سىيىت نوچى
سىيىت نوچى (رولدا: ئابدۇكېرىم ئابلىز)
ماتىتەي (رولدا: يالقۇن قۇربان)
سىيىت نوچىنىڭ ئايالى ھۆسنارخان (رولدا: رۇقىيە ئوبۇلقاسىم)
بىشارەتچى بوۋاي (رولدا: مەمەتجان روزى سايىت)
مەلۇماتچى بەگ (رولدا: مەمەتجان ئابدۇقادىر)
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەردە ئوتتۇرا ئاسىياغىچە نامى تارالغان سىيىت نوچى ئىسىملىك بىر زات ئۆتكەن. تارىخچىلار ئىزچىل تارىخنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان، زامانىمىزدىكى بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە دۆتلۈكنىڭ، ساۋاتسىزلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالغان نوچى ئەينى دەۋردىكى خەلق نەزىرىدە رىۋايەت كەبى ئوبرازى، توغرا سۆزلۈكى، ھەقتىن يانماسلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىپ تۇراتتى.
مېنىڭ ھەممىدىن بەكرەك ئويغا سالىدىغىنى – نوچىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى، ئۆلۈم ئالدىدىكى پوزىتسىيەسى ئىدى. ئۇ قېچىپ كېتىش پۇرسىتى تۇرۇپمۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇش بېرىش ئارقىلىق، نېمىنىدۇر ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك قىلاتتى.
بۇ پۇرسەت شۇ دەۋردىكى ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى تەۋپىق، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق باھادىرلىقتا ھەقدادىغا يەتكەن ئېسىللەرگىمۇ نېسىپ بولغان. ھازىرقى زاماندىكى بەزى قەلەمكەشلەر تەرىپىدىن «سىياسىي ئېڭى يوق»، «مۇناپىقسىمان سۈپەتكە ئىگە» دەپ قارىلىنىۋاتقان بۇ ئوت يۈرەكلەر خۇددى نوچىدەكلا نېمە سەۋەبتىندۇر ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن ئىدى.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى يۇناندا سوقرات ھەزرەتلىرى قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكى ئۈچۈن ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن بولسا، ئىككى مىڭ يىل ئۆتكەن 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى يەر شارىنىڭ بۇ تەرىپىدە يەنە بىر توپ كىشىلەر قەۋمىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىۋاتاتتى…
…
2006-يىلىنىڭ ئاخىرى يىللاردىن بېرى سالام-سەھەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر جۈپ ئاكا-ئۇكىنىڭ سىيىت نوچىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. ئۇلار بىلەن خېلى ئوبدان ھال-مۇڭ بولدۇم. ئۇلار نوچىنىڭ ماڭا مەلۇم بولمىغان نۇرغۇن ئىش-پائالىيەتلىرىنى ھېكايە قىلىپ بېرىشتى. مەن سىيىت نوچى ھەققىدە پوۋېستتەك بىر نەرسە يېزىش ئويۇم بارلىقىنى ئېيتىۋېدىم. ئۇلار يازما ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى.
ئارىدىن بىر ئايچە ۋاقىت ئۆتتى. مەن ماتېرىياللارنى ئېلىۋالماق بولۇپ ئۇلارنى ئۆيىگە باردىم. ئەپسۇس، كونىلارنىڭ «كېيىن قالغان ئىشقا قار ياغىدۇ» دېگىنىدەك بولدىمۇ بىلمىدىم. ئۇلار «ماتېرىيال يوق ئىدى، سىزگە مۇنداقلا دەپ قويغان» دەپ گەپنى كەستى. ئەينى چاغدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ يالغان گەپ، ئۇلاردا ماتېرىيال بارلىقىنى باشقىلاردىنمۇ ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ ئەسلى تارىخنى يوشۇرۇشىغا نېمە سەۋەب بولغاندۇ؟ بىرەرسى ئۇلارغا قورقاق سالدىمۇ؟بۇ ھازىرغىچە سىر.
نەچچە ئايدىن كېيىن كەمىنە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ھىجرەت قىلدىم. ئۇلار بىلەن قايتا پىكىرلىشىش نېسىپ بولمىدى. ئەمما، سىيىت نوچى ھەققىدىكى بۇ ئوت يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا چوغدەك ساقلىنىپ قالدى.
…
ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەزىمەتنى توساتتىن يەنە «ئۇچرىتىپ» قالدىم.
ئەل سۆيگەن سەنئەتكار ئابدۇكېرىم ئابلىز «سىيىت نوچى»نى سەھنىلەشتۈرۈپ، كەمىنىنىڭ ئۇزۇن يىللىق چاڭقاق قەلبىگە شەربەت سۇنغان ئىدى.
-ياشا يىگىت، – دېدىممەن سەنئەتكارنىڭ قولىنى غايىبانە سىقىپ.
بۇ سەھنە ئەسىرىنى بۇ يەرگە يوللاش نەشىر ھوقۇقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ئىش بولغانلىقى سەۋەبىدىن، پەقەت قىسمەن سۈرەتلەر يوللاندى.
