بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بايلىقتىن ئايرىلالمايدۇ، بىراق تەرەققىي قىلىشتا بايلىق بىردىنبىر ئامىل ئەمەس. ياپونىيە، كورىيە ۋە ياۋروپادىكى قىسمەن تەرەققىي قىلغان ئەللەر بۇنىڭ مىسالى. ئۇلارنىڭ دۆلەت زېمىنىدا گەرچە مول بايلىق بولمىسىمۇ، پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە ئايلاندى. ئۇلار يەنە پەن-تېخنىكىغا تايىنىپلا قالماي، ئۆز دۆلەت دائىرىسىدە ئىلغار دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى خەلقنى بەختلىك ياشاش شارائىتى بىلەن تەمىن ئەتتى.
ئەرەب ئەللىرى ئىگىلىگەن زېمىن، بايلىق، نوپۇس جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق بىر ئىمپېرىيە ھازىرلىنىدۇ. بىراق ئۆز زېمىنىدىكى بايلىقنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىكى ھەر بىر ھالقىدا چەتنىڭ تېخنىكىسىغا تايىنىپلا قالماي، ئاساسىي جەھەتتىن تېخنىك خادىملارمۇ چەتئەللەردىن كەلگەن. ئەرەب ھۆكۈمرانلىرى ئۇلار تەييار قېزىپ، ئايرىپ بەرگەن بايلىقنى سېتىپ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى داۋام ئېتىدۇ. ھۆكۈمدارلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئاتالمىش دۆلەت مەسلىھەتچىلىرى پۈتۈن زېھنىنى «قانداق قىلغاندا پادىشاھ ۋە ۋەزىر-ۋۇزرالارنىڭ سۇر ھەيۋىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا خەلقنى تۇيدۇرماي ئالداپ بايلىقنى ئوڭۇشلۇق بۆلۈشۈۋېلىشقا بولىدۇ» دېگەندەك مەسىلىلەرگە سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار چىرايلىق قىزلارنى ئۆزىگە قوغدىغۇچى قىلىۋېلىش، چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە پەلەي كىيىپ كۆرۈشۈش كېرەكمۇ يوق؟ ئاخشام ئەتىلىرى بىنادا ئۇخلاش كېرەكمۇ ياكى چېدىر تىكىپ ئۇخلاش كېرەكمۇ؟ تۆگە سۈتى بىلەن ناشتا قىلىش كېرەكمۇ دېگەندەك ئادەمنىڭ غىدىقىنى، ئاچچىقىنى كېلىدىغان بولمىغۇر قىلىقلارغا بەكرەك كۈچىگەن بولغاچقا، مانا ھازىر قاچىدىغان جاي، مۆكىدىغان تۆشۈك يوق، ئېچىنىشلىق ئەھۋال يۈز بەرمەكتە.
سادام ھۈسەيىن دارغا ئېسىلغاندا مىيىقىدا كۈلگەن ۋە ياكى بۇ پاجىئەدىن قورقۇپ كېتىپ، ھەممە مەسىلىسىنى تاپشۇرغان سۈر ھەيۋىلىك غوجاملار مۇشۇ كۈندە ئوخشاشلا تەقدىر-قىسمەتكە دۇچار بولماقتا. مەزھەپكە، تەبىقىگە، قەبىلىگە بۆلۈنگەنلەر ئەمەلىيەتتە مەنپەئەت ئورتاقلىقى بولغاندىن كېيىن ھامان گېپى بىر يەردىن چىقار ئىدى. بىراق ئۇنداق بولمىدى.
ئەرەب دۇنياسىدىكى داۋالغۇش پات يېقىندا تۈگەيدىغاندەك ئەمەس، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى بولۇپ، مىسىردىكى ئىنقىلاب غەلبە قىلغان بىلەن ئۇنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى قانداق لايىھىلىنىدۇ؟ بۇ لايىھە مىسىرنى ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزۇپ چىقالامدۇ؟ بۇ داۋاملىق كۆزىتىدىغان مەسىلە. سەئۇدى ئەرەبىستانى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تاۋاپگاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرچە داۋالغۇش بولمىغاندەك قىلغىنى بىلەن، ھامان بىر كۈنى بۇ دۆلەتتە داۋالغۇش بولىدۇ، چۈنكى سەئۇدى خەلقى ھامان بىر كۈنى خان جەمەتىنىڭ ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىپ، خەلق ھەقىقى خوجايىن بولىدۇ.
ئەرەبلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەندىن كۆرە، ئاللاھدىن ئۆزلىرىگە ئۇزۇن ئۆمۈر بېرىشىنى تىلىسە مۇۋاپىقتەك. يەھۇدىيلارنى ئاجىز ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلالمىغان ئەرەبلەر ئەمدىلىكتە ئاچچىق رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ، پەلەستىندىكى ئەرەبلەرنىڭ مۇۋاپىق، كىچىك بولسىمۇ دۆلەت قۇرۇۋېلىشىغا ياردەمدە بولسا تېخىمۇ ئوڭ بولىدىغاندەك ھېس قىلدىم. چۈنكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلگۈدەك ھالى ۋە ۋاقتى قالمىغاندەك تۇرىدۇ.
يەھۇدىيلار پەلەستىن زېمىنىدا دۆلەت قۇرسا بولامدۇ؟ يەھۇدىيلار دۆلەت قۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ جايدىكى كىشىلەر دۆلەت قۇرماي، زېمىن ئىگىلىمەي، نېمە قىلىپ يۈرگەن بولغىيتتى دېگۈسى كېلىدۇ كىشىنىڭ. يەھۇدىيلار ھېچقانداق بايلىق يوق، مۇھىتى ناچار بۇ جايدا كىچىك بولسىمۇ يەھۇدىيلار رازى بولغۇدەك كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇۋالدى. يەھۇدىيلار بايلىقنى بىر يەردىن بۇلىۋالمىدى، پەقەت ئۇلار ئەقىل-پاراسىتىگە، ئىلىم-پەنگە تايىنىپ مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى. ئەرەبلەر ۋە يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك دۈشمەنلىك بولغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئەرەبلەرنىڭ يەھۇدىيلاردىن ئۆگىنىدىغىنى ناھايىتى كۆپ. ئاجىز ۋاقتىڭدا دۈشمەن تاپماي دوست تاپ، كۈچەيگەندە دۈشمەن ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى خۇددى مەن ئويلىغاندەكلا تەپەككۈر قىلىپسىزغۇ كۆلتىكىن، ھەقىقەتەن دېگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىگە قايىلمەن، چۈنكى دىنىمىز ئوخشاش ھەممىمىز مۇسۇلمان دەپ ھەر قانچە كۆز يۇمىۋالسىمۇ ۋە ياكى چاپان ياپسىمۇ ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى مانا بۇ بايلىق ئۈستىدە ئېغىناپ يېتىپ ئۆز نەپسىنى تۇيدۇرۇش ھەلەكچىلىكىدىلا يۈرىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى ھاكىمىيەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكى نەتىجىسىدىن كېلىپ چىققان ئاچچىق ئەمەلىيەت، يېقىندا يۈز بەرگەن مىسىر ۋە لىۋىيەدىكى سىياسى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا كۈچلۈك پاكىت بولالايدۇ، تېخى كارزافى خەلقنى ئۆز دۆلىتىنى قوغداشقا دەۋەت قىلىپ قۇرال ياراق ئامبىرىنى خەلققە ئېچىۋەتتى… كاللىسى بارلىكى ئادەم بۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەمەس بەلكى دۆلەتنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاتقىقىغا چۆكتۈرۈش ئىكەنلىكىنى قىينايمايلا كۆرۈپ يېتەلەيدۇ، دېمەك ئۇ بۇ قىلمىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئىقتىدارسىزلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بەردى، ھەتتا لىۋىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى مۇخبىرلارمۇ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشنى كۈچلۈك تەنقىتلىدى، ھەقىقەتەن يازمىڭىزدا ئېيتقاندەك ئەرەب دۇنياسىدىكى داۋالغۇش پات يېقىندا تۈگەيدىغاندەك ئەمەس، بەلكىم تېخىمۇ ئەۋجىپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ، چۈنكى پۇقرالار ئۆز ھاكىمىيىتىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلارنىڭ ھەقىقى خەلققە كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆز نەپىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن تىرىشۋاتقانلىقىنى بارغانسىرى تۇنۇپ يەتمەكتە، يازمىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامەن…
2011/03/28
سىياسىئونلار ئۆزىگىلا ئەمەس، ئۆزى باشلاپ ماڭغان بىر توپ قەۋىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، نۆۋىتى كەلگەندە ئاچچىقىنى يۇتۇشنى بىلىش، يىراق (ئۆزىگە ئەمەس، ئەۋلادلارغا نېسىب بولىدىغان) كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان دىت بولۇش سىياسىئون ھېسابلىنىشتىكى ئەقەللىي تەلەپ بولسا كېرەك. لېكىن، سالاھىددىن ئەييۇبىدىن كېيىنكى 7-8 يۈز يىل مابەينىدە، ئەرەبلەرگە ھەقىقىي سالاھىيەتتىكى سىياسىئونلار نېسىب بولمىغاندەك تۇرىدۇ.
