بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ماقالە/يازمىلار > ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 6

    ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 6

    ئەي پىر بۇزرۈكۋارىم، سىز تارىختىكى مەشھۇر كىشى سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشقا تامامەن لايىقتۇرسىز!

    7-سوئالىم: خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان جانابلىرى، بۇ 300 نەچچە يىل مابەينىدە مازىرىڭىزغا بېرىپ نەزىر-چىراق ئۆتكۈزۈپ، سىزگە سېغىنىپ يىغلىغان كىشىلەرگە قانداق يۈرەك سۆزىڭىز بار؟

    جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مازايى-ماشايىقلارنىڭ قەبرىگاھى سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شاگىرتلىرىڭىزنىڭ قەبرىگاھىمۇ؟ بىز قەشقەرگە بېرىپ تاۋاپ قىلالمىساقمۇ دىيارىمىزدىكى شاگىرتلىرىڭىزنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر-چىراق بەرسەك روھىڭىز خۇش بولارمۇ؟

    ھازىرقى دەۋرگىچە ياشاپ قالغان بولسىڭىز بىزگە يەنە قانداق چوڭقۇر ئىدىيەلەرنى سىڭدۈرەتتىڭىز؟

    جاۋابىڭىزنى تەشنالىق بىلەن كۈتۈپ…

    چوڭ ئېھتىرام بىلەن: كۆلتېگىن

    ئى زاتىل ئەقتاب مۇرىتىم!

    يەنە بىر كېچە تنىچ-ئامان ئۆتتى. ئۆزۈمنىڭ بىر زامانلاردا روياپقا چىقارغان «ئۇلۇغۋار» ئىشلىرىم ھەققىدە قايتا بىر ئويلىنىپ چىقىپ، سوئاللىرىڭىزغا تىنماي جاۋاب بېرىشىنى قارار قىلدىم. بىلسەم مەن مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن نەچچە مىڭ يىل ياشايدىكەنمەن.

    «پىر»ئىڭلار بولمىش مەن سۇلتانۇل مۇھەققىقىن سىزلەردىن ھەقىقەتەنمۇ رازىمەن. مەن ئاراڭلاردىن كەتكەندىن بېرى مېنى ياد ئېتىپ تۇردۇڭلار، بۇنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. ھازىر سىلەر جەنۇبىي شىنجاڭ دەپ ئاتاۋاتقان جايلاردا ھەقىقەتەن نۇرغۇن مازارلار بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سۈلۈكىي ئىشقىيەنىڭ باھادىرلىرىنىڭ بولسا، يەنە بەزىلىرى ئىسھاقىيەچى «قارا مۇسۇلمان» لارنىڭ گۆرىدۇر. سىزلەرنىڭ «ئاق-قارىنى» پەرىقلەندۈرۈشۈڭلارنى، ئول «قارا مۇسۇلمان» مۇرتەدلەرنىڭ ئۈستىگە لەنەت تۈكۈرۈكۈڭلارنى ياغدۇرۇشۇڭلارنى، «مۇبارەك» پوق-سۈيدۈكۈڭلار بىلەن يوقلاپ تۇرۇشۇڭلارنى پەرمان قىلىمەن.

    قەشقەر مېنىڭ مازارگاھىم جايلاشقانلىقى ئۈچۈن «ئۇلۇغ، تاۋاب قىلىش زۆرۈر» جايدۇر. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە «پىر» دۇئاسىغا ئېرىشىش، مەھشەر كۈنىدە مېنىڭ «شاپائىتىم» دىن ئىنئام ئېلىش ئۈچۈن قەشقەرنى، پىر بۇزرۈك قەبرەگاھىنى داۋاملىق زىيارەت قىلماقلىق، تەلىم-تەرغىب ئالماقلىق زۆرۈردۇر.

    مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە ياشاپ كېلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ھۆكۈمرانىڭلار ياڭ زېڭشىن مېنىڭ ئەڭ ياراملىق شاگىرىتلىرىمدىن بىرىدۇر. بەلكىم شەكىل ئوخشىماس، ئەمما ماھىيەت بىردۇر. ئاداققى مەقسەت سىزلەرنى «يارىماس» ئىدىيەلەرنىڭ «زەھەرلىشىدىن» ساقلاش، بىزلەركىم «پىر بۇزرۈك روھىنى» قەلبىڭىزلەردە جۇلالاندۇرۇشتۇر.

    مەن تاكى قىيامەتكىچە پانىي ئالەمدە ھەر زاماندا، ھەر سىياقتا پەيدا بولۇرمەن. مېنى «پىر» دەپ بىلگەنلەر، سۈلۈكىي ئىشقىيە يولىدا جان پىدا قىلغانلار ھەر ئىككى ئالەمدە بەختلىك بولغاي!

    خەير، ھەزرىتى سۇلتانۇل مۇھەققىقىندىن دەپ بىلەرسىز.



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#
      tanha

      ئۆزلىرىنىڭ بىزلەرگە سىڭدۇرۇپ كەتكەن ئىدىيەلىردىن مازارلارغا ئاتاپ نەزىرە بىرىش ،مازارلارنى تاۋاپ قىلىش ،ئۆلۇكلەردىن مەدەت تىلەش قاتارلىق ئىسلامغا يات بولغان بتئەت ئىشلار يۇرتىمىز قەشقەرنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا داۋام ئەتمەكتە،بۇ ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقانلار شۇ قەدەر جاھىلكى ئۇلار ئاللاھ نىڭ دىننى تاشلاپ ، بەندىنىڭ دىنىغا ۋە يولىغا كىرىپ كىتىۋاتىدۇ .مىنىڭ بۇ يەتكۇزگەن خەۋىرىمنى ئاڭلاپ خۇشال بولوپ كەتكەنلا تەقسىر .
      ئۆزلىرىدىن شۇنى سورغۇم كىلىۋاتىدۇ ،سىلى ئۆزلىرىنى ‹‹مۇھەممەت پەيغەمبەر››سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەمنىڭ 27- نەۋرىسى دەپ نەسەپلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ پاك نەسەپكە ئۇلىلا، ئۆزلىرى ئىيتسىلىچۇ پەيغەمبىرمىز ‹‹مۇھەممەت››ئەلەيھسسالام مىنىڭ قەۋرەمنى تاۋاپ قىلىڭلار قەۋرەمگە نەزىرە بىرىڭلار دىگەنمۇ مەندىن ياردەم تىلەڭلار مەندىن مەدەت تىلەڭلار دىگەنمۇ ،بۇنىڭغا ‹‹قۇرئان›› ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن دەلىل بارمۇ ، قەتتى يوق …. پەيغەمبىرمىز بۇنداق ئىللەتلەردىن پاك ئىنساندۇر بۇنداق دىيىش پەيغەمبىرمىزگە ھاقارەت قىغانلىقتۇر .
      بولدىلا مەن كۆپ سۆزلىمەي ئۆزلىرىنى تىرىكتۇرۇپ قويماي يەنە تەقسىر
      ئاللاھ خالىسا يەنە كۆرشەرمىز………

    • 2#
      tanha

      بايا ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن ئۇزلىرىنىڭ ئەيتقىندەك ‹‹ مەن تاكى قىيامەتكىچە پانىي ئالەمدە ھەر زاماندا، ھەر سىياقتا پەيدا بولۇرمەن››دىگەن سوزلىرىگە مەن ئىشىنىمەن چۇنكى ھازىرقى دەۋىردە سىلى ئۆزلىرىنڭ ئاجايىپ غەيىپ كارامەتلىرى بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزغا ، ئۆزىمىزنىڭ سىياقىدا ئالدىمىزغا پەيدا بولۇپ سىلى ئەيىتقان «يارىماس»ئىدىيەلەر ئۇرىقىنى ھەريەلەرگە چىچىۋاتىلا تەقسىر.

    无觅相关文章插件,快速提升流量