بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ماقالە/يازمىلار > قىسمەتنىڭ تاققا-تۇققا پاراڭلىرى (1)

    قىسمەتنىڭ تاققا-تۇققا پاراڭلىرى (1)

    يېقىندىن بېرى شىركەت ئاچىمەن، شىركەتنى ماڭغۇزىمەن دەپ چېپىپ يۈرۈپ، ئەسلىدىنلا يوق چېچىم تېخىمۇ ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئابدۇللاكامنىڭ سوپۇنىنى چاچقا پايدا قىلىدۇ دەپ ئىشلىتىپ يۈرسەم، ماۋۇ يەردە بىرسى «ساختا سوپۇن» دېمەسما، تاس قالدىم ئاغزىغا سالغىلى.

    «ساختا» دېگەن گەپ چىقسىلا، باشلانغۇچتىكى چېغىمىزدا شوشاڭبىن (بىز شۇنداق ئاتىۋالىدىغان بىر خىل شاپتۇل ئىچىملىكى) ئىچىپ، ئۆزىمىزچە مەس بولۇپ قالدۇق دەپ، ئۆيگە كىرەلمىگىنىمىز ئېسىمگە كېلىدۇ.

    دۆلىتىمىزنىڭ كلاسسىك ئەسىرى «غەربكە ساياھەت» كە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ھەييار سۈن مايمۇن ئىككى بولۇپ قېلىپ، سەن ساختا، مەن راسىت دەپ تالىشىدۇ.

    قارىغاندا بۇ ساختا دېگەن نەرسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ئوخشايدۇ-ھە؟!

    ھېلىمۇ دۆلەتتىن نۇرغۇن مەبلەغ، ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ ساختىغا زەربە بېرىۋاتقىنى. بولمىسا ساختا بولمىغان نېمە قالاتتىكىن تاڭ؟!

    «بۇ ئىشنى مىللەت ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن» دېگەن گەپنى جىق ئاڭلايمەن. ئاڭلىساملا ئاچچىقىم كېلىدۇ. قۇرۇق گەپ قىلماۋاي، قوي، ئۇ 50-60-يىللارنىڭ مودا گېپىنى. ئاۋال جېنىڭنى ئوبدان باق. باشقىلارغا يۆلىنىۋالماي، جەمئىيەتكە بېسىم چۈشۈرمەي ياشىغىنىڭنىڭ ئۆزى مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن ئىش قىلغىنىڭ. مىللەت، ۋەتەن ساڭا ئەمەس، سەن مىللەت ، ۋەتەنگە مۇھتاج. ۋەتەنسىزنىڭ ۋەتەنگە تۆھپە قوشقىنىنى نەدە كۆرگەنسەن؟ قىزىق گەپ قىلىدىغان بالىكەن بۇ!…

    مىللىتىمىزنىڭ ئىللەتلىرى دېيىش تېخىمۇ قىزىق گەپ. دۇنيادا ئىللىتى يوق كىشى، كىشىسى يوق مىللەتمۇ بارمۇ؟ ئىللەت دېگەن مىللەتتە ئەمەس، مىللەتنىڭ ئەزالىرى بولمىش ھەرقايسىمىزدەك قارا كۆزلەردە بولىدۇ ئەسلى.

    بىر بلوگدا ئىچكىرىدىكى بىر كاۋاپچىنىڭ سىن خاتىرىسىنى يوللاپ، ھەممىسى تىللاشقا چۈشۈپتۇ.

    - ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى تۆكۈپتۇ!

    - كانۋاي كۆينەك، ساقال قويىۋېلىپ، قاش ئېتىشلىرىنى قارا!

    نېمە ئىشتۇ دەپ كۆرۈپ باقتىم. بىر بالا كاۋاپ پىشۇرۇۋېتىپتۇ، يەنە بىر بالا كانۋاي كۆينەك، يارىشىملىق ساقال بىلەن ناخشا ئېيتىپ خېرىدار چاقىرىۋېتىپتۇ. ئۇھ دېدىم. ھېلىمۇ ئوغرىلىق قىلماپتۇ. بىزدەك قېرىنداشلىرىنى ساتماپتۇ.

    ئىچكىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ توغرا يولدا جان بېقىش ئۈچۈن قانچىلىك جاپالارغا دۇچ كېلىدىغىنىنى مانا مەن ئوبدان بىلىمەن. ئەگەر ئاۋۇ بالا غەيرى يوللار بىلەن جان باقاي دېگەن بولسا ئىدى، ئاسان ئىدى. لېكىن ئىمانى، غۇرۇرى بار بالىكەن.