2011/03/28
ساۋاقداشلار يىغىلىشلىرىدا ئەرەبلەر ھەققىدە پىكىرلىشىپ قالىمىز. بىر قېتىملىق سۆھبەتتە بىر دوستۇم مۇنداق دېگەن ئىدى: « ئەرەبلەردەك ناچار مىللەت يوق بولسا كېرەك، ئۇلار ئەڭ ناچار ، ئەڭ ئوسال بولغاچ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمامىنى ئاشۇ قەۋىمنى يېتەكلەشلە ئەۋەتكەنمىش» .
2011/03/29
بۇ سىياسىي مۇلاھىزىڭىزگە تولىمۇ قىزىقىپ قالدىم، داۋامىغا تەشنامەن…
2011/03/29
بەزىلىرىمىز ئاللاھقا قۇل بولۇشنى ئەرەبگە تىزلىنىش بىلەن ئۆلچىۋالىدۇ . خۇددى ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ «بار ئىكەنمەن يادىڭىدا دۇنيا» ناملىق كىتاۋىدا ئېيتقاندەك مەككىگە ئەرەپكە تاۋاب قىلغىلى بارىدىغانلىرىمىز كۆپتۇر ! ئىسلامنىڭ ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەرەبلەر ئارىسىدا پەيدا بولۇشى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ قانداقتۇر بىر نوپوزىنى ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ . بۈگۈنكى دۇنيا دېمكۇراتىيەنى ياقلايدۇ . مۇققەددەس كىتابلارنىڭ ھەرقاندىقى ئىلىم -پەن بىلەن دېمكۇراتىيەنى چەكلىگەن ئەمەس بەلكى تەشەببۇس قىلغان . لېكىن بىزنىڭ جاھىللىرىمىز يەنىلا ئۇزۇن ساقالنى قويىۋېلىپ ساقالغا لايىق ئىش قىلالمايۋاتىدۇ .
يېقىندىن بېرى كۈزەتسەم دىيارىمىزدىمۇ ھەم ئەرەبلەرنىڭ تەسىرى كېڭىيىۋاتىدۇ . مەزھەپ ئايرىيدىغانلارمۇ كوپىيىپ قاپتۇ . ئەنە شۇنداق بىرەيلەندىن بىر كۇنى سورىسام ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرخىل سىن دېسكىلىرى ۋە سۈنئى ھەمراھ تېلىۋىزىيىلىرىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ناماز ئوقۇشىنىڭ بىزگە ئوخشىمايدىغانلىقى ۋە سۈننەت نامازنى ئادا قىلمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بىلگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ئەنە شۇلارنىڭ يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى . تېخى مېنىمۇ شۇ يولغا تەۋسىيە قىلدى . توۋۋا دىدىم : ئەمسە سەنمۇ تېلىۋېزوردىن كورگەندەك قېرىنداشلىرىڭنى بېلىڭغا بومبا تېڭىپ پارتلاتساڭ جەننەت ساڭا ئوچۇقمۇ دېدىم . بىزگە زادى قانداق ئىسلام كېرەك . قانداقسىگە پەقەت ئەرەبلەر ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ؟ ئەجىبا بىزدە ئىسلامنى تەتقىق قىلغۇدەك كاللا يوقمۇ ؟ بەزىلەر دەيدىكەن بىز مۇسۇلمانلارنى بۇدۇنيالىقى يوق ئۇ دۇنيالىقى بار دەپ ! بۇ دۇنيادا قاملاشتۇرۇپ ياشىيالمىغان ئادەمگە ئۇ دۇنيادا نەدە ياخشى كۈن ؟ ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقىۋاتقاندا مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ «ئەگەر خۇدا بىزنى بۇ دۇنيادا قۇل بولىسەن دىسە، بىز ئۇنداق خۇدانى تونىمايمىز!» دىگىنى ئېسىمدە . شۇنىسى شۇنداق ئېنىقكى ئاللاھ بىزنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا قۇل بولىشىمىزنى راۋا كورىدۇ !
2011/04/10