تىلىنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ قىلىچۋازلىق، چېلىشىش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق جەھەتتىنمۇ خېلى كامالەتكە يەتكەن.

    دېمەك، ئۆسمۈر خېشېن ئۆزىگە قالدۇرۇلغان بىردىنبىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا تامامەن ئاساس سېلىپ بولغان.

    خېشېننىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى تەققى تۇرقىنىڭ ناھايىتى جايىدا ئىكەنلىكى. ئۇ شۇ دەۋردىكى ئەڭ كېلىشكەن ئادەم دەپ قارىلىدىكەن. ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ موللۇقى ۋە بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىچە بولۇشى شۇ ۋاقىتتىكى بېيجىڭ، خۇبېي، تيەنجىننىڭ باش تۇتۇقىنىڭ كۆزىگە ئالاھىدە چېلىققان بولۇپ، بۇ باش تۇتۇق بۇ دۇنيالىقتىكى بىرلا نەۋرە قىزىغا خېشېننى ئەڭ لايىق دەپ قاراپ، خېشېننى ئۆزىگە نەۋرە كۈيئوغۇل قىلىۋالغان.

    خېشېن 18 ياشقا كىرگەن يىلى «كېجۈ ئىمتىھانى»غا قاتناشقا بولسىمۇ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن. بۇ ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، كىنولاردا تەسۋىرلەنگەن جىشاۋلەن، ليۇيوڭ قاتارلىق كىشىلەرمۇ نەچچە قېتىم ئىمتىھان بېرىپ 30 ياشقا كىرگەندە ئاران ئۆتكەن. («كېجۈ ئىمتىھانى» توغرىسىدا كېيىنكى يازمىلىرىمدا يېزىپ قېلىشىم مۇمكىن.)

    مانجۇلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، مانجۇلارنىڭ ئەمەل تۇتۇشى ۋە خىزمەتكە قاتنىشىش جەريانى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى «كېجۈ ئىمتىھانى»دىن ئۆتۈپ ئەمەل تۇتۇش ياكى خىزمەتچى بولۇش، يەنە بىرى مانجۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۇرۇشتا زور تۆھپە قوشقان بولسا، شۇ ئارقىلىق ئەمەل تۇتۇش ياكى خىزمەتكە قاتنىشىش يول قويۇلىدۇ. شۇڭا خېشېن ئۈچ يىلدا بىر ئېلىنىدىغان «كېجۈ ئىمتىھانى»غا قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىپ، ئەجدادلىرىنىڭ ئۇرۇش تۆھپىسىگە تايىنىپ ئوردا ياساۋۇللۇق خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ. ئوردا ياساۋۇللۇق خىزمەت ئورنىدا خان بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتى بولغاچقا، خېشېن بۇ خىزمەتنى تاللايدۇ. خېشېن ئويلىغاندەك چيەنلۇڭنىڭ بىر قېتىملىق ئوۋغا چىقىش سەپىرىدە،خېشېننىڭ تالانتىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ. چيەنلۇڭخان ئوۋ ئوۋلاپ بولۇپ تەختىراۋان بىلەن قايتىۋاتقاندا، يۈننەندىن كەلگەن بىر جىددىي مەلۇمات خانغا مەلۇم قىلىنىدۇ. بۇ مەلۇماتتا بىر چوڭ جىنايەتچىنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، بېرمىغا قېچىپ كىرىۋالغانلىقى سۆزلەنگەن بولۇپ، خەۋەر خانغا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، خان قاتتىق غەزەپلىنىپ بىر مۇشائىرە ئوقۇيدۇ. لېكىن ھېچكىم بۇ مۇشائىرىنىڭ داۋامىنى چۈشۈرەلمەيدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا خاننى قوغداشقا چىققان ياساۋۇل خېشېن خاننىڭ مۇشائىرىسىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. خان بۇنداق پاساھەتلىك چۈشۈرۈلگەن مۇشائىرىنى كىم ئوقۇغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنى يېنىغا چاقىرتىپ كېلىدۇ. خېشېن كەلگەندىن كىيىن چيەنلۇڭخان بىر ياساۋۇلنىڭ بۇنداق تالانتىغا ھەيران قالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنداق كېلىشكەن ياش مانجۇ يىگىتىگە ئالاھىدە قىزىقىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن سوئاللارنى سورايدۇ. كىچىكىدىن چيەنلوڭنى تەتقىق قىلغان خېشېن خاننىڭ كۆڭلىدىكىدەك جاۋابلارنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خان خېشېننى خاننى مەخسۇس قوغدايدىغان ياساۋۇل قىلىپ تەيىنلەيدۇ.

