بۇنىڭدىن ئۈچ يىل مۇقەددەم بىر ماقالەم جىددىي لازىم بولدى. كىتاب ئىشكاپىمنى، تور بەتلەرنى ئىزدەپ قېزىۋەتتىم، ماقالە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىدى.
قارىغاندا ئۇ ماقالەمنى توغرا يوللىمىغان بولسام كېرەك، ياكى يوللىغان بولساممۇ، ئۆچۈرۈۋېتىلدىمۇ بىلمىدىم. ئۆزۈمنىڭ خاس يازما يازىدىغان ئورنى بولغان بولسا ئۇنداق بولماس ئىدى دەپ ئويلىدىم، خەپ دەپقالدىم.
شۇ ۋاقىتتا بىر نەچچە ئوتيۈرەك بىلوگ يېزىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى، ھەتتا كومپيۇتېرنى مەندىن ئۆگەنگەن ئىنىممۇ بىلوگ ئويناپ، نام چىقىرىپ يۈرگەن ئىدى. ئۆزۈم كەسپىي كومپيۇتېر خادىمى تۇرۇپمۇ، نېمىشقىدۇر بۇ ئىشقا قىزىقىپ كەتمەپتىمەن.
شۇنداق قىلىپ، بىلوگ ئاچماقچى بولدۇم. لېكىن، بىلوگقا قايسى نامنى قوللىنىش ئىشىدا بېشىم خېلى قاتتى.
بېشىمدىن كۆپ ئىش ئۆتكەن، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىرىغا قۇرداشلىرىمغا قارىغاندا كۆپرەك يولۇققان ئىدىم. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، توردا ئىلگىرى قوللىنىپ كەلگەن بارلىق ئىسىملىرىنى تەرك ئېتىپ، «قىسمەت» دېگەن نامنى قوللانماقچى بولدۇم، بىلوگ نامىغا شۇنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم.
بىر نەچچە كۈنلۈك تەييارلىقتىن كېيىن (2009-يىلى 2-ئاينىڭ 10–كۈنى، سەيشەنبە)، qismet.blogbus.com نامىدا بىلوگ قۇرۇۋالدىم.
بىلوگ قۇرۇش مەقسىتىم تۆۋەندىكىدەك ئىدى:
قىسمەت تور مەھەللىسى-تارىخ، مەدەنىيەت، تىلشۇناسلىق، ئىجتىمائىيەت، كومپيۇتېر بىلىملىرى ۋە باشقا مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ.
سىز كۆرۈۋاتقان بۇ تور مەھەللىسىنىڭ روياپقا چىقىشىنى سۆزلىسەم، بىر پاتمان گەپ بولىدۇ. گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دېسەم، ئۇزۇندىن بېرى خاتىرىلىرىمگە، تور بەتلەرگە، گېزىت-ژۇرناللارغا بىر نەرسىلەرنى يېزىپ يۈرۈپتىمەن، كومپيۇتېردا دەرسلىك تەييارلاپ، ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئۆتۈپ يۈرۈپتىمەن، كومپيۇتېر ساھەسىدە تىرىشىپ-تىرمىشىش جەريانىدا، ئانچە-مۇنچە ئىقتىسادقا ھەم تەشەككۈرلەرگە ئىگە بولۇپتىمەن، خېلى كۆپ تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئېرىشىپتىمەن.
خۇلاسە كالام، بىلىدىغانلىرىمدىن يازغانلىرىم، ئۆگەنگىنىمدىن ئۆگەتكىنىم تولىمۇ ئاز بوپتۇ. نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېزىپتىمەن، ئاللا قەيەرلەردە قېلىپ يۈتۈپتۇ. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپتىمەن، باشقىلارغا بىلدۈرۈپ بولغىچە ئۇنتۇپ ئۈلگۈرۈپتىمەن. شۇنداق قىلىپ، ئىزلىرىم ئۆچكىلى تۇرۇپتۇ. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، چۆچۈپ ئويغاندىم، ئەمدىلىكتە بولسىمۇ كېچىكمەسمەن، دېگەن نىيەتتە، قولۇمنى كۇنۇپكا تاختىسىغا قويدۇم…
بىلوگنى ئېچىۋالدىم. دەسلەپتە، ئۆز يازمىلىرىمنى، تەرجىمە ئەسەرلىرىمنى، ئۆزۈم چوڭ بىلىدىغان بىر نەچچە ئالىمنىڭ ماڭا يارىغان ئەسەرلىرىنى يوللاپ يۈردۈم.
بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئىنى بۇرادىرىم يۈكسەل «قىسمەتكا، باشقىلارنىڭ يازمىلىرىنى باشقا تورلاردىن ئىزدەپ تېپىپ كۆرۈۋالساق، بىلوگلىرى پەقەت ئۆز يازمىلىرى ئارقىلىق زىننەتلەنسە قانداق بولار؟» دەپ ئىنكاس بېرىپ قالدى.
راسىت، مەن بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كەتمەپتىمەن، توغرا، شۇنداق قىلاي دېگەن ئوي بىلەن، ئۆز يازمىلىرىم بىلەنلا بىلوگ ئېچىپ كەلدىم.
بۈگۈنگە كەلگەندە، توردا تونۇشقان بۇ ئىنىم بىلەن رېئاللىقتىمۇ ئاغا-ئىنى بولۇپ، سۈيىمىزدە ئېقىپ، ئوتىمىزدا كۆيۈپ ئۆتۈۋاتىمىز.
«قىسمەت» دېگەن بۇ ئىسىم ماڭا شۇنداق بەك سىڭىپ كەتتىمىكىن تاڭ، يۈكسەل ئىنىم مېنى رېئال تۇرمۇشتىمۇ «قىسمەتكا» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەلقىسسە، بىلوگ قۇرۇلۇپ 5 ئاي بولاي دېگەندە، شىنجاڭنىڭ تورى تاقىلىپ قالدى. بىر يىلدىن كېيىن، تور ئېچىلغان بولسىمۇ، نۇرغۇن ئاقماس سەۋەبلەر بىلەن، بىلوگنى داۋاملاشتۇرۇپ بولالمىدىم.
2011-يىلى يىل بېشىغا كەلگەندە غەيرەتكە كەلدىم بولغاي، نامىدا مۇستەقىل تور نامى ئېلىپ، بىلوگ ئۇسلۇبىغا بىر ئايغا يېقىن ھەپىلىشىپ، بۇ خاس كەپەمنى قايتا ئېچىۋالدىم.
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ، توردا تونۇشقان ئاكا بۇرادىرىم كۆلتېكىنمۇ بۇ سەپكە كىردى، ئىككىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇنى-بۇنى يېزىپ يۈردۇق.
مەن بىلىدىغان بلوگگىرلارنىڭ ئالدى 9-10 قېتىم، كەينى 1-2 قېتىم بىلوگ ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇپ چىقتى. مەن بەك جاھىلمۇ ياكى ئۇسلۇبقا بەك كۆپ كۈچ چىقارغاچ، مېھرىم چۈشۈپ قالدىمۇ بىلمىدىم، شۇ «كونا چاپان» بىلەن بۈگۈنگە قەدەر بىلوگ يېزىپ كەپتىمەن، بەزىدە 2-3 كۈندە بىر، بەزىدە 2-3 ئايدا بىر يازما يازساممۇ، ئىشقىلىپ توختاپ قالماي بۈگۈنگە كەلدىم.
قىسمەت ئاكىمىزنىڭ بلوگى ئاستا يېڭىلىنىدۇ، ئەمما سەرخىل يېڭىلىنىدۇ، ئۇسلۇبىڭىزغا كەلسەك، مۇشۇ ئۇسلۇب سىزگە خاس بولۇپ قاپتۇ، ئالماشتۇرمىغانلىرىمۇ ياخشىمىكىن، مانا مەنمۇ ھازىرغىچە ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇپ باقماپتىمەن، شۇنىڭغا قارىغاندا مېنىڭمۇ ئۆزۈم بىلمەيدىغان جاھىل يەرلىرىم بار ئوخشايدۇ
2012/06/02
سىز يۈز بېرىشىنى قەتئىي خالىمايدىغان بىر ئىش يۈز بېرىپ قالدى، ئەزىز ئىنىم!
«ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» كەمىنىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالدى، كەم بولغاندا 6 قېتىم مېھمان قىلمىسىڭىز، بۇ يىللىق باھالاشتا ئۈزۈپ چىقىمەن دېمەڭ!
2012/06/02
بلوگچىلىق ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى كېلىپ قالغانلىقى چۈشۈمگە ئايان بولغاندەك قىلغان، بىكار ئەمەسكەندە….