ھوزۇرنى ئەسلى ئەسەردىن ئالغايسىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە سىيىت نوچىنىڭ پاك روھىغا دۇئا قىلىشنى، سەنئەتكارىمىز ۋە كەمىنىنىڭ بۇ ئەرزىمەس ئەمگىكىگە بەرىكەت تىلەشنى ئۇنتۇمىغايسىز.
ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن قىرىندىشىم!
2011/08/31
سىزگىمۇ ھەم!
2011/08/31
مەن تېخى بۈگۈن ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن ئولتۇرۇپ بۇ فىلىمنى كۆرگەن. ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكىنىڭ بۇ داستاننى ئۆزلەشتۈرۈپ سەھنىگە ئېلىپ چىققىنى بەك ياخشى ئىش بوپتۇ،مەن رىياسەتچى سېيىت نوچى داستاندىن ئارىيە دەپ ئېلان قىلىشىغىلا ئابدۇكېرىم ئابلىز سىيىت نوچىنى مازاق قىلىپ سالمىغىيدى دەپ بەك ئەنسىرىگەن ئىدىم.فىلىمنى پۈتۈنلەي كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن تېخىمۇ سۆيۈندۈم. ئۇنىڭ ئىجادىيەت سەپىرىنىڭ يەنە بىر بورۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.مېنىڭچە ئابدۇكېرىم ئابلىز كىشىلەرنى نوقۇل ھالدىكى كۈلدۈرۈشتىن،ھوزۇرلاندۇرۇشتىن، ئۆزى ۋە ئۆز تارىخى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشقا يېتەكلەشكە ئۆتىۋىتىپتۇ.ئاللاھتىن ئۇنىڭ قەلىمىگە تېخىمۇ زور قۇۋۋەت ئاتا قىلىشىنى،تېنىنى سالامەت،ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن!
2011/08/31
بىر قانچە يىل ئىلگىرى مۇشۇ سىيت نوچى ھەققىدە، بىزنىڭ تورلىرىمىزدا «سىياسىي ئېڭى يوق» …….. دېگەندەك بەدناملار بىلەن قارىلىپ، ئوبرازى خۇنىكلەشتۈرۈلگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا كاللامدا: بىزنىڭ ماۋۇ ئادەملەر نىمە كويدىدۇر؟ بىر كىم بۇنىڭغا باھا بەر دەپ ۋەزىپە چۈشۈرگەنمىدۇ؟ دەپ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلۇشىپ كەتكەن ئىدى. خۇددى سىزگە ئوخشاش بۇ ئىتوتنى سەھنىدە قايتا كۆرگەندىن كېيىن، راستىنى دېسەم: كۆز ياشلىرىمنى تۇتالمىدىم. ئابدۇكىرەم ئابلىزغا مىڭ رەھمەت دەپ كەتتىم. نەخ مەيداندا بولغان بولسام نىمىلەرنى ئاتاپ بىرىۋىتىدىغانلىقىمنىمۇ بىلەلمىدىم. رەھمەت! ئابدۇكىرەم ئابلىزغا مىڭ رەھمەت!
قىسمەت ئەپەندى، گەپ بىلەن بۇلۇپ كىتىپ، ئايىمىڭىزنى مۇبارەكلەشنى ئەستىن چىقىرىپتىمەن. ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
2011/08/31
ئايەم خۇشھاللىقى ھەممىمىزگە تەڭ بولغاي!
2011/08/31
مەن تېخى بۇ ئىتوتنى كۆرۈشكە نىسىپ بولماپتىمەن، ئەمما چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك ئىتوت ئىكەنلىكىنى يازما ۋە ئىنكاستىن ھېس قىلدىم. مۇمكىن بولسا چوقۇم بىر كۆرۈپ چىقاي، ئەمما كۆرۈشتىن بۇرۇن ئۇنى ساۋاتسىز دېگۈچىلەرگە ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ، ئېسىمدە قىلىشىچە ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىمدىمۇ دەرسلىكتە سىيىت نوچى نامىدا بىر ھېكايىمۇ ئەيتاۋۇر بىر ئەسەر بولىدىغان، ئۇ چاغلاردا ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۇنى ئاساسلىق ساۋاتسىزلارنىڭ ئوبرازى قىلىپ بىزگە چۈشەندۈرەتتى، يەنى ئۆز ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى يامۇلغا ئېلىپ بارغان دېگەندەك، خېلى ۋاقىتلارغىچە ساۋاتسىزنىڭ گېپى چىقسا سىيىت نوچىنىلا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىپ قوياتتى، دېمەك ئۇنىڭ خەلقپەرۋەرلىكى، توغرا سۆزلۈكى، ھەقتىن يانماسلىقىدەك ئېسىل پەزىلەتلىرى ئاتالمىش «ساۋاتسىزلىقى»نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى، ئەجىبا ئۇ ھەقىقەتەن ساۋاتسىزمىدۇ؟ بىر ئىنچىكە ھالقىغا نەزەر سېلىپ ئۆتەيلى، ساۋاتسىزلىق دېگەن نېمە؟ گەرچە بۇ سۆزگە تەبىر بېرىشكە مەن ئاجىزلىق قىلساممۇ شۇنى ھېس قىلدىمكى مېنىڭچە ساۋاتسىزلىق چۈشەنچىسى زامان ۋە ماكانغا بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان نەرسە، دىيارىمىزدا بىز ئۈچۈن ھازىرقى دەۋردە زامانغا ماس يېتىشىپ ماڭالمىسا ساۋاتسىز ھېسابلانغان بولسا، ئون يىل ئاۋۋال ئۆز ئانا تىلى ھەم يېزىقىدىن سىرت خەنزۇ تىلىنى بىلمىگەنلەر ساۋاتسىز ھېسابلىناتتى، يىگىرمە يىل ئىلگىرى بولسا پەقەت ئۆز ئانا تىلىنى بىلىپ يېزىقىنى بىلمىسە ساۋاتسىز ھېسابلىناتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر رايۇنىدىمۇ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش كەيپىياتى شەكىللەنگەنلىكىگە تېخى يېرىم ئەسىرمۇ بولمىدى، دېمەك سىيىت نوچى زامانىسىدا %99 ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ خەنزۇ تىلىنى بىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن خەنزۇلارنىمۇ تۈزۈك كۆرۈپ باقمىغان شارائىتتا يەنە خەنزۇ يېزىقىنى بىلىشى مۇمكىنمۇ؟ سىيىت نوچىنىڭ يامۇلغا ئېلىپ بارغان ئۆلۈم خېتى ئېنىقلا خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلغان يارلىق، دېمەك ئۇ شارائىتتا ئۇنىڭ يارلىق مەزمۇنىنى كۆرۈش ياكى بىرەرسىگە كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ جاۋاب، يوق، خۇددى سىز ئېنگىلىزچە ھەم خەنزۇچە شۇنداقلا ئۇيغۇرچە تىل ھەم يېزىقىنى بىلىسىز ئەمما باشلىقىڭىز سىزگە فرانسوس يېزىقىدا يېزىلغان بىر نەرسىنى ئەتراپىڭىزدا ھېچقانداق فرانسوسچە بىلىدىغان بىرەرسى يوق بولغان شارائىتتا يەنە بىرسىگە بېرىشكە ھاۋالە قىلغانغا ئوخشاش ئىش، ئۇنداقتا سىزنى ھەم ساۋاتسىز ھېسابلامدۇق؟ يەنە بىر ئىش، مېنىڭچە بىر كىشىگە باھا بېرىشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ياشىغان دەۋرىنى ئاساس قىلىپ باھا بېرىشىمىز كېرەك، ئەگەردە يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ بېشىدا ياشىغان سىيىت نوچىنى يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى نەزىرىمىز بىلەن باھا بېرىپ ساۋاتسىز دېسەك، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئالدىدا ياشىغان نۇرغۇنلىغان ئالىم ۋە ئەدىبلىرىمىزنىمۇ خەنزۇ تىلىنى بىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ساۋابسىز ھېسابلىساق ، ھەتتاكى 70ھەم 80-يىللاردىكى نۇرغۇنلىغان ئالىملىرىمىزنىمۇ ھازىرقى (21-ئەسىرنى كۆزدە تۇتماقچى) نەزىرىمىز بىلەن ساۋاتسىز دېسەك بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ-دە، خوش، ئەمدى ئويلىنىپ كۆرەيلى، سىيىت نوچى ساۋاتسىزمۇ؟ ئېنىقكى بۇ پەقەت نەزەر دائىرىسى ئىنتايىن تار بىر قىسىم ئاتالمىش «قەلەمكەش»لىرىمىز تەرىپىدىن ئالدىراپلا بېرىلگەن باھادۇر، دېمەك ئۇلارنىڭ بۇ باھاسى بۇيىچە ماڭساق ھەتتا ئاشۇ «قەلەمكەش»لىرىمىزنىڭ ئۆزىنىمۇ بۈگۈننىڭ ياكى كەلگۈسىنىڭ ساۋاتسىزلىرى دەپ قارىساق خاتالاشقان بولمايمىز، دېمەك خۇلاسە شۇكى، سىيىت نوچى ساۋاتسىز ئەمەستۇر…..
خوش، ئۇلۇغ روزا ھېيتتا ھېيتلاپ كىردىم دەپ خۇرجۇنۇمنىمۇ تەڭ كۆتۈرۈپ كىرىپ قالدىم، ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
2011/09/01
بىللە بولسۇن بۇرادەر!
2011/09/01
قىسمەت ئاكا ناھايتى ئۇلۇغ ئىشقا تۇتۇش قىلماق بۇلۇپتىكەنسىز،قانداق بولدى؟ئۇلار ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىمەسلىك سەۋەبىدىن ۋاز كەچكەن ئوخشىمامسىز؟
2011/09/03
يۈرەكتىكى ئوت تېخى ئۆچكىنى يوق.
ئاللا خالىسا ئۆزۈم قىلالمىسام، قىلالايدىغان باھادىرلارغا بولسىمۇ ھەمدەم بولىمەن.
2011/09/03