يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۈچ چوڭ تاغ
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 28-07-2011 | خەتكۈچلەر: ئىقتىساد - تاغ - دۆلەت
قىسمەت، كۆلتېكىن ئورتاق يازمىسى
1-تاغ: ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسى
جۇڭگودا ئولتۇراق ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﻪﺭ ﺳﺎﮬﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑۆﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتىغا ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ جۇڭگودا ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولۇپ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻕ ﺋﯚﻱ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ-ﻳﯩﻠﻐﺎ ﮬﻪسسىلەﭖ ﺳﯧﻠﯩﻨﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ نېمە ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﮬﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯚﺭﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﻨﺎ ﺋﯚﻱ ﺋﺎﺯ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻱ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﯨﺪﻯ، باھا ئوڭ تاناسىپ بىلەن ئۆرلەپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺑﯘ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ؟ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻧﯘﭘﯘﺳﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ئىقتىسادﻧﯩﯔ تەرەققىي ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ، ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺍﻟﻤﯩﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ.
ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩققىياﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻤﯘ ﺋوﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ۋاسىتىلىرىدىن بىلدۇقكى، پايتەخت ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻕ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ كىۋادرات مېتىرنىڭ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ 22 مىڭ ﺳﻮﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ كەتتى. 100 كىۋادرات ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ 2 مىليون 200 يۈەن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ئويلاپ كۆرۈڭ، ئەجەبا ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺑﯧﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﯘ؟ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ مائاش ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ يۇقىرىمۇ؟ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ تەننەرقى ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﻪﺗﺘﯩﻤﯘ؟
ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻣﺎﻛﺮﻭﻟﻮﻕ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ كونترول ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ئۆسۈشى ﺑﯩﻠﻪﻥ ئولتۇراق ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ئۆسۈشى ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.
ﮬﺎﺯﯨﺮ شىنجاڭنىڭ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻕ ﺋۆﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ، نورمال ﻛﯩﺮﯨﻤﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ 10 ﻳﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪﻱ-ئىچمەي يىغقان ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ئۆي ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﯩﺴﺰﻟﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻡ -ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﯟﻩﺗﺘﻰ.
2-تاغ: داۋالىنىش مەسىلىسى
ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪﺱ ﯞﻩ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ بولۇش ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ يىللاﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺰﯨﻖ نۇقتىلارنىڭ ﺑﯩﺮﻯ بولۇپ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﯞﻩ ھۆكۈمەتنىڭ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻗﺎﺗﯘﺭﺩﻯ. ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺩﻭﺭﺍ-ئوكۇلنىڭ باھاسى ﯞﻩ تەكشۈرۈش ھەققى ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ، ئىقتىسادىي ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ (ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺋﺎﻣﻤﺎ) ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﻪﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ كېلىپ ﭼﯩﻘﺘﻰ، خەلقنىڭ ھاياتى دۇچ كەلگەندە ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺯﺍﺩﻯ نېمە ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ تەرەققىي ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ، نېمە ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ؟ مانا مۇشۇنداق ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ كەيپىيات ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ، ھەممە كىشى ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ نېگىزى ﻧﻪﺩﻩ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
3-تاغ: ئالىي مەكتەكتە ئوقۇش مەسىلىسى
ئالىي ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋوﻗﯘﺵ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ-ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺋۆﺳﯜﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯗ.
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇش ھەققى ئەڭ تۆۋەن ھېسابلىغاندىمۇ بەش مىڭ يۈەندىن كەم ئەمەس. بۇنىڭغا ئوقۇغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى، تەتىلدە ئۆيگە بېرىش، كېلىش ۋە ئۇششاق چىقىملارنى قوشۇپ ھېسابلىساق، ئاتا-ئانىنىڭ بىر بالىنى ئوقۇتىدىغان يىللىق چىقىمى 12-15 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. بالىنى تۆت يىل ئوقۇتتى دېسەك، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش چىقىمى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 48-60 مىڭ يۈەن بولىدۇ دېگەن گەپ.
بالا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن مۇقىم بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ بولغىچە، بىر يىل بىكار يۈردى دەپ تۇرايلى. بۇ بىر يىلدا ئەڭ بولمىغاندا 10 مىڭ يۈەن قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىدۇ.
