ئوتتۇرا شەرق ياكى ئەرەب توغرىسىدا گەپ بولۇنسىلا مۇنداق ئىككى مۇھىم سۆز چوقۇم تىلغا ئېلىنىدۇ، بىرىنچىسى نېفىت، ئىككىنچىسى ئىسرائىلىيە. نېفىت ۋە ئىسرائىلىيە توغرىسىدا گەپ قىلماي تۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق ياكى ئەرەب مىللىتى دۇچ كەلگەن مەسىلىنى تەھلىل قىلغىلى بولمايدۇ. نېمە ئۈچۈن نېفىت ۋە ئىسرائىلىيە بۇ رايوندىكى ھالقىلىق سۆز بولۇپ قالىدۇ؟
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن بايلىق بولۇپمۇ نېفىت زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى. مول نېفىتنىڭ ئوتتۇرا شەرققە جايلىشىشى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ يەرشارىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى زور دەرىجىدە ئاشتى. شۇنداقلا تەرەققىي قىلغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنپەئەتى مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلىشىپ، خەلقئارادا ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋەزىيەت مۇشۇ رايوندا شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇشۇ رايوندا ياشاۋاتقان، مول نېفىتنى بېسىپ ياتقان ئەرەبلەر ۋە ئۇلار تەشكىللىگەن ھاكىمىيەت كۈچلۈكلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ نىشانى بولۇپ قالدى. بۇ زېمىندىكى مول بايلىق ۋە بايلىق تەقسىماتىنى كۈچلۈكلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە تەقسىملەش ئۈچۈن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قاتتىق ئازاب ئوقۇبەت تارتقان يەھۇدىيلارغا ئەرەب زېمىنىدىن دۆلەت قۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيە دۆلىتى مەيدانغا كەلدى. بەش قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پۈتۈنلەي ئەرەبلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىپ، 60 يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتىكى پۈتۈن زىددىيەتنىڭ تۈگۈنى نېفىت ۋە ئىسرائىلىيەدىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتى.
ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى باشتىن ئاياق كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان زور ئىقتىسادىي، سىياسىي گەۋدە ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن غەلىبىلىك ھالدا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ كەلدى. مۇشۇ جەرياندا ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكىنى قوللايدىغان، ئامېرىكىغا قارشى تۇرىدىغان ۋە مۆتىدىل ئۈچ خىل كۈچ بارلىققا كەلدى. بىراق ئەزەلدىن دېموكراتىيىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ باش قېتىنچىلىقى ئېغىر بولدى. چۈنكى ئامېرىكىنى قوللايدىغان كۈچلەر دېموكراتىيىنى ياخشى كۆرمەيدىغان مۇستەبىتلەر، ئامېرىكىغا قارشى تۇرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى دېموكراتىيىنى ياقلايدىغانلار (بازا تەشكىلاتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلار بۇنىڭ سىرتىدا) …
22 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان ئەرەب دۆلەتلەر ئىتتىپاقى يەنە مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئەرەبلەر تەشكىللىگەن ھاكىمىيەت بىر كۈنمۇ تىنچ ئۆتكىنى يوق. 50-يىللاردىكى مىسىر، لىۋىيە، 70-80-يىللاردىكى ئىراق ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى شىمالى ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب ئەللىرى بىر بولسا ئىچكى نىزا بىر بولسا سىرتقى نىزا تۈپەيلى جودا-ماجىرادىن قۇتۇلغىنى يوق. ئىچكى قىسىمدىكى مەزھەپ ۋە مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى نىزا، سىرتقى قىسىمدىكى كۈچلەرنىڭ تەسىرىدە يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىش ئەرەب ئەللىرىگە تىنچلىق ئېلىپ كەلمىدى .شۇنداقلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى كىشىلەر ھەممە كىشىنى ياكى كۆپىنچە كىشىلەرنى رازى قىلغۇدەك، سىياسەت تەدبىر تۈزەلمىدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى كىشىلەرنىڭ ئالدى قىرىق يىل كەينى نەچچە ئون يىل تەختتە ئولتۇرغان بولسىمۇ مۇستەبىتلىك، چىرىكلىك، ئادالەتسىزلىكنى تۈگىتەلمىدى. ئۇلار مەزھەپ، مىللەت، گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلماي، ھەرقانداق قارشى پىكىردىكىلەرنى قورال كۈچى ئارقىلىق بېسىقتۇرۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئاجىز نىداسىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. ئۇلار تەشكىللىگەن ھاكىمىيەت ھوقۇق دادىسىدىن بالىسىغا ياكى جەمەتىگە قالىدىغان ياكى بولمىسا ئارمىيە تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان ھاكىمىيەتتىن قۇتۇلالمىدى. پەقەت بايلىقنى سېتىپ ئۆزى ۋە جەمەتى بېيىپ، كەڭ خەلق ئادالەتسىزلىككە ئۇچرايدىغان تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتمىدى ۋە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنمىدى .
