بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 22-04-2012 | خەتكۈشلەر: بالىلار ، مەدەنىيەت
ئۆزىدىن چوڭ كىتاب سومكىسىنى كۆتۈرۈۋالغان، تاپشۇرۇقىنىڭ كۆپلىكىدىن كىتابىنىڭ ئۈستىگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالىدىغان قىزىمغا ھەر بىر قارىسام تۈگىمەس ئويلارغا چۆكىمەن…
- خاتىرەمدىن
بىر ئەسىر مۇقەددەم، جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى، قاتتىق سۆڭەك يازغۇچى لۇشۈن ئەپەندى «بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى» دەپ ۋارقىرىغان ئىكەن، بىر ئەسىر كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە مەن ۋارقىراۋاتىمەن. بىر ئۇلۇغ خەنزۇ يازغۇچى ۋە بىر ئاددىي ئۇيغۇر پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى دەۋردە ئوخشاش بىر مۇراجىئەتنى ئوتتۇرىغا تاشلاۋاتىمىز.
خوش، لۇشۈن ئەپەندى نېمىشقا ئۇنداق ۋارقىرايدۇ؟ ئۇنىڭغا يەنىلا لۇشۈن ئەپەندى ئەسەرلىرى ئارقىلىق جاۋاب بەرسۇن. مېنىڭ ۋارقىراش سەۋەبىمنى بۇ يازمىدىن بىلىڭ.
سىزنىڭ مەكتەپتە، بولۇپمۇ باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان پەرزەنتلىرىڭىز، ئىنى-سىڭىللىرىڭىز بارمۇ؟ مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كىرگىنىدە ئۇلارنىڭ خۇددى ساپان سۆرىگەندەك ھاسىراپ كەتكەنلىكىگە، نۇرسىز كۆزلىرىنىڭ پىلىلداپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلغانسىزمۇ؟ ئەتىگىنى ئويغاتقىنىڭىزدا بەڭ چەككەنلەردەك ساڭگىلاپ كەتكەن چىرايلىرىغا قاراپ نېمىلەرنى ئويلىغانسىز؟!
بىز باشلانغۇچنى بىرلا سومكا بىلەن پۈتتۈرگەن ئىدۇق. تاغقا ياماشقانلىرىمىزدا، دەرەخلەردىكى، تام كامارلىرىدىكى قۇشقاچ ئۇۋىلىرىنى بۇزغان چاغلىرىمىزدا، چانىلىرىمىزنى قولتۇقلاپ، مۇزلۇق ئىزدەپ مەھەللە كېزىپ يۈرگەنلىرىمىزدە شۇ سومكا ئۆشنىمىزدە بار ئىدى.
ئەپسۇس، بالىلىرىمىز ئۇنداق ئويۇنلاردىن يىراق، ئوينىغۇسى بولسىمۇ يۈدۈۋالغان سومكىسىنىڭ، ياق سومكا ئەمەس، «زۇلۇم»نىڭ ئېغىرلىقىدىن ئويۇننى خىيالىغا كەلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇدۇل مەكتەپكە بارىدۇ، ئۇدۇل قايتىدۇ. بىچارە بالىلار پايلىغان بۇ زۇلۇمغا ئاۋۇ تىلسىز سومكا پايلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ دۈمبىسىدە سومكا يىرتىدىغان خىسلەت بارمۇ يا؟! بار، ئاشۇ ئېغىر كىتابلار، يىل بويى بىرەر قېتىم ۋاراقلاپ قويۇلمايدىغان ئاتالمىش «پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى» بالىلىرىمىزنىڭ ئۆشنىسىگە سانجىلىپ، ئۇلارنى بارغانسېرى يەر تامان بېسىپ مېڭىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ يۇمران بەدەنلىرىنى، سومكىسىنى كۆرۈنمەس چىشلىرى بىلەن غاجاۋاتىدۇ. بۇ ھالدا بالىلىرىمىزنىڭ يىلدا 2-3 سومكا ئالماشتۇرۇشىغا، ھەتتا بەزى بالىلارنىڭ چاقلىق سومكا ئىشلىتىشىگە ھەيران قېلىشىنىڭ ئورنى يوق.
بەزىدە مەكتەپتىن يانغانلىرىدا قىزلىرىمنىڭ سومكىسىنى مەن كۆتۈرۈپ قالىمەن، بىردەم مېڭىشىمغا مۈرىلىرىم ئاغرىشقا باشلايدۇ. سومكا (قىزلىرىمغا بالا-قازادەك كۆرۈنىدىغان شۇ سومكا) مۈرىسىدىن چۈشكەن قىزلىرىم تايچاقتەك تاقلاپ ماڭىدۇ. بۇنى كۆرۈپ مۈرىلىرىمنىڭ ئاغرىقى ئېسىمدىن چىقىدۇ.