بالىنىڭ بىكار يۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن «بالام يامان يولغا كىرىپ قالمىسا بولاتتى» دەپ ئىچى پۇشقان ئاتا-ئانا بالىسىغا ئايلىقى 700-800 يۈەندىن بولسىمۇ ئىش تېپىپ بېرىدۇ. ئەپسۇس بۇ پۇل بالىنىڭ ئۆز خىراجىتىگە يېتىشى ناتايىن. ئاتا-ئانا يەنە قاراپ تۇرالمايدۇ.
بالا بىرەر يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، «بالام دۆلەتنىڭ كادىرى بولۇپ قالسۇن» دەپ ئويلىغان ئاتا-ئانا يول ماڭىدۇ. دۆلەت ياسىغان يولدا بىكارغا ماڭغان بىلەن، ئاۋۇ يولدا بىكارغا ماڭغىلى بولمايدۇ.
ھېسابلاپ بېقىڭ، ھەرگىز 100 مىڭ يۈەندىن كەم چىقمايدۇ. سىزدىن سوراپ باقاي: رايونىمىزدا بەزى كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا قايسى ئاتا-ئانىنىڭ نەق 100 مىڭ يۈەن پۇلى بار؟
خۇلاسە
ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﯩﯩﻠﯩﻨﻰ بىرلەشتۈرۈپ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﺳﻪﻙ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻡ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﯩﻨﯩﯔ، ﺟﺎﭘﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ كۆرۈۋالالايمىز. (ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﮕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ئويلاشساق، چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ تېخى)
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋۆﺳﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ يۇقىرىدىكى ﺋﯜﭺ ﺗﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋۆﺳﯜﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﭗ بولۇپ، بۇ ئۈچىدىن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩققىياﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﻮﺳﻘﯘنلۇﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
كونا جۇڭگودا «ئۈچ چوڭ تاغ» دېگىنى جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمنى كۆرسىتەتتى. خەلق ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئۈچ چوڭ تاغنىڭ باشقىچە شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى سىزنى ئويغا سالماسمۇ؟
خوش، مۇلاھىزە سىزگە قالدى…
تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: سىدام قىسمەتلەر
ۋاقتى: 2011-يىلى 28-ئىيۇل 23:48
دىۋان!!!!
ۋاقتى: 2011-يىلى 28-ئىيۇل 23:51
خاتا توۋلاپ كېتىپتىمەن، قىسمەتخانىغا چىرىپ تۇرۇپ تورخۇماردا تۇرغاندەك ئالدىراپ توۋلاپ ساپتىمەن، كەچۈرۈشسىلە
ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاۋغۇست 13:58
يىڭى زاماندىكى بۇتاغ ھەقىقەتەنمۇ مىنى تەس كۈنگە قويدى ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ خىزمەت تاپالماي توختاملىق ئىشچى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن . ئايدا 900يۇەن ئالىمەن .مۇقىم ئۆي يوق ئاتا -ئانام دىن ئايرىلىپ قىزىم بىلەن بىللە تۇر مەن ئوي ئىجارسىگە 200 يۇەن بالمنىڭ يەسلىسىگە 300يۇەن ئىشقا بىرىپ -كىلىش، تاماق ، بالامنىڭ يىمەكلىك كىيىم كىچەك دىگەنلەرگە قالغان 400 يۇەننى ئەپلەپ سەپلەپ يەتكۈزۋاتىمەن . مەن ھازىر قوسقۇمنىڭ تويغىنىغا شۇكرى قىلىپ ئوتۇۋاتىمەن .بەلكىم بۇنداق ئوتۈۋاتقانلار مەنلاملا ئەمەس، بۇلسا بۇتاغلار نى ئۆرۈش كىرەك بالىلرىمىز چوڭ بۇلۋاتىدۇ ، بۇجەرياندا ئاغرىق سىلاقلادىن خالى بولماق تەس .بۇتۇرمۇشتا ئالغا ئىلگىرلەش بەك تەس بۇلۋاتىدۇ . بىز دەك ئاددى پۇخرارنى ئويلايدىغانلار بار مۇدۇ؟ بىر كۈدە 10سائەت ئىشلەپ قۇساق مەسىلىسىنلا ھەل قىلدۇق . قارغاندا بىز يەنىلام ئاخىردا ئىكەمىز بىز يەنىلام……………..ياشاۋىتىپتىمىز .