ئورنىڭىز: باش بەت > ماقالە-يازمىلار > سىدام قىسمەتلەر

سىدام قىسمەتلەر

ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 21-07-2011 | خەتكۈشلەر: - -

  • يېقىندىن بېرى ئىشلىرىمنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى مېنى ھەقىقەتەن چارچىتىپ قويدى. گەرچە دەم ئېلىشىم جايىدا بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ دەم ئېلىش پەقەت بەدىنىمدىكى چارچاشنى تۈگەتكەندەك تۇرىدۇ. بالىلىقىمنى، ھېچقانداق رەڭ بېرىلمىگەن قىسمەتلىرىمنى ئەسلەش بىلەن روھىي جەھەتتىكى چارچاشلىرىمنى تۈگەتمەك بولدۇم.

    رۇس خەلقىنىڭ پەخرى، يازغۇچى ل.تولستوي ھەزرەتلىرى «ئەسلىمىنىڭ باشلىنىشى قېرىلىقنىڭ ئالامىتىدۇر، دېگەنىكەن». بەلكىم شۇنداقتۇ. لېكىن، مەن ئەمدىلەتىن 33 ياشقا كىرگىلىۋاتقان ئەركەك، بۇ قاراشنى بەك قۇۋۋەتلەپ كەتمىدىم.

    خوش، گەپنى باشلايلى.

    مەكتەپكە كىرىش

    1985-يىلى 9-ئاي مەزگىلى.

    دادام رەھمىتى مېنى مەكتەپكە بەرمەك بولۇپ، جىلتەمنى بوينۇمغا ئېسىپ، بوز ئېشەككە مىنگەشتۈرۈپ، تەخمىنەن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئېلىپ باردى.

    بۇنىڭدىن بۇرۇن دادام بىللە بۇنداق ئۇزۇن (شۇ چاغلاردا ئۇزۇن بىلىنەتتى، ئەلۋەتتە) سەپەرگە چىقىپ باقمىغانلىقىمدىن ياكى قۇرداش بالىلار بىلەن جەم بولۇش خۇشھاللىقىدىن بولسا كېرەك، ئەتراپقا تويماي قاراپ كېلەتتىم.

    شۇنداق قىلىپ ئوقۇغۇچى بولۇپ قالدىم…

    يىل ئاخىرى بولاي دېگەندە مەكتەپتىن تەتىللىك تاپشۇرۇق (شۇ ۋاقىتتا بۇنى نېمە دەيدىغانلىقى ئېنىق ئېسىمدە يوق، لېكىن، شۇنداقراق بىر نامدا ئاتايتتۇق) بەردى. بۇ 20-30 بەتچە كېلىدىغان، ھازىرقى ژۇرناللاردىن چوڭراق كىتابچە ئىدى. جىلتەمگە سىغمىغاچ، دادام كىتابچىنى جىلتەمگە قاتلاپ سالماقچى بولدى. بۇنى كۆرۈپ تۇرغان چوڭ ئاچامنىڭ قىزى «چوڭ دادا، خانىم (بىز ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى خانىم دەيمىز) قاتلىماڭلار دېگەن» دېۋىدى. دادام تۇرۇپ كېتىپ، «بالام، ناننىمۇ قاتلاپ، ئوشتۇپ يەيمىز، كىتابنى قاتلىغانغا ئىچىدىكى ئازلاپ كېتىدىغان ئىش يوق» دەپ ئىشىنى داۋام قىلدى.

    ئۇزۇن يىل «ئەمەلدارنىڭ بالىسى» دەپ جازالىنىپ، بىھۇدە رىيازەت چەككەن، دېھقان زىيالىي دادام مۇشۇ پاراڭلاردىن تەخمىنەن ئىككى ئاي كېيىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە كەتتى.

    17 بالىنىڭ دادىسى بولغان، ھاياتىنى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن، شۇنىڭ بەدىلىگە يەتكۈچە دەرد تارتقان جەننەتماكان دادامنى ئەسلەيمەن.

    كىچىك سودىگەر

    كىچىك چېغىمىزدا مەھەللىمىزنىڭ يېنىدا ھەربىي قىسىم (ھازىرمۇ بار) بار ئىدى. بىز قويلىرىمىزنى باققاچ، قىسىم ھويلىسىغا ئەركىن كىرىپ چىقاتتۇق. قىسىم ماگىزىنىدا نەرسە-كېرەكلەرنى سىرتتىكىدىن ئەرزان سېتىۋالغىلى بولاتتى. چوڭلار بەرگەن پۇڭلۇق پۇللارنى يىغىشتۇرۇپ ئالتە مو قىلىپ، 10 تال سېغىز (ھازىرقى 大大 سېغىزى شۇدەك ئېسىمدە) سېتىۋالاتتۇق. ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ سېتىپ بىر يۈەن قىلاتتۇق. تۆت مونى ئۆزىمىز خەجلەپ، قالغىنىغا يەنە شۇنداق قىلىپ سودا قىلاتتۇق.