2012/06/09
تورغا چىقساملا بىلوگىڭىزنى بىر قېتىم يوقلىماي چۈشمەيمەن. سىز يازمىڭىزدا تىلغا ئالغان كۆلتېگىن ئەپەندىم بىلەن سىزنىڭ يازغان ماقالىلىرىڭىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ھەم ھېس قىلىپ يەتتىم. يازما يېزىشنىڭ بەزى ئۇسۇللىرىنىمۇ سىزدىن ئۆگىنەي دەيمەن،لېكىن دائىم يازغان نەرسىلىرىم ئۇزىراپ ئاخىرىنى يېغىشتۇرالماي قالىمەن.ئاللاھ، قەلىمىڭلارغا ۋە ئۇچۇق تەپەككۇرۇڭلارغا يەنىمۇ كۆپ ئىلھاملار ئاتا قىلغاي!
2012/06/04
مېنىڭ يازما يېزىش ئۇسلۇبىم-ئەدەبىي تۈس كۆپ بولماسلىق بولسا كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن يازمىنى باشقۇرۇۋالماسلىق، رايىغا قويۇپ بېرىش، ئوقۇرمەنگە ئاز-تولا بوشلۇق بېرىشمۇ مېنىڭ ئۇسلۇبىم بولسا كېرەك.
يەنە كېلىپ، كۆلتېكىن بۇرادەر ۋە مەن ھەر ئىككىمىز ئەدەبىيات جەھەتتىن تۈزۈك تەلىم ئالمىغانلار، كاللىمىزغا نېمە كەلسە، پەردازلىماي، شۇ پېتىلا ئوتتۇرىغا تاشلاپ كۆنۈپ قاپتىمىز.
2012/06/04
قىسمەت بىلوگى ئىسمى_جىسمىغا لايىق قىسمەت بىلوگى بولۇپ چىقىپتۇ_بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تەرەققى قىلغۇسى
2012/06/04
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! قىسمەت بلوگى خېلى زامانلاردىن بويان يېڭىلانماي كەلگەن بۈگۈن بلوگ يېڭىلىنىپتۇ ! قارىسام يانفون ئۇسلۇبىمۇ سەپلەنگەندەك. بىزدەك يانفوندازىيارەت قىلىدىغانلارنىمۇ ئويلىشىپسىزدە قارىغاندا؟ بۇمۇ بولغىنى يانفوندا زىيارەت قىلىش قولايلىشىپتۇ! قېنى قانداق قىسمەتلەرنى كۆرىمىزكىن بۇيەردە داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز!
2012/06/05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…..قىسمەت بلوگىدا ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنلار كۆپكەن، ماڭا ئوخشاش بلوگ ساھەسىگە يىڭى كىرگەن بلوگگىرلار كۆپرەك ئۆرنەك ئالسا بولغۇدەك….
2012/06/05
ئۇسلۇبمۇ ھەقىقەتەن ئۆزگىچە چىقىپتۇ…. مەن قىسمەت بلوگىغا كىرە كىرمەيلا ئۇسلۇبنىڭ پاكىز، رەتلىك ، چوڭ سۈپەت چىققانلىقىنى ھىس قىپ بولدۇم… . مەنمۇ قاچان مۇشۇنداق پەيزى ئۇسلۇبغا ئىرىشەرمەنكىن تاڭ…
2012/06/05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىسمەتكا، ھارمىغايلا.
ئازبولسۇن ، ساز بولسۇن دەپتىكەن. «تامچە تامچە ، تاش تېشەر» دەپتىكەن، «تاشنى تەشكەن سۇنىڭ كۈچى ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي تېمىشىمىش»….
سىزمۇ «بەرىكەتلىك ئۇيغۇر» تورىمىزغا مېھمان بۇلۇپ كېتەرسىز.
ئادرىسىمىز : http://beriketlikuyghur.com/
2012/06/12
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئاللاھ خالىسا، ئەزىز ئىنىمىزنى پات-پات يوقلاپ تۇرغايمىز!
2012/06/15
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىسمەتكا،ئۇزۇندا بىر يازما يازىلا لېكىنزە تېتىملىق يازىلا جۇمۇ…خىزمەتلەر ھەقىقەتەن ئالدىراشكەن،گەرچە سىلنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولساممۇ يازمىلىرى ئارقىلىق سىلىنىڭ«قىسمەت»لىرىنى تونۇپ كېلىۋاتىمەن! سالامەتلىكلىرىگە دىققەت قىلسىلا!