    دەيمەن-دە، يەنە نېمە گەپ ئەمدى؟!

    ماۋۇ يەردە بىر بالا «خوجانىياز ھاجى مۇناپىق، ئۇ سابىت داموللىنى شېڭ شىسەيگە تۇتۇپ بەرگەن» دەپ تىللىغىلى تۇرۇپتۇ. ئەگەر «1930-يىللاردا مەن ياشىغان بولسام قانداق قىلاتتىم، ھاجىدەك جەڭ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، جەڭچىلەرنىڭ ئېتىنى يېتىلەش نېسىپ بولارمىدى؟» دېگەننى ئويلاپ قويماپتۇ. شۇ دەۋردىكى رېئاللىقنىڭ خوجانىياز ھاجىنى تارىخىي سەھنىگە چىقىرىپ قويغانلىقىنى، بۇ زېمىننىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قىمار سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، خوجانىياز ھاجىنىڭ ئورنىدا كىملا بولسۇن، چوقۇم يېڭىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قويماپتۇ.

    بىر مەشھۇرىمىز ماقالىسىدە «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ماۋۇ قاراشلىرى ماركسىزمغا ئۇيغۇن، ماۋۇ ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ يېزىپتىكەن. دەۋر ئاتلاپ مۇلاھىزە قىلىدىغان، زامان ئىلگىرىكى ئىشلارغا ھازىرقى كۆزى بىلەن قارايدىغانلار ئاۋۇپ قاپتۇ دېسە.

    قانداق قىلىمىز ئەمدى، ھازىر دېگەن بالا ئاتا-ئانىغا يول كۆرسىتىدىغان تۇرسا …

    تولۇق ئوتتۇرىدا قاراخانىيلار ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ۋاقتىمىزدا، ساۋاقداشلار ئارا «شۇ دەۋردە ياشاپ قالغان بولساق-ھە!» دېيىشىپ ھاياجانلىق سۆزلەشكىنىمىز يادىمدا. ئوقۇتقۇچىمىز جىددى تەرزدە «قۇرۇق گەپ قىلىشما، يەنە شۇ پېتى ياشىشاتتىڭ: سەن دېھقاننىڭ بالىسى، سەن ئەمەلدارنىڭ بالىسى بولۇپ، باشقا ئىش يوق» دەپ، بىزنى جىملاپ قويغان ئىدى.

    ماقۇل ئەمسە، مەن ئىشىمنى قىلاي…



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#
      ئو.تۇرپان

      :shock:

    • 2#

      «بۇ ئىشنى مىللەت ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن» دېگەن گەپنى جىق ئاڭلايمەن. ئاڭلىساملا ئاچچىقىم كېلىدۇ. قۇرۇق گەپ قىلماۋاي، قوي، ئۇ 50-60-يىللارنىڭ مودا گېپىنى. ئاۋال جېنىڭنى ئوبدان باق. باشقىلارغا يۆلىنىۋالماي، جەمئىيەتكە بېسىم چۈشۈرمەي ياشىغىنىڭنىڭ ئۆزى مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن ئىش قىلغىنىڭ. مىللەت، ۋەتەن ساڭا ئەمەس، سەن مىللەت ، ۋەتەنگە مۇھتاج. ۋەتەنسىزنىڭ ۋەتەنگە تۆھپە قوشقىنىنى نەدە كۆرگەنسەن؟ قىزىق گەپ قىلىدىغان بالىكەن بۇ!…

      ماۋۇ گەپ جېنى بار، ئۇچۇق-ئاشكارا، شېكەر يالىتىلمىغان گەپ بوپتۇ!

    • 3#

      قىسمەتكامنىڭ مۇشۇ تاققا تۇققا پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق جۇمۇ مەن، خېلى خېلى ئوڭ سۆزلەيدىغانلارنىڭ سۆزلىرىدىنمۇ مەزمۇنلۇق سۆزلەر بار، تاققا-تۇققىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن :|

    • 4#

      «ئاQ نىڭ غەيرى رەسمىي تەرجىمىھالى» دىنمۇ قىززىق چىقىپتۇ! :|

    • 5#
      ئەركىن

      ناھايىتى تۇتامى بار گەپ قىلىپسىز جۇمۇ! زادى ھاممەيلەن ئۆزىمىز ئۈچۈن تۇرمۇش كەچۈرسەك، ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرسەك شۇنىڭ ئۆزى بىر مىللەتكە ياردەم بەرگەنلىك ئەمەسمۇ؟

    无觅相关文章插件,快速提升流量