ئوڭ قولۇڭ قىلغان ياخشىلىقنى چەپ قولۇڭ بىلمىسۇن
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 14-07-2011 | خەتكۈشلەر: ياخشىلىق
بۇرۇنلاردا يۇرت چوڭلىرى مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنى خالىس بىر تەرەپ قىلاتتىكەن. تەۋەلىكىدىكى يېتىم-يېسىرلارغا، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارغا ياردەم قىلىپ، باشقىلارنىڭمۇ ياردەم قىلىشى ھەققىدە مۇراجىئەت قىلىپ تۇراتتىكەن.
بۈگۈنكى كۈندە ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ئەنە شۇ يۇرت چوڭلىرىنىڭ رولىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممە ئىشلارنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلىپ، سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرماقتا.
دەرۋەقە، ئاھالىلەر كومىتېتلىرى بولۇپمۇ مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرگە ھەقىقەتەن ئىگە بولىدۇ. بىرەر كىشى قىيىنچىلىققا يولۇقسا باشقىلارنىڭ ئۇ كىشىگە ياردەم بېرىشى ھەققىدە بىزگە ئەسكەرتمە بېرىپ تۇرىدۇ. ئىشخانىمىز قاراشلىق ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىملىرى بىر نەچچە قېتىم مۇشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن يېنىمىزغا كىردى، بىزمۇ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئۇزاتتۇق. گەرچە كونكرېت كىمگە ياردەم قىلغانلىقىمىزنى بىلمىسەكمۇ، ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ياردىمىمىزگە ئېرىشكەن شۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى كۈنلەرنى تىلىدۇق.
ئەسلى گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى تاختىغا خىزمەت پىلانى، خىزمەت خۇلاسىسى ۋە باشقا ئىش-پائالىيەت خاتىرىسى قاتارلىقلارنى چاپلاپ، ئۆز خىزمەت ئەھۋالىنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاپ تۇرىدۇ. بۇ خىل «ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئاشكارىلاش» ئىشى ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. پۇقرالار بۇ ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپىدۇ. زۆرۈر تاپقانلار ھۆكۈمەت خىزمىتىگە مۇۋاپىق پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ.
لېكىن، بۇ تاختىلاردا ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك بولمىغان خىزمەتلەرمۇ ئاشكارىلىنىپ، بەزى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتى يەر بىلەن يەكسان قىلىنماقتا. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى نازىنىننىڭ مەڭزىگە چىققان سۆگەلدەك خىرەلەشتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئىش ئاھالىلەر-كومىتېتلىرىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان، نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان ئاھالىلەرنى سۈرىتى بىلەن قوشۇپ ئاشكارىلاش ئىشىدۇر.
بەلكىم، ئاھالىلەر كومىتېتى بۇ كىشىلەرنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق، «باشقۇرۇش رايونىمىزدا مۇنداق ئاھالىلەرمۇ بار، بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدۇق. باشقىلارنىڭمۇ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېمەكچىدۇ!؟…
ھېيت-بايراملاردا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر تەۋەلىكىدىكى پېنسىيەگە چىققانلارنى، ياردەمگە موھتاج غېرىب-غۇرۋالارنى يوقلاپ، ئۇلارغا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭمۇ ھېيت خۇشھاللىقىنى بىللە سۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
بۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنى ئىنتېرنېت، تېلېۋىزور، رادىيو ، گېزىت-ژۇرناللاردىن ئىشىتكىنىمدە رەھبەرلەرنىڭ ئەمەل تۇتقاندا پۇقرالارنى ئۇنتۇماي يوقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خۇرسەن بولىمەن، ئۇلارغا تېخىمۇ كاتتا مەرتىۋىلەرنىڭ نېسىپ بولۇشىنى تىلەيمەن.
لېكىن…
ئۆرىلەي دەپ قالغان نەچچە ئېغىز ئەبجەق ئۆي، توپا ئۆرلەپ تۇرغان كونا كىگىز، چىۋىن گىژىلدىغان قازاندىن باشقا روزغارى يوق شۇ ئاۋارىلەر «رەھمەت» دەپ مىننەتدارلىق ياشلىرىنى تۆكۈپ تېلېۋىزور ئېكرانىدا، گېزىت بەتلىرىدە پەيدا بولغىنىدا، ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ كەينىدە يەنە بىر جۈپ كۆزى باردەك، تۆككەن ياشلىرى مىننەتدارلىق ئۈچۈن ئەمەستەك ھېس قىلىمەن.