    كېيىن، قىسىمنىڭ مۇداپىئەسى كۈچەيتىلىپ، سىرتتىن خالىغانچە كىرگىلى بولماس بولدى، سودىمىزمۇ توختاپ قالدى.

    ھەرقېتىم يۇرتقا بارسام قىسىم ئالدىدا بىرپەس توختاپ ئۆتىمەن، خۇددى ئۆزۈم قىسىم دەرۋازىسىدىن چىقىپ كېلىدىغاندەك.

    ئۈزۈم بارىڭىدا

    كىچىك ئوغلى مەن بىلەن ساۋاقداش بىر تام قوشنىمىز بولىدىغان. يامان ئېسىل باغلىرى بار ئىدى.

    باشلانغۇچنىڭ 3-4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم بولسا كېرەك. بىر كۈنى سەھەردە يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ھاجەتخانىغا ماڭدىم. ھويلىغا يېنىپ كىرىپ بولغاندا بۇرنۇمغا بىردىنلا ئۈزۈم پۇراپ كەتتى. قوغۇن پۇرىدى دەپ ئاڭلايدىغان، ئۈزۈم پۇرىغانلىقىغا ھەيرانمەن، ئىشقىلىپ پۇرىغانلىقى راست . شۇ كالتە ئىشتان پېتى (ئۇ چاغلاردا تىزغا كېلىدىغاننى كىيەتتۇق جۇما) ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتا يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇپ، ئارقا ئىشىكىمىز تەرەپتىن قوشنىمىزنىڭ تېمىغا ياماشتىم.

    خۇمار دېگەن بىر بېسىلىدىغان بولدى دەپ، ئۈزۈم باراڭنىڭ ئۈستىدە يېتىپ مەززە قىلىپ ئۈزۈم يەۋاتىمەن. بىر چاغلارغا پەستىن بىر تىۋىش كەلگەندەك قىلدى. باراڭنىڭ ئارىلىقىدىن شۇنداق قارىغىنىمنى بىلىمەن، بىر جۈپ كۆز ماڭا تىكىلىپ تۇرمامدۇ، بەدەر قاچتىم …

    ئەسلىدە ئاۋۇ ساۋاقدىشىمنىڭ ئاكىسى مېنىڭ باراڭ ئۈستىدە شاراقشىتىپ مېڭىپ يۈرگەنلىكىمنى سېزىپ قالغان ئىكەن.

    ئۇ كىشى خېلى زامانلارغىچە «ئاخشام بىزنىڭ باراڭدا ئۇخلىغانما؟» دەپ چېقىشىدىغان.

    يۈسۈپ

    باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا مەھەللىگە بىر خۇيزۇ ئائىلىسى كۆچۈپ كەلدى. بۇ ئائىلىنىڭ يۈسۈپ (ئۇيغۇرچە ئىسمى) دەيدىغان، بىز بىلەن دېمەتلىك بىر ئوغلى بار ئىدى. بۇ ئائىلىدىكى بوۋاي، موماي بەش نامازنى قازا قىلمايدىغان تەقۋا كىشىلەردىن بولغاچ، ئوغلىنىمۇ يېتەرلىك تەربىيەگە ئىگە قىلغان ئىدى.

    مەھەللىنىڭ چېتىدە بىز «گور ئۆستەڭ» دەۋالىدىغان سۈيى ئۇلۇغ، چوڭقۇر بىر ئۆستەڭ بولىدىغان. ياز مەزگىللىرىدە مەكتەپتىن، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدىن ئېشىنغان ۋاقتىمىز ئاساسەن مۇشۇ ئۆستەڭ بويىدا ئۆتەتتى.

    بىز ھەممىمىز ئانىدىن تۇغما ھالەتتە سۇغا سەكرەيتتۇق. ئۆستەڭ يېنىدىكى قۇملۇقتا ئاپتاپقا قاقلىناتتۇق. بىرلا يۈسۈپ تىزىغا كەلگۈدەك كالتە ئىشتان بىلەن سۇغا چۈشەتتى.