دەۋر تەرەققىي قىلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى مۇستەبىتلەرنىڭ قىلمىشىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ئەرەب خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپ بەزىلىرى تەختتىن چۈشكەن بولسا بەزىلىرى چۈشۈش ئالدىدا، بەزىلىرى جەڭ ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. نېفىتى بار ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى خەلق نامايىش قىلىپ ھاكىمىيەتكە قارشى چىقسا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى مۇستەبىتلەر بۇ ۋەقەنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب نېفىتنى بۇلىماقچى دەپ ۋەز ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى، مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئامال قىلىپ پەردازلاپ يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ . توغرا ئۇلار نېفىت ئۈچۈن كەلدى، ئۇلار ھامان كەلمەكچى ئىدى، بىراق بۇنىڭ سەۋەبىنى بۇ مۇستەبىتلەر شۇنچە يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ تۇرۇپمۇ ئۇلارنىڭ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىغىنى، تەدبىر كۆرمىگەنلىكىدىن كۆرۈش كېرەك. نېفىتى يوق ئەرەب ئەللىرىدىكى خەلق ئۆكتە قوپسا، خرىستىئانلار ئىسلامغا قارشى چىقماقچى، خرىستىئان دۆلەتلىرى ئىسلام دۆلەتلىرىنى ۋەيران قىلماقچى دەپ ۋەز ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى. قانداقتۇر بىر يەھۇدىيلار تۈزىگەن «مەسىھ پىلانى» دېگەندەك سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبنى يەھۇدىيدىن ياكى غەربتىن كۆرۈدىغان غەلىتە پىكىر ئېقىمىنى پەيدا قىلىپ كەلدى.
ئىسرائىلىيىنى قورشاپ زىمىن تۈزگەن ئەرەپلەرنىڭ ئىسرائىلىيىگە بوزەك بولۇۋاتقانلىقىنى ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ. بەزىلەر ئىسرائىليىگە ئامىرىكا ياردەم بېرىۋاتسا دەر ھەقاچان. مۇبادا بۇ يارىماس ئەرەپ دۆلەتلىرى قۇمدەك چېچىلماي، ئىناق، ئەپ ياشىغان بولسا، ئىچىدىن ئۇيۇشۇپ ياشىغان بۇ دۆلەتلەرگە ئىسرائىلىينىڭ ئالىيىپ قارىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ھەتتا ئامىرىكا ياردەم بەرگەن ھالەتتىمۇ ….
2011/03/25
بىزنىڭ ھازىرقى ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىمىزدىكى سەۋەب دەل بىزنىڭ چېچىلاڭغۇلىقىمىزدا دەيدۇ بىر كىنودا، دېمىسىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى ئامېرىكا كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ، ئەمما مېنىڭچىمۇ دەل ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە ھاكىمىيەت ئۆستىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى، خەلقنىڭ چېچىلاڭغۇلىقى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ بۈگۈنكى مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ تۈپكى سەۋەبى، ئامېرىكا پەقەت ئۇ رەھبەرلەرنىڭ ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندە ئارتىپ قويىدىغان باھانىسى بولۇپ قالدى، جاھان ۋەزىيىتىگە سەپسالىدىغان بولساق دۇنيانىڭ ئۇ چېتى بىلەن بۇ چېتىدىكى غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ تىلى، ھەرىكىتى بىردەك بولىدۇيۇ، ئەمما گىرەلىشىپ تۇرىۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ئىختىلاپ كۆپ
2011/03/27
بۇ يىل كىرگەندىن بىرى ئەرەپلەرنىڭ زىمىنىغا ئوت كەتتى.
مىسىر، لىۋىيە، سۇدان، لىۋان، سەئۇدى ئەرەبىستانلار پاتقاققا بارغانسىرى پېتىۋاتىدۇ …
2011/06/09