بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ئىقتىساد/ئىجتىمائىيەت > چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى

    چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى

    تۈنۈگۈن بىر دەم خەۋەر كۆرەي دەپ تور ئارىلاپ، جۇڭگو ئاخبارات تورىدىن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم:

    http://www.chinanews.com/gj/2011/06-02/3086913.shtml

    خەۋەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك:

    جۇڭگو ئاخبارات تورى 2-ئىيۇن تېلېگراممىسى: فرانسىيە «پارىژلىقلار گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لورا بىلەن مايا ئەمدىلا 6-يىللىققا چىققان قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار بولۇپ، ئۇلار ھەددىدىن زىيادە قىسقا پادىچىلار يوپكىسى ۋە بەدەن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان تار ئىشتان كىيگەنلىكى ئۈچۈن، مەكتەپ ئۇلارنى ئاممىۋىي سورۇن-مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ جازالىغان.

    مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسىدە، ئوقۇغۇچىلار ئۆز لايىقىدا كىيىنىشى، جۈملىدىن ئەۋرەت (隐私部位 ئەۋرەت دەپ ئېلىندى) ئورۇنلارنى يېپىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق، قوشكېزەكلەرنىڭ ئانىسى بۇ ئىشقا «ئەپسۇسلاندى»، ئۇ «بالىلارنىڭ كىيىمىدە چاتاق يوق، كۆينەكنى باشقا نەرسىلەر بىلەن باغلاپ چۈشىنىشنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ قاراپ، مەكتەپ مۇدىرى ۋە نازارەت تارماقلىرىغا خەت يازدى.

    ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ ئىشنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەيلىكا ئىسىملىك قىز ئوقۇغۇچى «ئوقۇغۇچىلار مانداقراق كۆينەك كىيسە ئايال نازارەتچىلەر ئۇلارنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ، ئەمما نازارەتچىلەر ئۆزى ھەررەڭ-سەررەڭ كىيىملەرنى كىيىدۇ» دېدى. يەنە بىر قىز «مەكتەپ ھەممە ئىشقا چات كېرىدۇ، قىزلارنىڭ قېنىق گىرىم قىلىشىغا، كۆتبەل ئىشتان (低腰裤) كىيىشىگە، ھەتتا ئوغۇللارنىڭ كالتە ئىشتىنىنىڭ كۆرۈنۈپ قېلىشىغىمۇ ئارىلىشىدۇ» دەپ ئاغرىندى.

    مەكتەپ بۇنى ئۆسمۈرلەرنىڭ بالدۇر يېتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نارەسىدە قىزلارنى قوغداش ئۈچۈن دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئائىلە باشلىقلىرى «مەكتەپ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتتى» دەپ ئېتىراز بىلدۈردى.

    ئالدىنقى مەزگىللەردىكى خەۋەرلەردە بەزى ئىپلاسلارنىڭ قىزلىرىنى ساتقانلىقى، شۇ ئارقىلىق سەبىيلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن خورلىنىشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. ئەمدى بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، ئىچىمنى تىڭشاپ تۇرۇپ كەتتىم…

    شۇنداق، خەۋەر مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. لېكىن، كاللامغا كىرىۋالغان ئىزتىراپلىق سوئاللار مېنى ھازىرغىچە قىيناپ كەلدى:

    نېمىشقا بەزى ئانىلار بۇ سالاھىيەتتە خاراكتېرلىنىپ قالىدۇ؟ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئەدەپ-ئەخلاق بابىدىن دەرس بېرىش ۋەزىپىسى بار ئىدىغۇ؟

    ئانا دېگەن ئۇلۇغ نام نېمىشقا دەپسەندە قىلىنىدۇ؟

    كەلگۈسىدىكى ئانىلار بولمىش قىزلار نېمىدەپ ئانا بولۇش سالاھىيىتى يوقلاردىن تۆرىلىپ قالىدۇ ؟

    كەلگۈسىدىكى ئانا-ئايال تاللاشتا ئەرلەر كۆزىنى تېخىمۇ يوغان ئېچىپ تاللاش كېرەكمۇ قانداق؟

    قارىغاندا «چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى» دېگەن گەپ راست ئوخشىمامدۇ؟

    ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى خالمۇرات ماناپنىڭ مۇنداق بىر ئېغىز گېپى بار:

    -«كىندىكى ئوچۇق قىزنىڭ چوقۇم مەيدىسى ئوچۇق ئانىسى بار»

    گەرچە بۇ سۆزنى سەل قوپال ئېيتىلدى دېگەندىمۇ، قېنى قايسى كىشى خاتا دېيەلەيدۇ؟

    دۇنيا ئىپپەت دەپ يىغلاۋاتىدۇ، دۇنيا ئەدەپ، ئەخلاق نەگە كەتتى دەپ ئازابلىق چۇقان سېلىۋاتىدۇ…

    جاھان سورىغان ئەزىمەتلەرنى، ياۋ يۈرىكىگە ئىپپەت خەنجىرىنى سانجىغان پەرىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان ئۇلۇغ ئانىلار، قېنى سىلەر؟

    ئۇلۇغ ئانىلار، قېنى سىلەر؟ كەمىنە قىسمەت سىلەرنى ئەخلاق دوقمۇشىدا ساقلاۋاتىدۇ…

    ھېچكىم مەن بار دېمەيدىغۇ؟ ئەجەبا جاھاندا ئۇلۇغ ئانىلار قالمىغان بولسا-ھە؟!



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      كىندىكى ئوچۇق قىزنىڭ چوقۇم مەيدىسى ئوچۇق ئانىسى بار .
      ئەجەپ جايىدا ئېيتىلغان سۆزكەن بۇ. دېمىسىمۇ شۇ !

      • 2#
        كۆك

        سىزگىمۇ مۇشۇ گەپ ياراپتۇدە، ماڭىمۇ دەل مۇشۇ بىر جۈملە سۆز بەك تەسىر قىلغان ئىدى.

    • 3#
      ئىزتىل

      روھى باي گاداي باي گاداي، روھى گاداي باي گاداي باي !

    • 4#

      كۆتبەل ئىشتان (低腰裤) :| تەرجىمە ئالامەت چىقىپتۇ. دېمىسىمۇ ئائىلە تەربىيسى پەرزەنت ئۈچۈن ئەڭ ئەڭ ئەڭ مۇھىم.

    • 5#

      كىندىكى ئوچۇق قىزنىڭ چوقۇم مەيدىسى ئوچۇق ئانىسى بار، بۇ سۆزنى مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىمەن، ئەمما بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ جايىدا ئېيتىلىپتۇ، خۇددى قىسمەت ئاكىمىز ئېيتقاندەك بۇ سۆزنى سەل قوپال ئېيتىلدى دېگەندىمۇ، ھېچقانداق كىشى خاتا دېيەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغىنى قىز ۋە ئانىنىڭ ۋەقەسى، قىسمەن نەزەر دائىرىسى تار كىشىلەر يەنىلا بۇنىڭدىنمۇ پۇتاق چىقىرىپ زادى ئاياللارلا چاتاق دەپ قوپۇشى مۇمكىن. ئېنىق بولسۇنكى كەلگۈسى ۋە ھازىرقى دادىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، چۈنكى ئائىلە تەربىيەسى نوقۇل ئاياللارغىلا ئەمەس يەنە ئەرلەرگىمۇ قارىتىلغان(پەقەتلا تۇلۇقلىما)

    • 7#
      ياشنا

      ئۆتكۈر پىكىر، ئۆزگىچە ئىسىملار كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. قىسمەت ئەپەندىنىڭ ئەدەپ قامچىسىنى يەنىمۇ ئوينىتىپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

    • 8#

      جاھاننىڭ ئىشلىرىغا مەن بىر نەرسە دىيەلمىگۈدەكمەن…

    • 9#
      تورباجىن

      بىر قىسىم ئانىلار كىيىۋالغان كىيىمىنى كۆرسە ،ھەي، ئادەم ئەيمىنىدۇ جومۇ!

    • 10#

      كىندىكى ئوچۇق قىزنىڭ چوقۇم مەيدىسى ئوچۇق ئانىسى بار!
      ئارى، ئەينى مۇددىئا!

    • 11#
      نۇرتىكىن

      ھەي

    无觅相关文章插件,快速提升流量