    چيەنلوڭخان توقۇغان مۇشائىرە «كىم بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ جاۋابكارى» دېگەن مەزمۇندا بولۇپ، خېشېن چۈشۈرگەن مۇشائىرە «جىنايەتچىلەرنى ساقلاۋاتقان كىشىلەر» دېگەن مەزمۇندا ئىكەن.

    خېشېن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرغاندىن كېيىن، خاننىڭ مەخسۇس قوغدىغۇچىسى بولۇپ كېيىنكى كۈنلەردە قالغان تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت تامامەن تۇغۇلىدۇ. چيەنلۇڭخان خېشېننىڭ تېگى تەكتىنى، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ نۇرغۇن تىللارنى بىلىپلا قالماي، چامباشلىقتىمۇ ئالاھىدە ماھارىتىنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىگە ئوخشاش خەت يازالايدىغانلىقىنى بىلىپ، ھەم ياش ھەم كېلىشكەن بۇ يىگىتكە چوڭقۇر قايىل بولۇپ، ئۇنى ئەتىۋارلاپ مۇھىم ئىشلارغا قويىدۇ.

    شۇنداق قىلىپ خېشېننىڭ دەرىجىسى بالداقمۇ بالداق ناھايىتى تېز ئۆسۈپ 26 ياشقا كىرگەندە ھەربىي ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى بولىدۇ. مەلۇمكى، فېئوداللىق دەۋردە دۆلەتنىڭ ھەربىي ھوقۇقى خاننىڭ ئەڭ ئىشەنگەن ۋە ئەڭ تالانتلىق كىشىگە بېرىلىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا كىنولاردا سۆزلەنگەن ليۇيوڭ 56 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، خېشېننىڭ قول ئاستىدىكى بىر كىچىك ئەمەلدار ئىدى. خېشېن 32 ياشقا كىرگۈچە بولغان ئالتە يىل جەريانىدا، ھازىرقى ئەمەل ناملىرى بىلەن سۆزلىگەندە «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، كادىرلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى، مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جوڭياڭ بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى» قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قوشۇمچە «تۆت خەزىنە، بەش قامۇس»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. خېشېن 32 ياشقا كىرگەندە، ئۆسمۈر چاغلىرىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى تولۇق ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە ئۆزىگە كەلگەن كىچىككىنە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چىڭ تۇتۇپ، زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#
      دولقۇن731

      يازمىنىڭ داۋامىنى كۈتىمەن.

    • 2#

      تارىختىن كۆپ خەۋەرسىز ئىكەنمەن

    • 3#
      tohotur

      توغرا ئۆزىگە كەلگەن كىچىككىنە پۇرسەتنىمۇ ئۆتكۇزىۋەتمىگەن ، ئەمىليەتتە بىز كۆزگىمۇ ئىلمايدىغان مىترىق ئىشلار ئارىسىدىن خيالى دۇنيارىمىزنىڭ ئىشىكىنى ئاچقىلى بولۇدۇغان ئاچقۇچلار يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن .

      ھەقىقەتەن خېشىن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھەممە تونۇيدىغان ئورتاق تۇيغۇلۇق شەخس . مانا مۇشۇنداق ھەممگە ئورتاق بولغان ئۇيغۇ تۇيغۇسىدىكى دىتال ئېلمىنىتلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇشىمىز كېرەك ، خۇددى ئاسماندىكى ئايدىن ھەممىمىز تەڭ ھوزۇر ئالغاندەك ،

    • 4#

      مەن ئىككى كۈندىن بېرى ‹百家讲坛-之正说和珅› ‹ تارىختىكى ھەقىقى خېشېن › نى كۆرىۋاتقان ئىدىم، بۇلارنى كۆرۈپ خېشېنغا بولغان چۈشەنچەممۇ باشقىدىن ئۆزگەردى. بۇرۇن ئۇنى پەقەتلا كىنولاردىن كۆرگەندەك خىيانەتچى مۇناپىق ئەمەلدار دەپ ئويلايتىم. ئەمما تارىختىكى ھەقىقى خېشېن خىيانەتچىلا بولۇپ قالماي، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، تىرىشچان، ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزى مانجۇ بولغىنى بىلەن خەنزۇ تىلىنى ۋە خەنزۇ تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماي، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۇگۈنۈپتىكەن. مەنمۇ بۇرۇن، مۇشۇنداق خىيانەتچى ئەمەلدار نېمىشقا چىيەنلوڭ خاننىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولىدۇ ؟ نېمىشقا شۇنچە خىيانەت قىلىپمۇ شۇ كاللىسىنى ساقلاپ قالالىغاندۇ؟ دەپ ئويلايتىم.
      داۋامىنى يەنە كۈتىمەن.

    无觅相关文章插件,快速提升流量