بۇ يەرگە تەۋسىيە يازمىلار قويۇلىدۇ

  • تەشۋىقات كۆزنىكى

    باش بەت > چاقماق يازمىلار > تۇرمۇش دېڭىزىدىن تامچىلار

    تۇرمۇش دېڭىزىدىن تامچىلار

    تارىخنى ئۇنتۇش ھالاكەتنىڭ باشلىنىشى، تېخىمۇ توغرىسى ھالاكەتنىڭ نەق ئۆزىدۇر. چۈنكى، سىز تارىخىڭىزنى ئۇنتۇشقا باشلىغىنىڭىزدا ئاللىقاچان ھالاكەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتقان بولىسىز، ۋەتىنىڭىز ھەم مۇنقەرزلىكتىن ئېچىنىشلىق ئىڭراۋاتقان بولىدۇ.

    ئىرادىنىڭ ئاجىزلىشىشى ھارغىنلىقنى، ھارغىنلىق ھورۇنلۇقنى، ھورۇنلۇق ھالاكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    تۈنۈگۈنلا ساڭا تەئەللۇق بولغان نەرسە بۈگۈن ئۇنداق بولماي قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى سەن، مەن، ئۇ، ھەممىمىز كارۋان. بىلسەڭ، كارۋاننىڭ يولدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمايدۇ.

    دۇنيادا ئانىنىڭ «ئەللەي ناخشىسى» دىن چىرايلىق ناخشا، باھادىرلارنىڭ «ھۇررا» ساداسىدىن جەسۇر سادا، ئاشىقلارنىڭ مەشۇقىنى سېغىنىپ چەككەن «ئاھ» لىرىدىن ھەسرەتلىك پىغان بولمىسا كېرەك.

    تارىخنى قەھرىمانلار يارىتىدۇ، تارىخچىلار يازىدۇ.

    ھەرنە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز كۆڭۈل ئاغرىقلىرى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئوسال مىجەزىمىز سەۋەبىدىنلا بولىدۇ، خالاس.

    كونىلار توغرا ئېيتقان:

    «چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن مېكياننىڭ ئەمچىكى يوق.

    بېشىمغا ھەر بالا كەلسە، ئۆزۈڭنىڭ شورى دەڭلار.»

    كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئېلىندى.



  • يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.]
  • ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • 1#

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قىسمەت ئەپەندىم!
      ھەقىقەتەن ئېسىل دۇردانىلار ئىكەن، ئادەم كىچىك ۋاقتىدا مۇشۇنداق ھىكمەتلىك سۆزلەرنى كۆرگەندە مەنىسى شۇنداق چوڭقۇر بىلىنىدۇ، ئەمما يېشىغا يېتىپ، كەچمىشلەر بىر -بىرلەپ بېشىدىن ئۆتكەندە ئاندىن مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتىدۇ. سىلىنىڭ كارۋان توغرسىدىكى ئاۋۇ ھىكمەتلىرىنى خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالدىم، شۇنداق ھەممىمىز كارۋان، بىزنىڭ يولدىن باشقا نېمىمىز بولسۇن! :|

    • 2#

      قىسمەتنىڭ چاقماق يازمىلىرى تېز، لېكىن تورى بار، ئاددىي لېكىن مەزمۇنلۇق، كىشىگە دەرھاللا نەپ بېرەلەيدۇ.

    • 3#

      بۇرۇن مېنىڭمۇ مۇشۇنداق بىرخاتىرەم بۇلىدىغان. ئانچە مۇنچە يېزىپ قۇياتتىم ئىلھامىم تۇتقاندا، يۈتتۈرۈپ قۇيۇپلا ئۇ ئىشلىرىمنى تاشلاپلا قۇيۇپتىمەن. قىسمەتكامنىڭ بۇ يازمىلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىرخىللا بۇلۇپ قالدى.

    • 4#

      قالتىس يازمىلار بارغۇ بۇيەردە .ھەرقېتىم كەلسەم قۇرۇق كەتمەيمەن.قىسمەتكام قالتىس سېخى بىزئېلىپ كېتىۋېرىمىز،نەگەدەپ سوراپمۇ قويمايدۇ. :smile:

      • 5#
        قىسمەت

        ئىنىمىزگە يارىغانلا بولسا، كەمىنە خاتىرجەم.
        بۇ يەردىن كەتسە، نەگە باراتتى؟ بۇرادەرلىرىمىزگە ئەمەسمۇ …

    • 6#

      كۈندىلىك خاتىرەمنى ئانام«مۇسادىرە» قىلىۋالغاندىن بىرى شۇنداق بىر نەرسىلەرنى يازماس بوپ كەتتىم، مىكرو بىلوگۇمغا شۇنداق ئالىجوقا نەرسىلەرنى يازغۇم كىلىدۇ، لىكىن بىرەرسى كۆرۈپ، ساراڭ…دەپ كىتىپ قالامدىكىن دەپ، رەسمىي« ساراڭلىقىمنى »يوشۇرۇپ يۈرىمەن ;-)

      • 7#
        قىسمەت

        «ساراڭلىق» …
        ماۋۇ گەپنىڭ تېرەن مەنىسى ھەققىدە ئويلىنىۋاتىمەن …

    • 8#

      ماڭغا بىر بىلوگ لازىمتى ياردەم قىلساڭلار . چ چ 1158002696

    无觅相关文章插件,快速提升流量