    بىر كۈنى بالىلار بىلەن يۈسۈپنىڭ ئىشتىنىنى سالدۇرۇۋەتمەكچى بولۇپ پىلان تۈزدۇق. ئۇ بىزنىڭ پىلانىمىزنى بىلىپ قالغانمۇ ياكى ئەزەلدىن شۇنداقمۇ بىلمىدۇق، ئۇ كۈنى كالتە ئىشتىنىنىڭ بوغقۇچىنى نەچچە چىرماپ بوغۇۋەتكەن ئىكەن. پىلانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، ئۇنى تەڭنە قازان (پۇت-قولىدىن تۆتەيلەن تۇتۇپ كۆتۈرۈشنى شۇنداق ئاتايتتۇق) قىلىپ، ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىپ «پۇخادىن» چىققان بولدۇق.

    كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى. بىز ئۇنىڭغا قوغۇن، تاۋۇزلىرىمىزنى، ئۇ بىزگە چىلىغان سەيلىرىنى سۇنۇپ تۇرۇشاتتۇق. چىلىغان سەينى تۇنجى قېتىم شۇ يۈسۈپ ئارقىلىق يېگىنىم ئېسىمدە.

    كۈنلەر ئۆتتى، يىللار ئۆتتى. بىز تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ ئوينايدىغان بالىلىقتىن چوڭىيىپ يىگىتلەرگە ئايلىنىپ كەتتۇق.

    يۈسۈپ ئاشپەزلىككە شاگىرت كىردى، مەن ئوقۇش ئىشى بىلەن بولدۇم…

    2000-يىللارنىڭ بېشىدا يۈسۈپنى ئائىلىسى بىلەن كۇچا ناھىيەسىگە كۆچۈپ كېتىپتۇ، كۇچادا چوڭ ئاشخانىنىڭ خوجايىنى بولۇپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم. نەچچە يىل بۇرۇن بىر قايغۇلۇق خەۋەر قۇلىقىمغا يەتتى: يۈسۈپنى توك سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كەتتى.

    ئاللاھ، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن!

    无觅相关文章插件


    تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

    6 نەپەر قېرىندىشىمنىڭ باھالىشىغا ئەرزىگەن يازما بۇ ! سىزمۇ يېزىپ باقامسىز ؟

    • 1#
      قادىخان نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 21-ئىيۇل 16:08

      مىكرو قىسمەت بولۇپ قالدىمۇ نېمە بۇ؟ :razz: قېتىرقىنىپ ئوقۇۋاتسام 2000-يىلىغا كېتىپ قالدى، ئاۋۇ سىز دېگەن قىسىم ھازىر خېلى كېڭىيىپ قالغاندەك، ئالدىنقى يىلى بېرىپ كۆرۈپ بالىلىقىمدىكىگە سېلىشتۇرسام.

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 2#
      خىيال نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 22-ئىيۇل 19:54

      بۇ قىسمەتلىرىڭىز ئۇشبۇ ئۇسلۇپىڭىزنىڭ رەڭ قىسمەتلىرىگە خويمۇ يارىشىپتۇ. ۋاقتىڭىز بولسا مۇشۇنداق ئۇسلۇپلارنى بىزلەرگىمۇ ھەدىيە قىلغان بولسىڭىز، بىزمۇ قىسمەتلىك تۇرمىشىمىزنى باشلىۋالاتتۇق :sad:

      بۇ باھاغا پىكرىم بار
      • 3#
        قىسمەت نىڭ بايانى:
        ۋاقتى: 2011-يىلى 22-ئىيۇل 22:23

        ئۇ چاغدا سىز مەن بولۇپ قالارسىزمىكىن؟! :x

        بۇ باھاغا پىكرىم بار
        • 4#
          خىيال نىڭ بايانى:
          ۋاقتى: 2011-يىلى 24-ئىيۇل 15:28

          ئۇ چاغدا بىزمۇ قىسمىتىمىزنى ئۆزىمىز يازىمىز. چاپان ئوخشاش بولغان بىلەن ئىچىدىكى ئادەم باشقا بولىدۇ. لىكىن ماۋۇ قىسمەتلىك ئۇسلىبىڭىز چىرايلىق ئىكەن. :|

          بۇ باھاغا پىكرىم بار
    • 5#
      /irpan نىڭ بايانى:
      ۋاقتى: 2011-يىلى 28-ئىيۇل 18:40

      مېنىڭمۇ بالىلىقىمنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز.بىز باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان چاغلاردا تەتىل تاپشۇرۇقىنى ئۆزىمىز دەپتەرگە ئىشلەيتۇق .سىزمۇ 80-يىلللارنىڭ ئوتتۇرسىدا باشلانغۇچقا كىرىپتىكەنسىز ھە

      بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باھا يوللاش كۆزنىكى

    *نــامىڭىز:
    *ئـېلخـەت:
    تور بېكەت:
    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif