بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > چاقماق يازمىلار > مەن تۆۋەننى مۇنداق تەكشۈرىمەن

    مەن تۆۋەننى مۇنداق تەكشۈرىمەن

    (ناھىيىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان ساۋاقدىشىم تىلىدىن)

     
    بۈگۈن ناھىيىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىن بىر نەچچەيلەن ناھىيىمىزدىكى ئەڭ چەت يېزىلارنىڭ بىرى بولغان xx يېزىسىغا بېرىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن كاتتىۋاشلار (يېزا باشلىقى، يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى) ھەققىدە پىكىر ئالدۇق، بۇ خىزمەتتە ھەم «دېموكراتىيە» نى تولۇق يۈرگۈزدۇق…

    ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ۋارقىرايمەن:

    - كىرسۇن!

    تەققى- تۇرقى قاملاشقان، 30 ياشلار ئەتراپىدىكى بىرى كىردى.

    - نەدە ئىشلەيسەن … ئىسمىڭىز نېمە؟

    ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن تەمتىرەپ قالدىم، گەپلىرىم ھەم قولاشماي قالدى.

    - xx پونكىتىدا ئىشلەيمەن، ئىسمىم xx

    - ھە، xx سېكرىتارنىڭ خىزمەتلىرىگە قارىتا قانداق پىكىرلىرىڭىز بار؟ كەڭ- كۇشادە ئوتتۇرىغا قويۇڭ، بىز سىزنىڭ مەخپىيەتلىكىڭىزنى ساقلايمىز.

    … xx – سېكرىتار … خىزمەتلەرنى بەك… بەك… ياخشى ئىشلەيدۇ، ئىشچى- خىزمەت … چىلەرگە كۆيۈنىدۇ، مەن xx پونكىتىدا ئىشلىگەچكە (يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدە ئىشلىمىگەچكە) مۇشۇنچىلىك سۆزلىيەلەيمەن …

    ئۇ ئۈزۈپ – ئۈزۈپ سۆزلەيتتى، ئىشخانىغا كىرگەندىكى دادىللىقى كۆرۈنمەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ كۆڭلىدىكىنى «تولۇق سۆزلەپ»، دېموكراتىيىنى «تولۇق جارى قىلدۇرۇپ» ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى …

    ئاقىۋەت، بىز بۇ خىزمەتنى «تولۇق»، «غەلىبىلىك» تاماملاپ قايتىپ كەلدۇق …

    ماشىنىدا ئەللەيلىنىپ كېلىۋاتىمىز، قۇلاق تۈۋىمدە ئىشخانا سىرتىدىكى ئاۋازلار ياڭرايدۇ:

    - «ئۆتكەن ھەپتە xx سېكرىتارغا بەش ئۆيلۈك جەگە ئەكىرىپ بەردىم … »



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    无觅相关文章插件,快速提升流量