نېمە، ئىشەنمەيۋاتامسىز؟ بىزدەك شەھەردە ياشاپ يالغان كۈلۈشكە، يالغان يىغلاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنلەرنىڭ بۇنى سېزىشى تەس. ئىشلارنى پاك دېھقاننىڭ كۆزىدە، جاپاكەش ئىشچىنىڭ كۆزىدە، ئىمانى ئەركەك زىيالىينىڭ كۆزىدە، قىسقىسى بۇلغانمىغان ئەقىل، پەردىلەنمىگەن كۆزدە كۆزىتىپ باقسىڭىز نۇرغۇن ئىشلارنى ھېس قىلىسىز. نەچچە يىل كۆزى تۇتۇلۇپ، جاھاننى كۆرەلمىگەن ئەما كىشىنىڭ تۇيۇقسىز كۆزى ئېچىلىپ، «ۋاھ…» دېگىنىدەك ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە مەن ئىشىنىمەن.
قىستۇرما: بورتالادىن چىققان ساخاۋەت ئىگىسى ئەيساجان نىزامىدىن (ۋاپادارىم 912) نىڭ «بىر سوم پىلانى» نى 2006-يىلىدىن تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىگە تەھسىن ئوقۇيمەن. «بىر سوم پىلانى» نىڭ يىللىق خۇلاسىسىدىكى «پالانى يەردىكى بىر كىشىگە مۇنچە يۈەن ياردەم قىلدۇق، پالانى مەكتەپتىكى بىر ئوقۇغۇچىغا مۇنداق ياردەم قىلدۇق» دېگەن بايانلارنى ئوقۇغىنىمدا، ياردەمگە ئېرىشكەنلەرنىڭ نامىنى ئاشكارىلىماسلىق بىلەن ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى كۆتۈرگەن بۇ يىگىتنىڭ قوللىرىنى غايىبانە سىقىمەن: «ئاتاڭغا رەھمەت ، يىگىت!»
خۇلاسە كالام، ئىنسان ئۈچۈن بىر باك ماي، بىر خالتا گۈرۈچكە قارىغاندا ئىنسانىي غۇرۇر تېخىمۇ مۇھىمراق. باشقىلارغا ياردەم بېرىش بەدىلىگە ئۇلارنىڭ غۇرۇرى، ئىززەت-ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنمىغاي. ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان ياردەملىرىمىز ئەكس ئۈنۈم بەرمىگەي، ئاتىلار سۆز بىلەن ئېيتقاندا، «ئوڭ قولۇڭ قىلغان ياخشىلىقنى چەپ قولۇڭ بىلمىگەي» …
تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (خاتىمە)
ۋاقتى: 2011-يىلى 17-ئىيۇل 08:28
مىنىڭچىمۇ بۇنداق ئىشلارنى خەۋەرلەردە سۆزلەپ ، ئاشۇ ئازغىنە ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەرنى قاتار قىلىپ تىزىپ ھەممە ئادەمگە سازايى قىلىش دۇرۇس ئەمەس .
ۋاقتى: 2011-يىلى 27-ئىيۇل 19:31
سىزنىڭ ئويلىغىنىڭزمۇ بىر ھېساپتا توغرا،بىراق بىزنىڭ ناھىيىدىكى مەھەللە كومتىتلىرىنىڭ سېكىرتارلىرىنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىش كېنىشكىسىدىن 5-6سى بار(ئۇمۇ ھېچنىدىن خەۋىرى يوق پۇخىرالارنىڭ نامىدا بېجىرىلگەن كېنىشكىلەر)ئەگەر سىز دىگەندەك ئاشكارلاش بىزنىڭ ناھىيىدىمۇ بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.
ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاۋغۇست 14:39
ھەي نىمە دېگۈلۈك ھەر ئىش لايىقىدە بۇلغىنى تۈزۈك