2012/06/14
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم، كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە تەساننا!
PS: مېنى كۆرمىگەنلىكىڭىزگە قارىغاندا، TV ، RADIO دېگەنگە يېقىن كەلمەيدىكەنسىز-دە
2012/06/14
قىسمەتكامنىڭ قىسمەتلىرىنى بىلوگباستىكى ۋاقتىمىزدىلا ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ تۇراتتۇق ، ئەمما ئۇ چاغلاردا ئۆزى توغرىسىدا خەۋەر بەمەيتتى ، ئىنكاسلاردىن ئانچە-مۇنچە ئىشلارنى ھېس قىلاتتۇق ، توربېتىمىز ئېچىلىش ئالدىدا قىسمەتكام بىلەن تېلېفونلىشىپ بېقىپتىكەنمىز. ھەش-پەش دىگۈچە ئىككى يىل بولۇپ قاپتۇ . ئۆتكەندە مىكرو بىلوگنى چۈشەندۈرۈپ دەنشىدە چىققاندا تۇنجى قېتىم كۆگەن ، يېقىننىڭ ياغىزى رادىئودا ، گېزىت-ژورناللاردىمۇ خەۋىرىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز .گەرچە يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ تېلېفوندىكى ئاۋازىدىن بەك كەسكىن ، قاتتىق قول تۇيغۇ بەرگەن ماڭا .
قىسمەتكا ، سەھرالىقتىن رەنجىمەڭ ، ئسىمىدىنلا بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. (چاخچاق-ھە)
2012/06/18
ئۇ يەرلەردە كېلىشكەن تەدبىركارنى كۆرىمەن داۋاملىق، سىلىمۇ قابىل سەركەردىلەرنى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ،ئۆزلىرى ئارقا سەپتە يۈرىلا… بۇ تەرەپلىرىنى ئوبدان بىلىمەن
…داۋاملىق كۆكلىسىلە!
2012/06/24
ھەي… قىسمەتكا، ئۇزۇن بولدى بلوگىڭىزنى ئوغۇرلۇقچە ماراپ تۇرغۇلى، تاققا-تۇققا پاراڭلىرىڭىز يوقاپ كەتتىغۇ، ئەتە ئۆگۈن قىسمەت قانداق توختاپ قالدى دەپ بىرەر تېما ئېلان قىلىپ قالماڭ يەنە
2012/06/20
تارىختا «ئاۋال شاھ ئۇيغۇر بىلوگى، ئارقىدىن قىسمەت بىلوگى توختايدۇ» دەپ يېزىلىپتۇ.
2012/06/22
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىسمەت ئەپەندى؟ مۇشۇ يازمىڭىزنى ئىلگىرىمۇ بىر يازغانمۇ قانداق؟ قىسمەتنىڭ قىسمەتلىرىنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلغان ئىدىم. ئەمما يىل ۋاقتىغا قارىسام يېڭى تۇرىدۇ. شۇڭا مەن جاھىللىق بىلەن مۇشۇ يازمىنىڭ ئىلگىرى يېزىلغانلىرى بارغۇ دەپ قايتا – قايتا ئىزدەپ كەتتىم. كۈنلەرمۇ خېلى ئۈتۈپتۇ. ئاخىر ئىنكاس يازماي بولمىدى.
سىزنىڭ يازما يېزىش ئۇسلۇبلىرىڭىزدىن ۋە بلوگنىڭ ئالاھىيدىلىكىدىن، مەنمۇ يازما يېزىش ئۇسلۇبىمنى ئۆزگەرتىش ئويىدا ئىدىم. مەن بلوگىمنى كەسپىمگە ۋە خىزمىتىمگە ماسلاشتۇرغان ھالدا سىياسىي نەزىرەيە، مەدەنىيەت تارىخ ھەققىدىكى تېمىلارنى ئاساس قىلىپ، بىر قىسىم سىياسىي، تارىخىي سىرلارنى يېزىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما بەزى سىرلارنى بىلىشكە بۇلىدىغان، لېكىن تور يۈزىدە ئاشكارلاشقا بولمايدىغان ئىشلار بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ جەھەتتە بىراز توختاپ، يەنە شۇ قۇرۇق نەزەرىيەنى ئاساس قىلىپ قالدىم. ئاللاھ خالىسا بۇ جەھەتتىكى ئويلۇرۇم ۋە پىلانلىرىم ئەمەلگە ئاشقۇسى! تەلىم بەرگەيسىز ۋە يول كۆرسەتكەيسىز؟!
2012/06/21
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالامۇ، تۇران تېكىن بۇرادەر!
قىسمەت بىلوگى قايتا ئېچىلغاندا يېزىلغان يازما بىلەن بۇ يازمىنىڭ بەزى جايلىرى كېسىشىدۇ.
سىزنىڭ قايسى كەسىپتە ئوقۇغانلىقىڭىزنى بىلەلمىدىم، كەمىنە ئىجىر-مىجىر كود بىلەن ھەپىلىشىدىغان، 10-15 يىل ھەپىلەشسىلا كۆزنى كاردىن چىقىرىپ، چاچنى قويمايدىغان بىر كەسىپتە ئوقۇپتىكەنمەن. لېكىن، چوڭ بولغان يۇرتۇم ئۇچتۇرپاننىڭ تارىخىي ئورنى مېنى تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاشقا، تارىخنى قولۇمدىن كەلگەن دائىرىدە قايتا يېزىشقا قىزىقتۇرۇپ قويدى. شۇ كودتىن بىردەم بولسىمۇ نېرى تۇراي دېدىممۇ، بۇ كەپىنى ئىجتىمائىيەت، تارىخ خىشلىرى بىلەن قوپۇرۇپ چىقتىم.
قارىسام، ئىككىمىزنىڭ تارىخ جەھەتتىكى قىزىقىشىمىز ئوخشىشىدىكەن. بەلكىم، تەڭتۇش بولساق كېرەك (كەمىنە بۇ يىل ئاللاھ خالىسا ھاياتىنىڭ 34-كۈزىنى كۈتۈۋالىدۇ).
ھايات ئاجايىپ بولىدىكەن. 10 نەچچە يىل بۇرۇنقى يازغان تارىخىي ماقالىلىرىمنى ھازىر ئوقۇسام، بەزى يەرلىرىگە ئۆزۈممۇ تەئەججۇپلىنىپ قالىمەن. تارىخ دېگەن شۇغۇ: يەڭگەنلەر يېڭىلگەنلەرنىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ.
ئالىنقى قېتىم دېگىنىمدەك، مەن يازما يازسام ئامال بار يېنىك يازىمەن، يازمىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىۋەتمەيمەن، ئوقۇرمەننى ئىچىنى تىڭشاشقا، دوپپىسىنى ئالدىنى ئېلىپ قويۇپ، يازمىنىڭ ئاخىرىنى ھەر كىم ھەر خىل چىقىرىشقا قىستايمەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئەدەبىي تۈسنى ئامال بار كۆپ بەرمەيمەن.
2012/06/22
بىزنىڭ ياش پەرقىمىز خېلى بار ئىكەن. مەن 1987- يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ سىياسى تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرگەن. خىزمەت ھاياتىممۇ 20 يىلدىن ئېشىپ كەتتى. «مەن ھازىر كۆزى ئوچۇق كور، تىلى بار گاچا» ئادەمگە ئوخشاپ قېلىۋاتىمەن. نىمە ئىشلىكىنى بىلمەيمەن، بىر قانچە يىللاردىن بىرى قورسۇقۇم دائىملا ئاغرىپ تۇرىدىغان بۇلۇپ قالدى. بەزىدە تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ كىتىدۇ. بارچە ئادەم يۈرەك كىسىلى بىلەن ئاغرىپ ئۆلۈپ كەتسە، مەن شۇ قورساق ئاغرىقى بىلەن ئۆلۈپ كىتىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلايمەن. قورسۇقىمنىڭ ئاغرىقى تۇتقاندا، قورسۇقىم خۇددى موما خېمىرىدەك كۆپۈپ كىتىدۇ……
2012/06/23
تازا چىڭقىلىپ يەل قويىۋەتسىڭىز ياخشى بولۇپ قالاتتىڭىز، لىكىن بەزىلەر يەلنى باشقىچە پۇرۇۋالمىسىلا مەيلى ئىدى
2013/01/20