ماڭا-پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەركەككە ئېغىر كەلگەن سومكا ئۆسمۈرلۈك يېشىدىكى شۇ نارەسىدىلەرگە ئېغىر كەلمىسە-ھە!؟
بەلكىم «كېيىنكى ئىستىقبال ئۈچۈن، جاپا چېكىشكە ئەرزىيدۇ» دەر بەزىلەر. توغرا، ئەرزىيدۇ، لېكىن بىھۇدە، نىشانسىز جاپا چېكىش زۆرۈرمۇ؟ بالىلارنى ئورۇنسىز قىيناپ، ئۇلارنى مەكتەپ دېسە بېشى ئاغرىيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش زۆرۈرمۇ زادى؟
ئەتراپىڭىزدا ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن، ئاللاھنىڭ شاراپىتى بىلەن شۇ دوزاختىن قۇتۇلۇپ چىققان مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار بارمۇ؟ بولسا شۇ بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ مەكتەپتىن زېرىكىپ، گاڭگىراپ تۇرغان شۇ بالىلارنىڭ ئادەم سودىگەرلىرىنىڭ قارمىقىغا ناھايىتى ئاسانلا ئىلىنىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، ئاۋۇ گېپىڭىزنىڭ ئاساسسىز بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغانسىزمۇ؟
مەنمۇ پۈتتۈرگەن شۇ باشلانغۇچنى، سومكامدا بارى-يوقى 4 كىتاب، نەچچە تال دەپتەر، 1-2 تال قېرىنداش، بىرەر يېرىم نان. بارى-يوقى شۇ. باشلانغۇچتىن تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئاجايىپ ئوقۇغان. بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرىدا مەكتەپ بويىچە 1-بولۇپ ئوقۇغانمەن. ھەتتا ماتېماتىكا دەرسىدە مۇئەللىم بىلەن بىر مەسىلىنى تالىشىپ قېلىپ، مېنىڭ توغرا چىقىپ مۇئەللىمنى ئىزاغا قويغانمەن. شۇ سەۋەبلىك ئۆمرۈمدە تۇنجى ۋە ئاخىرىقى قېتىم مۇئەللىمدىن تاياق يىگەنمەن؛ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندە ئىمتىھانسىز چاقىرىق كەلسە، «كۆتەر ئۇ چاقىرىقىڭنى، ئۆزۈم ئىمتىھان بېرىپ، خالىغان مەكتەپتە ئوقۇيمەن» دەپ، ئوقۇتقۇچىلىرىمنى، ساۋاقداشلىرىمنى ھەيران قالدۇرغانمەن.
شۇنداق، مەن شۇ تۆت تال كىتاب بىلەن باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن، لېكىن دۆت بولۇپ قالمىغانمەن. ئەمدىلىكتە، بالىلىرىمىز ئەنە شۇ بىر دۆۋە كىتاب ئىچىدە ئوقۇسا ئەقىللىق بولۇپ چىقىدۇ، دەيدىغان ئىش بارمۇ؟
يازما بوسۇغىسىدىكى سۆز خاتىرەمگە 2009-يىلى يېزىلغان ئىدى. ئۈچ يىلدىن بېرى ئەھۋال ئېغىرلاشسا ئېغىرلاشتىكى يېنىكلىمىدى.
ئالدىنقى قېتىم «كۆڭۈلدىكى سۆز» پىروگراممىسىدىمۇ مۇشۇ ھەقتە سۆھبەت بولۇندى. ھەممىسى ئۇ-بۇ دېدىيۇ، جىڭ باسقۇدەك چارە تېپىپ چىقىلمىدى.
ئەمەلدار ياكى باي بولمىسا گېپى ئاقمايدىغان بۇ زاماندا، ئېنىقكى مەنمۇ چارە تېپىپ چىقالمايمەن. چۈنكى، مەن قولىنى شىلتىسا مىليون تۆكۈلىدىغان باي ئەمەس، ياكى پىچىقى كېسىدىغان باشلىق ئەمەس، بەلكى، ئالەمدىن ئۆتكىلى 27 يىل بولغان ئاددىي دېھقاننىڭ پەرزەنتىمەن.
ئەمسە قولۇمدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغان نانقېپى تۇرۇپ، بۇ يازمىنى نېمىشقا يازىمەن؟
چۈنكى، مېنىڭ پەرزەنتىم بار. بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەننىڭ ھەم شۇنداق. شۇڭا بىرلىكتە چارە تېپىپ چىقساق، ئەمەلىيلەشتۈرسەك دەيمەن؛ شۇ بالىلار كۈلۈپ ياشىسا، بەردەم، يۈرەكلىك چوڭ بولسا دەيمەن.
