بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > ئىقتىساد/ئىجتىمائىيەت > جەمەتىڭىز بار، ئەمما جامائىتىڭىز بارمۇ؟

    جەمەتىڭىز بار، ئەمما جامائىتىڭىز بارمۇ؟

    بۈگۈن ئولۇغ جۈمە ناماز، مەن جۈمەگە بېرىپ جامائەت ئارىسدا ئولتۇرۇپ ئۆزۈمنى قۇشتەك يەڭگىل ھەم بەختىيار ھېس قىلدىم. جىمى ئادەم بىر سەپ بولۇپ ئولتۇرغان، نېمىدېگەن بەختىيارلىق، ئازادە كەيپىيات بۇ. ئەمما نامازغا يېڭى كەلگەن بەزى بالىلارنىڭ دېيىشىچە ئالامەت ئىچى سىقىلىپ كېتىدىكەن، نامازدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزىنى يەڭگىل بىر نەرسىنى ئېلىۋەتكەندەك ھېس قىلىدىكەن. بۇمۇ چىن ھىسىياتتۇ ئەمدى، ئۇلار ئۆزى شۇنداق دېگەندىن كىيىن. ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزەمنى جۈمە نامىزىسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم .

    شۇنداق قىلىپ جامەئەت توغرىسىدا ئويلىنىپ يۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭ قايسى جامائەتكە تەۋە ئىكەنلىكىمنىمۇ ئويلاپ قالدىم. جامائەت دېگەنمۇ ئويلاپ كۆرسەم ئاز ئەمەسكەن .

    ئادەتتە مۇشۇ شەھەرچىلىكتە ئەڭ كۆپ جامائەت دەيدىغان سۆزنى جامائەت خەۋپسىزلىكى دېگەن سۆزمىكىن دەپ قالدىم. تېلېۋىزۇردا، ئۈندىداردا، ئۇ يەر-بۇ يەردە ئاڭلاۋېرىپتىمەن. ئاڭلاپ-ئاڭلاپ ئۆزۈمنى مۇشۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى دېگەن دائىرىنىڭ بىر ئەزاسى دىگەن بىر قاراش كاللامغا ئۇيۇپ قاپتۇ. ئەپسۇس، بۇ جامائەت تازا بىر داشقايناق، پۈتۈن شەھەردىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، چىركاۋ، بۇتخانا، مەيخانا، مەسچىت ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر زور ئۇقۇمكەن. سېنىڭ جامائىتىڭ قايسى دېسە مەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىر پۇقرا دېسەك، كىچىك بالىمۇ قايىل بولمايدىكەن بۇ گەپكە.

    ئۆزۈمنى تور جامائىتى دەۋالسام قانداق بولار؟ تور جامائىتى دېسەك، ئانچە-مۇنچە قاملىشىپ قالاېمۇ يا، ھە قاملاشقىدەك. لېكىن، تور جامائىتى بۇمۇ بىر مەۋھۇم ئۇقۇمكەن. ئانچە-مۇنچە توردىكىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ چاي-پاي ئىچىلى دەپلا قويسا، «مېنىڭ چېيىمنىلا ئىچىڭە بولدى، قۇلاقنى تىنچ قىلىپ» دەيدىغانلار چىقىدىكەن. گەرچە تور ھازىرچە مەۋھۇملۇق ھالىتىنىلا ساقلىغان بىلەن، ئاللاھ ئىگەم خالسىا، ئەتە بەش كۈنگىچە تور دېگەن بۇ نەرسە مەۋھۇملۇق بىلەن رىئاللىق ئارىسىدىكى كۆۋرۇك بولۇپ قالىدۇ جۇمۇسلا، شۇڭا توردا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېيىشىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى يامان ئىش ئەمەس جۇما يەنە كېلىپ .

    ئۇيغۇر جامائەتى دەپ باقايلى، ئۇيغۇر جامائىتى بۇمۇ بەك چوڭ گەپ بولۇپ كېتىپتۇ، ئۆزۈمنى مېنىڭ جامائىتىم ئۇيغۇر جامىئەتى دەي دېسەم ، ساما بىلەن مەشرەپ كۈندە يوق دېسىلە، كۈندە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېيشىپ تۇرۇش ئۈچۈن، قېتىققا ئوخشاش يېىپشىپ تۇرۇش ئۈچۈن، ماۋۇ ساما بىلەن مەشرەپ كۇپايە قىلمايدىكەن، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىمۇ كۈندە (توردىن باشقا يەردە) ھال-ئەھۋال سوراشقۇدەك يەردە ئەمەسكەن. بارمۇ دېسە بار، ئەمما ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا ھەل قىلغۇدەك يەردىمۇ ئەمەسمۇ؟ مەن تازا بىلىپ بولالمىدىم جۇما.

    ئەمدى قايسى جامائەت قالدى، مەھەللە جامائىتى، مەسچىت جامائىتى، مۇسۇلمانلار جامائىتى ، ئىدارە جامائىتى. مۇشۇ ئىدارە جامائىتى دېگەن گەپكە بىر چۈشەنچە بېرەي: ئىدارە دېگەنمۇ ئاجايىپ بىر قاتلامكەن، بۇ ئىدارە دېگەندە دوكتورمۇ، بەكتۇرمۇ، ساقمۇ، ساراڭمۇ، سەتەڭمۇ ئىشقىلىپ ھەممسى تېپىلىدىكەن، ھەممە مىللەت جەم ئىكەن ، قۇتلۇق كۈنلەر تەل ئىكەن، جامائەت پۇلى خەجلىنىدىكەن. مۇنداق ھەر مىللەت، ھەر دىندىكى خىزمەتداشلار يەپ ئىچكىلى ماڭغاندا، شەھەردىكى ئەڭ ياخشى، ئەمما مۇسۇلمانلىقى مەۋھۇم يەرگە باشلىنىدىكەن. بارمىسڭىز جامائەت پۇلىدىكى ھەسسىڭىز كۆيىدىكەن، بارسىڭىز تېخى. بارغانلار كۆزنى يۇمۇپ يەيدىكەن، مۇشۇنداق ئىدارە جامائەتچىلىكى دەپ بىر گازىر ماتاڭ ئىشمۇ بار.

    ئۇنى دېدۇق بۇنى دېدۇق، سىزنىڭ جامائىتىڭىز قايسى؟ ئۆزىڭىز تەۋە بولغان توپ جامائەتچىلىكىڭىزنى بىر ئويلاپ بېقىڭ، ئاندىن بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەسقاتىدىغان جامائەتنىمۇ ئويلاپ بېقىڭ .



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    无觅相关文章插件,快速提升流量