بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > «ئۆزگىلەردىن باشاقلار» سەھىپىسىدىكى يازمىلار

    • eng_axirqi_ders

      فرانسۇز تىلى ھەممىدىن چۈشىنىشلىك، ھەممىدىن توغرا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق تىل؛ ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئېيتتى: بىز ئۇنى قەلبىمىزدە ساقلىشىمىز، ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم، دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ، قۇل قىلىنغان خەلق ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى يادىدا چىڭ ساقلىسىلا، تۈرمە دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغاندەك بولىدۇ.

      ئۆگزىدىكى كەپتەرلەر گۇ-گۇلاپ پەس ئاۋازدا سايرايتتى. «ئۇلار بۇ كەپتەرلەرنىمۇ نېمىس تىلىدا سايراشقا مەجبۇرلىماس!» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.

    • imin

      ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﻣﻪھمۇﺩ كاشغەرىي، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ھاﺟﯩﭗ، ﺑﺮﻭﻧﯩﻲ، ﺋﯩﺒﯩﻦ ﺳﯩﻨﺎ، ﺋﻪل ﺧﺎﺭەﺯمى، ﻧﻪﯞﺍﺋﯩﻲ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺭ ﺋﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻟﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﯞﺍﺭﯨﺲ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯘﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻣﯘ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺗﻮﻏﺮﺍ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ 1923-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ 50-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻳﯧﯖﻰ ﻏﺎﻳﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﻗﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ، ﻗﺎﻣﺎﻟﺪﻯ، ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ، ﺋﯧﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھەﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﺟﻪﻝ ﻻﮔﯧﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺟﺎﻣﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘﻧﯘ ھېكمەﺗﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ: «ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻟﯩﻤﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھەﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﭼﯧﻜﯩﺪﯗ».

    • ana_til

      1000 يىللاردىن بېرى بىر ئوبدان، ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن كېلىۋاتقان تىل-يېزىقىمىز بىزنىڭ قولىمىزدا ۋەيران بولغىلىۋاتسا ئۇنىڭغا ھېچكىم «ھاي» دېمىسە، ئۇ دۇنياغا بارغاندا مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ بىر-بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ فرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدېدنىڭ «ئاخىرقى دەرس» ھېكايىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن ھېچكىم بىزنى «ئاخىرقى دەرس» نى ئۆتۈشكە مەجبۇرلىمىدى. مېنىڭ بۇ ھېكايىنى ئەسلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، تەبىئىي پەنلەر «ئاخىرقى دەرس» نى ئۆتۈپ بولدى. ئەمدى نۆۋەت ئىجتىمائىي پەنلەرگە، ئاندىن جانلىق تىلغا كېلىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى! ھەر بىرىمىز يۈكسەك مەسئۇلىيەتچىلىق بىلەن ئۆزىمىزگە سەپسالايلى، باشقىلارنى نازارەت قىلايلى، تىل دېگەن غۇرۇرىمىز، ۋىجدانىمىز، ئانىمىزغۇ ئاخىر!