بالىلىرىمىزنى ئوقۇشتىن چىقىرىۋالامدۇق ياكى باشقا ئوبدان چارە بارمۇ؟ قېنى ئورتاقلىشايلى.
تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: سۈرەت سۆزلىسۇن، سىزمۇ ھەم (2)
ۋاقتى: 2012-يىلى 24-ئاپرېل 17:21
ئوقۇتمىساساۋاتسىز قالارمۇ دىگەن ئوقۇتسا ئۆگەنگەندىن جاپاسى ئارتىپ كەتكەن!
ھەتتا ئاتالمىش ئالىي ئوقۇللاردا يۈرۈپ ساۋاتسىز كەلگەن(ئويناپ ئوقۇماي نەتىجىسىز،ناننى ھارام يەپ)مائارىپ تۈزۈلمىسىدە چاتاق بارمۇيا؟ چاتاق ئوقۇغۇچىلاردىمۇ؟
ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ دەپ ئۆتىدىغان ئوخشايمىز!
ۋاقتى: 2012-يىلى 26-ئاپرېل 12:09
بۇ مەسىلىنى خەنزۇلارمۇ ئوخشاشلا ئوتتۇرغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ، مائارىپتا ئاۋامنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش ئاساسىي ئۇرۇندا ئەمەس، سىياسەتۋازلارنىڭ بۇنداق سادالارغا قۇلاق سالىدىغانغا چولىسى يوق.چۈنكى، ئۇلار بالىلارنىڭ بۇ خىل قسىلچىلىقلىرىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان.شۇڭلاشقا ھېس قىلىپمۇ يىتەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە سومكا قانچە ئېغىر بولسا، شۇنچە ساپالىق ئوقۇغۇچىلار چىقىدۇ، دەپ قارىشى ئېھتىمالغا يېقىن.
ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ماي 03:24
تۇيۇقسىز سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزغا كۆزۈم چۈشتى ھەمدە شۇ يازمىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى تەشنا بولدۇم،
نىمە ئۈچۈن دىسىڭىز مەن شۇ ئەمدىلا خىزمەتكە چىققان ئوقۇتقۇچى، مەن شۇ يېزىدا ئىشلەيمەن،مىنىڭ ئۇلارنى بىرنىمە دىگىنىم ئەمەس چۈنكى مىنىڭ دادام ۋە مىنىڭ ئاناممۇ شۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئاندىن باشقا مەكتەپكە ئۆتۈپ ھازىرقى خىزمىتىدىن شۇغۇللىنىپتىكەن،ئەممە سىىز بىلمەسلىكىڭىز مومكىن بىزنىڭ بۇيەردە نىمە دىسىڭىز بالىلارنى مەكتەپكە بەرمەسلىك،بالىلارنى مەكتەپكە بەرسىمۇ ئوقۇغۇچلار مەكتەپكە كەلمەسلك،كەلسە دەرس ئاڭلىماسلىق،ئاددسى ئوقۇتقۇچىنى كۆزگە ئىلماسلق ئىشى ناھاتىيى ئېغىر نىمە دەي؟ كەسپىمدىن پۇشايمان قىلايمۇ؟ نىمىلا دىگەن بىلەن ئۆز مىللىتىمىزنڭ كەلگۈسى ئەمما ئۇلارغا ئۇنداقگەپلەر….ھەي ئويلاپ قالدىم بىزنىڭ شۇ كەلگۈسىمىز زادىلا شۇ ‹‹يەر››دىن چىقماي كۈن كۆچۈرەر مۇ؟ ئۇلارنىڭ كەلگۈسى نەگە بېرىپ نەدە توختا……
ئاتا-ئانا بولغان شۇلار شۇ ‹‹يەر››نى دەپ..ھەي قىززىپ قالىدغان چىراي بولدى سىزنىڭ يازمىڭىزغا ‹تەپكەندەك›بولماي ،راستىننى ئېيتسام بىز دە زادى نىمە كام؟
ۋاقتى: 2012-يىلى 11-ماي 18:35
يەرگە ئۇرۇق سالغۇچى دىھقان،ئۇنى پەرۋىش قىلىپ ھوسۇلىنى سالغۇچىمۇ دىھقان!
سىز تېرىغان زىرائەت بىلەن ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ بىللە ئۈنۈشى تەبئىي، قالغىنى ئۆزىڭىزگە باغلىق!يېڭى باشلىغاندا ئۇنداق ياكى مۇنداق پىشكەللىكلەرگە ئۇچراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما نىشان ئېنىق بولسىلا، يولىڭىزدا قانچىلىك توسالغۇ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،چوقۇم ئاخىرقى پەللىگە يېتىشىڭىز كېرەك!